دۇنيا ئۇيغۇر ھەمكارلىقىدا، 2022-يىلى قۇرۇلتىيى مائارىپ كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتىنىڭ 8- يانۋار شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ئىشخانىسىدا ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە دەرسلىك كىتاب ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوتسېنت دىلنۇر قاسىموۋا، دوتسېنت راھىلە قەشقىرى ۋە دوكتور مەغپىرەت كامال قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ياش زىيالىيلار بولۇپ 15 كىشى قاتناشتى.

ئۆزبېكىستان دۆلەت كونسېرۋاتورىيەسىنىڭ دوتسېنتى، مىللىي مۇزىكا سەنئىتىنىڭ يېتۈك تەتقىقاتچىسى، سەنئەتشۇناسلىق ئىلمى دوكتورى، شاگىرتلارنىڭ ئۇستازى، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەربابى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەكرەم ھاشىموف ئەپەندىنىڭ 9-يانۋار 59 يېشىدا ۋاقىتسىز ۋاپات بولۇشىغا قايغۇرىمىز،

ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر قىزى پىداكارئىنقىلابچى ، شائىرە زەينۇرە ئىيسا بىر ئۆمۈر قەلبىگە پۈككەن ئارزۇ ئارمانلارنى قالدۇرۇپ، 2022-يىلى 1-ئاينىڭ8-كۈنى كىسەل سەۋەبى بىلەن ئىستامبۇلدا ۋاپات بولدى.

ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىدىن «لييۇ يوۋ ا مەپ »نىڭ خەۋەر قىلىشچە، قازاقستان ۋە خەلقئارا جامائەت قازاقستان ھۆكۈمىتى تىلغا ئالغان چەتئەللىك تىرورچىلار كىم ئىكەنلىكىنى كۆرستىشنى تەلەپ قىلغاندىن كىين، قازاقستان دۆلەتلىك تېلىۋزىيەسى تۇنۇگۇن كەچتە قىرغىزىستانلىق داڭلىق ئۇيغۇر مۇزىكانىت ۋىكرام رۇزاخۇنۇفنى تۇتقۇن قىلغان ۋىدىئونى كۆرسەتكەن بولۇپ،رۇزاخۇن بىرسنىڭ ئۆزىگە 200 دوللار بىرىپ نامايشقا قاتنششقا سورىغانلىقىنى ئىقرا قىلغان دىگەن.رۇزاخۇن داڭلىق ۋە پۇلدار كىشى بولۇپ، قىرغىزستاندا جاز مۇزىكىسى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ نامى چىققان، دايىم قازاقستان ئالماتاغا بىرىپ ئويۇن قويىدۇ.

قازاقىستان پرېزىدېنتى: ساقچى ۋە ئارمىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن ئەھۋالدا ئوق چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۈم

ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» باش تېما قىلىنغان ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرى، ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىماقچى.

3-يانۋار قازاقىستاننىڭ جاناۋزېن (Janauzen) شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى باشلىغان نامايىشى قىسقىغىنە 2كۈن ئىچىدە پۈتۈن قازاقىستاندىكى سەككىز چوڭ رايونغا كېڭەيگەن. نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى شۇنداقلا قازاقىستان مىللىي رەھبىرى نۇر سۇلتان نازاربايېفنىڭ مۇتلەق ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.