2018- يىلى ئۇيغۇر مائارىپىدا چاقنىغان مەرىپەت يۇلتۇزلىرى

مەكتەپلەر مەيلى ۋەتەندىكى ۋەزىيەت قانچىلىك ئېغىر بولسۇن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز يەنىلا پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرچە تەربىيەلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ توغرا قىممەت قاراشلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا زور كۈچ كۆرسەتمەكتە. مائارىپ ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر خىزمەت بولۇپ كەلمەكتە. تۆۋەندە بىز مەكتەپلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمىز ،

مەكتەپلەر قىتئەلەر بويىچە تىزىلدى، تەرتىپ بەلگىلەشكە قابىل ئەمەسمىز. مەكتەپلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئاساسلىقى توربەتلەردىن ئېلىندى، كەمچىل بولسا ئۆزۈر سورايمىز.

 

مەكتەپلەر مەيلى ۋەتەندىكى ۋەزىيەت قانچىلىك ئېغىر بولسۇن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز يەنىلا پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرچە تەربىيەلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ توغرا قىممەت قاراشلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا زور كۈچ كۆرسەتمەكتە. مائارىپ ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر  خىزمەت بولۇپ كەلمەكتە.  تۆۋەندە بىز مەكتەپلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت  ئېيتىمىز ،

 مەكتەپلەر قىتئەلەر بويىچە تىزىلدى، تەرتىپ بەلگىلەشكە قابىل ئەمەسمىز. مەكتەپلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئاساسلىقى توربەتلەردىن ئېلىندى، كەمچىل بولسا ئۆزۈر سورايمىز.

 

ئاۋىستىرالىيە ئۇيغۇر مەكتىپى

 ئاۋىستىرالىيەدە ئۈچ ئۇيغۇر مەكتىپى بار بولۇپ، بىرى سىدنىيدا سەلىمە كامال خانىمنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان.

يەنە بىرى مىلبورنى شەھرىدىكى ئۇيغۇر تىل مەكتىپى بولۇپ، تۆت يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر غۇنچىلارغا دەرس ئۆتۈپ كىلىۋاتىدۇ.

 

يەنە بىرى ئادىلەيد شەھىرىدە بولۇپ ، ئۇ جەنۇبى ئاۋىستىرالىيە ئۇيغۇر مەكتىپى دەپ ئاتىلىدۇ

جەنۇبىي ئاۋىستىرالىيە ئۇيغۇر مەكتىپى 1992ـيىلى قۇرۇلغان،26 يىللىق تارىخقا ئىگە، كۆلىمى چوڭ، تەسىرى زور، مۇھاجىرەتتىكى مەكتەپلەر ئارىسىدا ئۈلگىلىك مەكتەپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئېلىپبە ئۆگىتىلىدۇ.ۈ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئېچىلغان مەكتەپ بولۇپ، ئاۋىستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتنىڭ باشچىلىقىدا ئېچىلغان. مەكتەپنىڭ نىشانى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاۋىستىرالىيە مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇش. بۇ مەكتەپنىڭ ئىككى تارمىقى بار، بىرى ۋىكتورىيە شىتاتىدا ، يەنە بىرى جەنۇبىي ئاۋىستىرالىيەدە شىتاتىدا.

http://www.etaa.org.au/uyghur-language-school/  

تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىسى

تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىسى نورۋىگىيەدە تۇرۇشلۇق گۈلنار ئىمام مۇئەللىم يىتەكچىلىكىدىكى تور دەرسخانىسى. گۈلنار مۇئەللىم ئوسلودىكى ئانا تىل مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى، ئون يىلدىن بىرى نورۋىگىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا مول تەجىربىلىرى بىلەن دەرس ئۆتۈپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە » تاشئالما» ئىلىپبەسىنى تۈزۈپ چىقتى.

