2018-يىلى ئۇيغۇرلارغا ئائىت 10پارچە رەسم

ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى ئادىل ۋە ئوبىكتىپ پاكىتلار ئاساسدا شۇ يىلدا ئەڭ تەسرلىك ياكى كۆپ كۆرۇلگەن ، مەلۇم رىئاللىقنى كۇچلۇك ئەكىس ئەتتۇرگەن،ئەستە قالارلىق سۇرەتلەرنى تاللاپ ئىلان قىلدى.

1-مانا بۇ جازا لاگىرى !

2018-يىلى ئۇيغۇرلارغا ئائىت 10پارچە رەسم

ئاپتورى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى ئادىل  ۋە ئوبىكتىپ پاكىتلار ئاساسدا شۇ يىلدا ئەڭ تەسرلىك ياكى كۆپ كۆرۇلگەن ، مەلۇم رىئاللىقنى كۇچلۇك ئەكىس ئەتتۇرگەن،ئەستە قالارلىق سۇرەتلەرنى تاللاپ ئىلان قىلدى.

1-مانا بۇ جازا لاگىرى !

لاگىر ھەققىدە تارتىلغان بۇ سۇرەت 2018-يىلى ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كىين بارلىق ئنسانى ھوقۇق تەشكىلاتلىرى،ھۆكۈمەتلەر لاگىرنى تەسۋىرلەشتە ئشلىتىدىغان ئورتاق رەسم بولۇپ قالدى.

مەزكۇر رەسمنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتى تولۇق ئىنىقلانمىسمۇ ئەمما لاگىر ياكى ئاتالمىش تەربىيلەش مەركىزى ئىكەنلىكى ئسپات بەرگۇچىلەرنىڭ ئسپاتى ئاساسدا ئىنىقلاندى.

2-مەن سەن بىلەن توي قىلىشنى خالىمايمەن!

ئۇيغۇر ئەرلىرى لاگىرلارغا قامالدى،ئۇيغۇر قىزلىرى ختتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاندى.مەجبۇرى ھالدا ختتاي ئەر بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر قىزنىڭ يىغلاۋاتقان بۇ  رەسمى بۇ تارىخى رىئاللىقنى ئەڭ ياخشى ئەكس ئەتتۈرگۈچى پاكىت بولۇپ قالدى.

3-ئاھ ،بالام !

ئاتا-ئانىسدىن ئايرىلغان بىگۇناھ بالىلار يۇرەكلەرنى پاران-پاراچ ئەتتى.

قوشۇمچە :ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى لايىھەلەپ،سزېىپ تارقاتقان «ئاھ ،بالام »ناملىق سزما رەسم ئىجتىمائى تاراتقۇدا تارقىتىلغاندىن كىين بىر ھەپتە ئىچىدە ئون مىڭلىغان كىشلەر تەرىپىدىن ئورتاقلىشپ،نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىلىپ بىرىلىۋاتقان زۇلۇمنى ئىپادىلەيدىغان تىپىك رەسملەردىن بىرى بولۇپ قالدى.

ئاھ بالام!
ئاھ بالام!

4-ئاپامنى ئېتۋەت،ئوقىنى مەن بىرىمەن !

ئاپامنى ئېتىپ بەر،ئوقنىڭ پۇلىنى مەن بىرىمەن
ئاپامنى ئېتىپ بەر،ئوقنىڭ پۇلىنى مەن بىرىمەن

قەشقەرلىك ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇراھمان ھەسەن 2018-يىلى 1-ئايدا تۇنجى قېتىم مېدىياغا سۇكۇتنى بۇزۇپ تاشلاپ لاگىرغا سولانغان ئانىسىنىڭ ئىغىر كۇنلىرى ئۇچۇن ختتاينىڭ ئاپسنى ئ‍تىپ بىرشنى تەلەپ قىلدى،بۇ سۇرەت ھىلىغىچە كىشلەرنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ.شۇنداقلا بۇ سۇرەت كىشلەرگە ئانىسى ،ئايالى ،پەرزەنتلىرى ئۇچۇن ئوتتۇرىغا چىقىشقا ئۇندەيدىغان چاقىرىق بولۇپ كەلمەكتە!

5-مەن مۇشۇنداق قىينالدىم:

مەن مۇشۇنداق خورلاندىم

قازاقستان پۇقراسى بولغانلىقى ئۇچۇن قويۇپ بىرىلگەن ئۆمەر بەك ئالى تۇنجى شاھىت بولۇپ ھسابلىنىدۇ، تۈرلۈك سورۇنلاردا، لاگىر ھاياتىدا كۆرگەنلىرىنى تەسۋىرلەپ،ئىلىپ بارغان چۇشەندۇرۇشلىرىدە،زەنجىر-كشەن بىلەن ئوتتۇرىغا چېقىپ،لاگىرنى ھەقىقى تەسۋىرلىدى.ئۇنىڭ ختتاي ئىدىيۋى تاجاۋۇزچىلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان چىراي ھالىتى غەرپ مىدياسدا چوڭقۇر تەسر قالدۇرغان.

