ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى -ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان تەرىپىدىن 2018-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پايتەختى ۋاشنگىتوندا تېزىمغا ئالدۇرۇلۇپ قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ تىللىق مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىسى. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-پايدا ئالمايدىغان تەشكىلى ئورگان بولۇپ، ئاممىۋى قوللاش ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ

تاشقى مۇناسۋەت ژۇرنىلى ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق خەلقئارا مۇناسۋەت ۋە سياسەت ژۇرنىلى بولۇپ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق سياسەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسلەر توپلاشقان ياكى دىققەت قىلىدىغان مەنبەلەردىن بىرى.مەزكۇر ژۇرنال-ختتايغا قارشى قاتتىق قوللار تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ،ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ ماقالە ئىلان قىلغان مىديالاردىن ھسابلىنىدۇ.

  : 7-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركمەنىستان ۋەكىلى ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 47-قېتىملىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ خوڭكوڭ، شەرقى-تۈركستان-ئۇيغۇرىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ ختتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى. ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۈزۈندە: رېن خۇۋاغا ئوخشاش ختتاي ئەمەلدارلار -ختتاينىڭ شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇرىيەدىكى مۇستەملىكە-قىرغىنچىلىق-بۇلاڭچىلىق سياستىنىڭ نامايەندىسى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىكى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغاندىن كىيىن، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە قۇرۇلتاينىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن بولۇپ 40 تىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى، 5 خىزمەت كومىسسىيونىغا بۆلۈنۈپ ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىنى رەسمىي يوسۇندا باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (دۇق) 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيە پايتەختى پراگادا ئۆتكۈزىلىدۇ ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى دۇق تەركىۋىدىكى ۋە ياكى دۇق بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئاۋازى بىلەن سايلاپ چىقىلىدۇ.

ئ‍سرائىلىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئەنگىلىيە يەھۇدى ساخاۋەت تەشكىلاتى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات»ناملىق ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا 125 مىڭ دوللار (90مىڭ فوندى ستېرلىڭ)ياردەم قىلغان.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى رەھىمە ماھمۇت مۇنداق دىگەن: