«ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» (The War on the Uyghurs) دېگەن بۇ كىتاب ئاخىرى قولۇمغا تەگدى.
كىتاب ئاپتورى شان روبېرتس Sean R. Roberts جورج ۋاشىنگتون ئۇنۋېرسىتىتى ئېللىئوت خەلقئارا ئىشلار مەكتىپى خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى.

ئامېرىكا 2020-يىللىق پىرەزدىنتلىق سايلىمى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىلىپ بىرىلىدۇ.جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسنىڭ نامزاتى،ھازىرقى پىرەزدىنت دونالد تىرامپنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدالىرى 25-ئاۋغۇتس ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق »دەپ ئاتىماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىين، دىموكراتلار پارتىيسنىڭ نامزاتى جوۋ بايدىننىڭ سايلام ئەترىتىمۇ بانايات بىرىپ،ختتاينىڭ .ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسى ئوچۇق «ئىرقى قىرغىنچىلىق »دەپ ئاتىغان.

ئامېرىكا دىپلومات سىياسىي ژۇرنىلىنىڭ «خىتاي ئۇيغۇر زۇلۇمى مەسىلەسىدە تۈركىيەنىڭ سۈكۈت قىلىشنى پۇلغا سېتىۋالدى» سەرلەۋھەلىك ماقالەسىدا، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومىسسارى ، ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ مۇنداق سۆزى نەقىل قىلىنغان:

تۈركىيە ئېنېرگىيە خادىملىرىنىڭ ئەنگلىيە رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە قارا دېڭىز رايونىدا زور گاز بايلىقى بايقىغان بولۇپ، بۇ بايلىق تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە چەتئەلگە تايىنىشنى زور دەرىجىدە ئازلىتىدىكەن.

ئالدىنقى ھەپتە، «زىمىستان» تورىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىغىنى قوللىغۇچى 37 دۆلەتنىڭ سېپىگە يەنە 13 دۆلەتنىڭ قوشۇلغانلىغى ھەققىدىكى ماقالە شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر، ئېنگلىز ۋە خىتاي يېزىقلىرىدا يېزىلغان تىزىملىگى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئىنسان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا كىشلىك ھۇقۇقىدىن مەھرۇم ياشىماقتا. لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋەتەن سىرتىدا ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا، گېزىت – ژورنال مۇخبىرلىرىغا ۋە كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرىغا توختىماي ئىلتىماس سۇنۇۋاتىدۇ

                                           2020-8-14     ھەبىبۇللا ئىزچى      ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى 12- ئاۋغوستتىن باشلاپ دۇنيانىڭ پەرقلىق يەرلىرىدە خىتاي كونسۇلى ئالدىدا بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر ۋەتەندىكى ئېز دېرىكىنى ئالامىغان تۇققانلىرىنىڭ رەسمىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى. گوللاندىيەدە پائالىيەتچى ئابدۇرىېھىم غېنى ئۈچ كۈندىن بېرى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك  نامايىش قىلىۋاتقان بولۇپ ،ۋەتەندىكى يوقاپ كەتكەن تۇققانلىرى ھەققىدە يىللاردىن بېرى […]

2020 – يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى تاشقى سودا بازىرى چېگرا رايون پورتىدا شىركەت ئاچىدىغان بىر ئۆزبېكىستانلىق ياش زار –زوردا مىڭبىر مۇشەققەت بىلەن ئۈرۈمچىدىن يۇرتى فەرغانە ۋادىسىغا قايتتى.

يېقىندا نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى، نوپۇزلۇق شەخسلەر ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار بىر قېسم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا «ئۇيغۇر»دەپ تارقىتىۋاتقان نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسۋەتسز ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ، ۋىدىئو تارقاتقاندا ئەستايىدىل بولۇشمىزنى جىددى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خەۋەر بۆلۈمى ئەنگىلىيە ب ب س قانىلى ئىشلىگەن مەردان غاپپار توغرۇلۇق خەۋەرگە قارىتا، ب ب س نى « زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئ‍ۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ، تۈرمىلەردە قىيناۋاتقان كۆرسىىتىپ قارا چاپلىغان» دەپ رەددىيە بەردى.

بۈگۈن ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا ئۈستىللىرىگە خىتاي جازا لاگىردىكى مەھبۇسلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، قول – پۇتلىرىغا زەنجىر كىشەنلەرنى تاقىغان ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتكەن ياكى جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ رەسىملەرنى ئېلىپ، تۈركچە، خىتايچە، ئىنگىلىزجە، ئەرەپچە تىللاردا ئاشكارە گۇۋاھلىق ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە تېلېۋىزىيە قاناللىردىن بىرى بولغان Akit TV قانىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەھنە ھازىرلىدى.
پىشقەدەم ژورنالىست، مۇخبىر ، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان Akit TV نىڭ يەكشەنبە كەچ سائەت 9.00 دىكى نەق مەيدان سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق دىلنۇر رەيھان خانىم فىرانسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گىزىتى «دۇنيا» گىزىتىدە ئىلان قىلىنغان :« فىمەنىستلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللارغا قاياش بولۇشىنى تېخىچە ساقلاۋاتىمەن» ناملىق ماقالە مەزكۇر گىزىتنىڭ باش بېتىدە ئىلان قىلىنغان بولۇپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان. «دۇنيا گىزىتى» فىرانسىيەدىكى ئوڭچىل- سولچىل تەرەپلەر بىردەك ئىتراپ قىلىدىغان دىلنۇر خانىم يازغان ماقالە ئالاھىدە تەسىر قوزغاپ، ھەتتا تىلىفۇنلارغا كىلىدىغان «دۇنيا» گىزىتى خەۋەرلىرىنىڭ باش تىزىملىكىگە تىزىلغان.

يىقىندىن بۇيان فىرانسىيەنىڭ خىتايغا بولغان مۇئامىلىىسدە ۋە ئۇيغۇرغا بولغان مۇئامىلىسىدە ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ. فىرانسىيەدىكى سولچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ گىزىتلىرىدىن«ئازاتلىق» گىزىتى «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولىۋاتىدۇ» دىگەن تېمىدا باش بەت ماقالىسى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئالاھىدە تەسىرى بولغان

190 دىن ئارتۇق تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىغا قارشى بىرلىك ھاسىل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان بارلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار سودا ۋە كارخانىلاردىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى. مەزكۇر بىرلىكنىڭ تور بەت ئادرېسىغا :« ئۇيغۇر ئىشچى قۇللۇقىغا خاتىمە!» دەپ يېزىلغان.

ئامېرىكا باش ئەلچىسى داۋىد ستاففىلد 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنقەرە باش ئەلچىلىكىدە زىيارەتتە بولغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سەييىد تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.