6-مەن : ساقچىدىن مىنى ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدىم:

مىھىرىگۇل تۇرسۇننىڭ پىغانى

لاگىر ھاياتىنى باشتىن كەچۇرگەن ئۇيغۇر قېزى ،مسر پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بىرىلگەن مىھىرىگۇل تۇرسۇننىڭ مۇخىبىرلار ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ :مەن ساقچىدىن مىنى ئۆلتۈرۋەت -دەپ تەلەپ قىلدىم -دىگەن چاغدىكى سۇرىتى لاگىر قاباھەتلىرىنىڭ جانلىق سۇرەتلىرىدىن بىرى.

7-يالغۇز بايراق كۆتۈرگەن سالىھ خۇدايار

سالىھ خۇدايار ئوبرازى

كشلەر مەيلى نىمە دىسۇن،سالىھ خۇدايار ئالتە ئايدىن بىرى نامايىشنى داۋاملاشتۇردى.ئۇنىڭ بادام دوپپا كەيگەن ،ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسگە قاراپ تۇرۇپ شەرقى تۈركستان بايرىقىنى لەپىلدىتىپ تۇرغان  ئوبرازى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە بىر جەڭچى ئوبرازىنى ياراتتى .

8-يالغۇز كشىلىك نامايىش پىدائىسى :ئابدۇرىھىم غېىنى پورتىرىتى؛

يالغۇز كىشلىك نامايىش يالغۇز كىشلىك نامايىش

گوللاندىيە پۇقراسى،ئۇيغۇر يېگىتى ،تۇپراق تەتقىقاتچىسى ئابدۇرىھىم غېنى 2018-يىل ئوتتۇرىدا باشلىغان پايتەخت ئامستردام مەيدانىدا،سوغۇق-ئسىقتا پۇتۇن تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تەييارلاپ ئىلىپ بارغان يالغۇز كىشلىك نامايىشى قالدۇرغان ئوبرازى پۇتۇن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاپىرىن ئىيتېىشغا ئەرزىپ كەلمەكتە.

9-بايراق كۆتۈرگەن كۆك ماسكىلىق قىز

2018-يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ نامايىش قىلغان يىل بولۇپ ھسابلىنىدۇ،بۇ نامايىشقا خانىم-قىزلىرىمىز  ئاكتىپ قاتناشتى،ئۇلار ئ‍شلەتكەن بۇ نىقاب ئۇلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتى،ئىرادىسنى ئەكىس ئېتىپ بىرىدىغان كۇچلۇك بىر رەسم بولۇپ قالدى.

10-گۇگىلغا قارشى قىلىنغان نامايىش :

گۇگىلغا قارشى نامايىش

2018-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەڭ چوڭ تور تېخنىكا شركىتى گۇگىل ئىجرائىيە باش مۇدىرى سۇندار پىچاينىڭ ئامېرىكا قانۇنىغا ئالاقىدار مەسللەردە ئسپات ئاڭلاش يېغىنىغا چاقىردى.گۇگىل بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشپ بىر مىلىيارد دوللارلىق ئىزدەش تىخنىكىسى ئ‍شلەپ،ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئ‍نسانلارنىڭ ئۇچۇرىنى ختتايغا تەمىنلىمەكچى بولغان،يېغىن زالى  ئارقا ئىشكتىن كىرىپ قولىغا گۇگىل بىلەن ختتاي بايرىقى گىرەلەشكەن رەسمنى كۆتۇرگەن ئۇيغۇر يېگىتى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان-دەرھال پارلامنىت ئەزالىرى،ئاخباراتچىلار،زالدىكىلەرنى دىققىتىنى تارتقان ،مەزكۇر رەسم تىۋىتترى ،فايىس بۇك قاتارلىق تاراتقۇلاردا مىلىيونلارچە تارقالغاندىن باشقا گىزىتلەرگىمۇ چىققان.كىين گۇگىل ختتاي بىلەن ھەمكارلىقىنى بىكار قىلدى.

تولۇقلىما رەسملەر:

نامايىشچى سەبىيلەر!

تۇغۇلغاندىن بىرى،بوۋىسى-مومىسنى كۆرۇپ باقمىغان سەبىيلەر قوللىرىغا بوۋا-مومىلىرىنىڭ سۇرەتلىرىنى كۆتۇرۇپ نامايىش قىلماقتا.

گۇلچىھرە خانىمنىڭ گۇۋاھلىق سۇرىتى؛

ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۇم مۇخبىرى گۇلچىھرە خانىمنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە  ئۇرۇق-تۇققانلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقى پۈتۈن ئامېرىكا سياسى ساھەسى،تاراتقۇلار ۋە جامائەتكە ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كىلىۋاتقان كىرزسنى بىلدۇرىدىغان تارىخى مىنۇتلارنىڭ شاھىدى بولۇپ قالدى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تەرجىمە:نىمە ئۈچۈن خىتاي كادىرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرگەنلىكىدىن خوشاللىق ھىس قىلىدۇ؟

پە دېكابىر 20 , 2018
ئۈستىدىكى رەسىمدە جۇڭگو شىنجاڭ كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ۋاقتى نامەلۇم بىر پارچە رەسىمىدە، بىر خىتاي كادىر ئاتالمىش «تۇغقان» قىلىپ تەيىنلەنگەن بىر ئۇيغۇر بالىغا «بىزنىڭ جوڭگو» ناملىق رەسىملىك كىتابنى سوۋغا قىلماقتا.

You May Like