شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قاتار زىيارىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ئەللامە، ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ جىنازىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قاتارغا بارغان ئۇستاز مەھمۇدجان داموللامنىڭ قاتار زىيارىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتى تەرىپىدىن ئۆز مىللى كىملىكى ۋە ئەدەبى ئەمگەكلىرى سەۋەبلىك قاماققا ئىلىنغان تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇر پەرھات تۇرسۇن 30-سىنتەبىر كۈنى شېۋتسيەنىڭ تۇچولسكى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشكەن.

بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 77-نۆۋەتلىك ئومۇمى قۇرۇلتىنيڭ بەشىنچى كۈنى بولۇپ، 190 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن دۇنيا رەھبەرلىرى دۇنيانىڭ تىچلىق ۋە بېخەتەرلىك، ئ‍نسان ھەقلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش، بايلىق ۋە تەرەققىيات قاتارلىق تېمىلاردا ئاممىۋى ۋە يەككە مۇزاكىرىلەرنى ئىلىپ بارىدۇ.

ئەلفىدار ئىلتەبىر، زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن. دىليار قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇر 18-سىنتەبىردىن 21-سىنتەبىرگىچە ئۈچ كۈن ئامېرىكا ئاق ساراي ئالدىدا ئاچلىق ئىلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قارار لايېھەسى سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى،ئۇلار ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى-ئۇيغۇرىيە تېلېۋزىيەسى ئارقىلىق نىمە دەيدۇ؟

19-سىنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لاگىر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت، گۈلزىرە ئاۋۇلقان ،ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئابلىكىم ئىلتەبىر، داىسى لاگىرغا سولانغان دىليار سەيفۇللا قاتارلىقلار پايتەخت ۋاشنگىتوندىكى ئاق ساراي ئالدىدا، لافايەت باغچىسى تەرەپتە، ختتاينىڭ شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇرستان غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە يۈرگۈزىۋاتقان ئاچ قويۇش ۋە باشقا قىرغىنچىلىق سياسەتلىرىگە قارشى ئاچلىق ئىلان قىلىش نامايىشى ئىلىپ باردى.

«ئۇيغۇر ۋە قازاق ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەر»نى قىرغىن قىلىۋاتقان ختتاي كومپارتىيسى سېكىرتارى شى جىن پىڭ قازاقستان زىيارىتىدە، توقايىۋنىڭ ئەڭ ئالى دەرىجىدە كۈتۈۋىلىشغا ئېرشتى ، توقايىۋ ئۇنىڭغا قازاقستاننىڭ ئەڭ ئالى مەرتېۋىلىك دۆلەت مېدالى «ئالتۇن قىرال»مۇكاپاتىنى بەردى؛

ئۆزلىرىنى ئالمۇتا ئوبلاستىدىن ،قازاق خەلقىنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇشتۇرغان بىر تۈركۈم قازاق ياشلىرى ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى، «ئۇيغۇر»دىگەن ئىسمگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، قازاقستان قازاقلارنىڭ زېىمىنى ئىكەنلىكىنى، قازاقلار يىللاردىن بىرى باشقا مىللەتلەرنىڭ بوزەك قىلىشغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقستان زېىمىندا «ئۇيغۇر»ئىسمى بىلەن يېرى بولۇشنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ياخشىلىق قىلغۇچىنى ئۇنۇتماسلىقى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ۋىدىئو قانىلى-ئۇيغۇرىيە تېلېۋزىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىدىئو ئامبىرى بولىدۇ.مەزمۇن دائىرسى-ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەر قانداق ئەھمىيەتلىك، سۈپەتلىك ۋىدىئولارنى يوللاشقا بولىدۇ.كونېكرىت دائىرسى: خەۋەر، سياسى ھەرىكەت، ۋەتەندىن سادا، لېكسيە، مەدەنىيەت، ختتاي مېدىياسى، ئىجېتىمائى ھەرىكەت، ئوتتۇرا ئاسيا، دىن، خەلقئارا ۋەزىيەت، قىرغىنچىلىق، شەخسلەر قاتارلىق تېمىلاردا بولىدۇ.

ختتاي دائىرلىرى ئۆتكەن بەش يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ۋە تىز سۈرئەتتە ئاسسلماتسيە قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا بولۇپ، ئۇيغۇرستان شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ختتاينىڭ شەھەرلىرىدىكى ختتايلار بىلەن نۇقتىلىق ھالدا تۇققانلاشتۇرۇش ھەرىكىتنى قانات يايدۇرغان.