2022-يىلىدا ئۇيغۇر ھەققى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان فىرانسۇز دوستلارنىڭ تىزىملىكى

2022-يىلىدا ئۇيغۇر ھەققى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان فىرانسۇز دوستلارنىڭ تىزىملىكى

  2022-يىلىدا ئۇيغۇر ھەققى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان فىرانسۇز دوستلارنىڭ تىزىملىكى
  
  ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى27-دېكابىر
  
  ئارمان 
  
  ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئاكتىپ رول ئوينىغاندىن سىرت يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر بولمىغان شەخس ۋە كوللېكتىپلار تىنىمسىز ھالدا مېھنەتسىز خىزمەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولدى. ئەلۋەتتە بۇ خىلدىكى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدە ئالدى بىلەن فىرانسىيەدە جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرى، گۈلباھار خاتىۋاجى، گۈلباھار جېلىلوۋادەك تىرىك لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا بېرىۋاتقان گۇۋاھلىقلىرى، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى»، «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى»، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» فىرانسىيە تارمىقىغا ئوخشاش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان كونفېرانس، نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى قاتارلىق ئامىللار مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. 

ماۋزۇدا تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، فىرانسىيەدە يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر بولمىغان شەخس ۋە ئورگانلار ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلدى. 2022-يىلى ئاخىرلىشىش پەيتىدە، «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» بۇ ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ تىزىملىكىنى يىغىپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنى تارىخ بەتلىرىگە خاتىرىلەپ قويۇشنى مەجبۇرىيىتىمىز دەپ تونۇپ تۆۋەندىكى تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقتۇق. (ئەسكەرتىش: بۇ تىزىملىكنىڭ ئالدى كېيىنلىك رەت تەرتىپى يوق)

1. رافائېل گلۇكىسمەن(Raphaël Glucksmann)

فىرانسىيەدە تۇغۇلغان. ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل ھالدا قاتتىق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ يېقىنقى 4 يىلدىن بېرى مەيلى فىرانسۇز تىلىدىكى خەۋەر قاناللىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بولسۇن توختىماي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىپ كەلدى. ياۋروپا پارلامېنتىدا، فىرانسىيەدىكى سىياسىي يىغىلىشلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نۇتۇقلارنى سۆزلەپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئۇ  ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» بىلەن ھەمكارلىشىپ فىرانسۇز ياشلار ئارىسىدا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. رافائېل گلۇكىسمەن ئەپەندىم  2022-يىلى يانۋاردا فىرانسىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نى تونۇتۇش قانۇن لايىھىسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا كۆپ كۈچ چىقاردى. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە  يەنە فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى نامايىش، يىغىنلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى ھەم قوللىغۇچىسى.

رافائېل گلۇكىسمەننىڭ يۇقىرىقىدەك بىر قاتار پائالىيەتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق ئۆچ ئېلىشىغا دۇچ كەلدى. نەتىجىدە 2021-يىلى22-مارت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇ قاتارلىق 10 نەپەر ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسىغا قارشى جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2. ئولىۋىيېغ فوئۇغ(Olivier Faure)

فىرانسىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتا ئەزاسى، فىرانسىيە سوتسىياللار پارتىيەسى ئەزاسى. 2022-يىلى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قانۇن لايىھىسىنى ئاۋام پالاتادا سۇنغان كىشى. 2021-يىلى نويابىردا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قانۇن لايىھىسى فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى مەلۇم پارتىيەلەر تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن نامدا دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ پارلامېنتقا سۇنۇلىدۇ. ئولىۋىيېغ فوئۇغ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، شۇنداقلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ھەقىقىي تۈردە يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» بىلەن ھەمكارلىشىپ قانۇن لايىھىسىنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىپ پارلامېنتقا سۇنىدۇ، شۇ جەرياندا پارلامېنتتا لاگېر شاھىتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىككى قېتىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاچىدۇ. نەتىجىدە 2022-يىلى 20-يانۋار كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىدا بۇ قانۇن لايىھىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەستىقتىن ئۆتىدۇ. ئولىۋىيېغ فوئۇغ ئەپەندىممۇ فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى نامايىش ياكى باشقا پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

3.ماكسىمىلىيەن پۇلەڭ (Maximilien Poulain)

تارىخ ۋە سىياسەت پەنلىرى ئاسپىرانتى، فىرانسىيەدىكى «ياشلار ئۇيغۇر ئۈچۈن»  Youth For Uyghurs گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» ئەزاسى. ئۇنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مېھنەتسىز ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان فىرانسۇز ياشلارنىڭ ئەڭ ئالدى دېسەك خاتالاشمايمىز. فىرانسىيەدىكى ياشلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈشىدە ئۇنىڭ تۆھپىسى ناھايىتىمۇ زور. ئۇ فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا رىياسەتچى بولغان، پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قانچە قېتىملىق چوڭ تىپتىكى نامايىشلارنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى، ئىنستاگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلىرى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ.

4. ماكسىم رىبەس (Maxime Ribes)

فىرانسۇز ياش، پارىژ شەھىرىدە ياشايدۇ. ئۇ 2018-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئاڭلىغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ھەرقانداق بىر نامايىشنى تەرك ئېتىپ باقمىغان. ئۇ ھەر دائىم بېشىغا بادام دوپپا، مۈرىسىگە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئاسقىنىچە نامايىش مەيدانىغا ھەممىدىن بالدۇر كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تور بەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەشۋىقاتىنى توختاتماي قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە فىرانسىيەدىكى بارلىق ياشلارنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن چاقىرىشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلمەكتە.

