ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2018-12-21
ئالىم- ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ھەر بىرىنىڭ ماختاشقا تىگىشلىك ئىش- ئىزلىرى كۆپ، خەلقنىڭ كۆڭۈل تۆرىدە ماقامى ئۈستۈندۇر. تۆۋەندىكى تاللاشتا ئىلمىي خىزمەت ۋە خاسلىق ئاساس قىلىندى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا زىيادە مەدھىيە ئوقۇلماستىن، ئۇلارنىڭ خەلقىمىزگە ھەدىيە ئەتكەنلىرىنىلا تىلغا ئالدۇق.
ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ: پىشقەدەم ئۆلىما،»تەپسىر جەۋھەرلىرى»، » قەلەم ئىلھاملىرى» مۇئەللىپى
ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى: مەرىپەت ژورنىلى مەسئۇلى، تۈركىستان تايمىس تور بىتى مەسئۇلى، جىددە رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمى دىكتورى
دوكتۇر ئابدۇلئەزىز: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى، پەتىۋالار مەجمۇئەسى يازغۇچىسى
دوكتۇر ئابدۇراھمان كاشغەرى: تەپسىرشۇناس، ئىسلاھاتچىل ئىسلامىي ماقالىلەر مۇئەللىپى، تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى ئەرەپچە تەرجىمىسىنىڭ مۇھەررىرى.
دوكتۇر ئالىمجان بوغدا: سۈتچى ئىمام ئۇنىۋىرسىتى ئوقۇتقۇچىسى، » تارىخى ماتىرىياللاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى.
ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى: ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى قۇرغۇچىسى، داڭلىق دەۋەتچى
ئەلىئەكبەر داموللام: ئىسلاھاتچى ئۆلىما، ئەنقەرەگە يۈرۈش جامائەت كارۋىنى تەشكىللىگۈچىسى
دوكتۇر بورھان سايتى: ئىسلام ئىقتىسادشۇناسلىقى مۇتەخەسىسى، تۈركىيە ئىسلام ئىقتىسادى ژورنىلى مۇھەررىرى، ئۇيغۇر مىللى ۋەخپى قۇرغۇچىسى.
ئابدۇلھەپىز مەخسۇم: ئاچىل گۇرۇپپىسى، ئاچىل ئويغۇنۇش كۇرسى، ئاچىل چايخانىسى تەشكىللىگۈچىسى، پىروگرامما ئىنجىنىرى، ئىسلامىي چۈشەنچە ئاقارتىش تەرەپتارى
مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرى: ئەلجەزىرە گىزىتى تەكلىپلىك مۇخبىرى، 21- دىكابىر ھىندونوزىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم چاقىرىقى نامايىشىغا مۇھىم رول ئوينىغان ھەيدەكچىلىرىدىن بىرى.