5. ئوسمان ئەسلىپاك (Osman Aslipak)

فىرانسىيەدە تۇغۇلغان ئەسلى تۈرك ئەۋلادى(ئۆزىنىڭ دېيىشىچە مومىسى ئۇيغۇر ئىكەن) بولغان ئوسمان ئەسلىپاك پارىژ شەھىرىگە يېقىن مۆلەڭ شەھىرىدە ياشايدۇ. ئۇ «مۆلەڭ  ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» (MelunForUyghurs) گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، بۇ گۇرۇپپىدىكى ياشلار ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئاكتىپ ھەرىكەتلەرنى قىلىپ كەلمەكتە. ئوسمان ئەسلىپاك 2022-يىلى كۈز ئايلىرىدا تور دۇنياسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش سىياسىتىنى پاش قىلىپ قىسقا فىلىم ئىشلەيدۇ. بۇ فىلىم «ئەلجەزىرە» تور قانىلى ئارقىلىق كەڭ تۈردە تارقىتىلىپ قىسقا ۋاقىت .ئىچىدە چېكىلىشى مىليون قېتىمدىن ئېشىپ فىرانسىيە جامائەتچىلىكىدە قىزغىن مۇنازىرە قوزغايدۇ. ئۇ مەزكۇر فىلىمدا مۇنداق دەيدۇ: « يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن بىلىشىمىزچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئاچارچىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تېررىتورىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش «كورونا» ۋىرۇسى باھانىسى بىلەن پۈتۈنلەي قامال قىلىندى. بۇ بىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، مەنچە ھەممىمىز بىرلىكتە بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك….ئۇلارنىڭ ئاچ قېلىشىنىڭ سەۋەبى، بېرىلگەن يېمەكلىكنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىدە. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشى مۇتلەق چەكلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىكلىرى زەنجىرلەر بىلەن قامال قىلىندى، سىن فىلىملاردا كۆرگىنىمىزدەك توڭلاتقۇلار قۇپقۇرۇق، بالىلار ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە، يىغلىماقتا…ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر كۈندە قالدى. خىتاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى بولسا ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش، چۈنكى ئۇلار تۈركىي خەلق، ئۇلار مۇسۇلمان (خىتاي بىلەن پەرقلىق دېمەكچى) خىتاي ئۆزىنىڭ يىپەك يولى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بۇ تۇپراققا ئېھتىياجلىق، بۇ تۇپراق بولمىسا ئۇلار ھېچنېمە قىلالمايدۇ…خىتاي بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا خېلى كۈچلۈك. ئويلىشىمچە، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايغا يۆلىنىپ قېلىپ ئاللىبۇرۇنلا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقنى يوقاتتى.» 

6. پارىژ شەھىرى مۇئاۋىن باشلىقى: ژاڭ لۈك غومېغو مىشەل(Jean-Luc Romero-Michel).

پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت كابىنېتى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقان ژاڭ لۈك غومېغو مىشەل ئەپەندىم يىللاردىن بۇيان پارىژدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىش پائالىيەتلىرىنى قوللاپ ئىزچىل قاتنىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. 2021-يىلى 12-نويابىر (شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنى) پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ ئېكران ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىغا سىمۋول قىلىنغان كۆك رەڭگە بويالدى. بۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا ژاڭ لۈك غومېغو مىشەل ئەپەندىمنىڭ تۆھپىسى ناھايىتىمۇ چوڭ. شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ئۆزىمۇ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىكى مەيدانغا كېلىپ نامايىشقا قاتناشتى. 2022-يىلى 3-دېكابىر پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» يۈرۈشلۈك نامايىشىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ۋەدە بېرىپ «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» ئۈچۈن پارىژ شەھىرىدە چوقۇم بىر ئورۇن ئاجرىتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 

7. ژاڭ باپتىست مىشەل رەد (Jean-baptiste Michel Redde)

فىرانسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن توختىماستىن ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان فىرانسۇز ئاكتىۋىست. ئۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى پارىژ شەھىرىدە بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئورۇنلاشتۇردى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ھەرقانداق نامايىشقا ئۆزى ياسىغان: «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات! ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان يوغان نامايىش تاختىلىرىنى كۆتۈرۈپ قاتنىشىپ كەلدى. نامايىش مەيدانىدا ئۇ ھەر دائىم مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ، فىرانسۇز تىلىدا دۇنيا خەۋەر قاناللىرىدا ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلدى. 

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەردىن باشقا يەنە فىرانسىيەدىكى سىياسەتچىلەردىن: سېناتور داۋىد ئاسولىن(David Assouline)، سېناتور ئاندرېي گاتولەڭ (André Gattolin)، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى يانىك جادوت (Yannick Jadot) قاتارلىقلارمۇ فىرانسىيەدىكى جۈملىدىن ياۋروپادىكى ھەرقايسى سىياسىي سورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىزچىل ئاۋاز چىقىرىپ كەلدى. 

«ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق ئۇيغۇر دوستلىرى ئۈچۈن چىن كۆڭلىمىزدىن تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ يېڭى بىر يىلدا بارلىق ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمىز. شۇنداقلا 2023-يىلىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ تىزىملىككە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىيە ھەربى دائىرلىرى تونۇلغان ئۇيغۇر دىنى ئالىم ئابدۇللا ئابدۇلھەمىت قاراجىمنى تۇتقۇن قىلدى

سە دېكابىر 27 , 2022
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا تۈركىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىللاردىن بىرى تۈركىيەدە مائارىپ-تەشۋىقات خىزمىتى،دىنى تەبلىغ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشەببۇسلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر دىنى ئالىم ئابدۇللا ئابدۇلھەمىت قاراجىمنى تۇتقۇن قىلغان.

You May Like