  http://tashalma.com/

بىرگىن ئانا تىل مەكتىۋى

.نورۋىرىگىيەدە يەنە بىرگىن ئانا تىل مەكتىپى ۋە ئىستاۋانگىر ئانا تىل مەكتىپى ۋە باشقا ئۈچ كىچىك شەھەردە ئانا تىل سىنىپلىرى بار. بىرگىن ئانا تىل مەكتىۋى 2018-يىلى

پۈتكۈل ئۇيغۇر پەرزەنتىلىرىمىزگە نۇرغۇنلىغان ئانا تىل ماتىرىياللار تەييارلاپ بەرمەكتە. ئۇلار ئىككى يىلدىن بىرى كۇلۇپ شەكىلدە بالىلار تەربىيەسى خىزمىتىنى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ .

 

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى گوللاندىيەدىكى زەيىست شەھرىدە بولۇپ، 2009- يىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر جەمىيەت يىللاردىن بۇيان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر    پەرزەنتلەر ئۈچۈن شەنبە، يەكشەنبلىلىك ۋە تەتىللىك ئانا تىل كۇرسلىرى، قۇرئان ساۋادى كۇرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ. 2018- يىلى يەنە گوللاندىيەدىكى زەيىست، دەنھاخ، سىلىيدىرىخىت قاتارلىق شەھەرلەردە جەمئىي ئۈچ كۇرس ئانا تىل سىنىپلىرى ئاچتى. مىسىردىن مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش شارائىتى ھازىرلاپ  بەردى.

ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىۋى

ئۇيغۇر ئىلىم – مەرىپەت ۋەقپى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى دىننىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئوقۇتۇش ئاساس قىلىنغان قوش يۆنىلىشلىك، سىستېمىلىق تولۇقلىما مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى يېتىم ۋە يوقسۇل ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان ياتاقلىق مەكتەپ. مەكتەپتە 6 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن 50 نەپەرئوقۇيدۇ.

ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى

ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى 2015- يىلى 12- ئايدا ئىستانبۇل سەفاكۈيدە » ھىرا مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەقپى» نامى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە ئىنگىلىزچە، ئەرەپچە، تۈركچە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2016- يىلى مارتتا تۈرك تىلى، ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى، ماتىماتىكا قاتارلىق پەنلەردە تۇنجى قارارلىق ئانا تىل سىنىپى تەسىس قىلغان. مەكتەپ 500 كىۋادىرات مىتىر كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، توققۇز نەپەر ئوقۇتقۇچى، چەتئەل تىللىرى، كومپىيوتىر كۇرسانتلىرى ۋە ئانا تىل باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 200 نەپەرگە يىقىن ئوقۇغۇچى تەربىيەلەنمەكتە.

ئايخان مائارىپى

    » ئايخان مائارىپى» ۋە » ئايخان فوندى» تىببى پەنلەر ماگىستىرى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان يىتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان. ئايخان مائارىپى دەسلەپكى » ئايخان خانىم- قىزلار تور دەرسلىكى»دىن تەرەققىي قىلىپ، كىيىنكچە » ئانا تىل ساۋات چىقىرىش سىنىپى»، » ئەدەبىيات سىنىپى» ۋە «ئىنگىلىز تىلى سىنىپى»  بەرپا قىلدى. ھازىر 47 ئوقۇغۇچىغا 4 ئوقۇتقۇچى مەسئۇل بولۇپ دەرس ئۆتىۋاتىدۇ.

 

تاڭنۇرى تەلىم- تەربىيە مەركىزى

«تاڭنۇرى تەلىم- تەربىيە مەركىزى»نىڭ بىر يىللىق مۇساپىسى 2017- يىلى 1- سېنتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا ئاددىي مۇراسىم بىلەن » تاڭنۇرى تەلىم- تەربىيە مەركىزى» قۇرۇلدى. بۇ مەركەز تەلىم- تەربىيە ئىشلىرىنى سىستېمىلىق بولغان مائارىپ شەكلىگە كەلتۈرۈش ۋە بالىلارنىڭ ئىلمىي خاراكتېرى يېتىلىدىغان ئانا تىل ئاساسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن ئانا تىلدىن باشلىدى. پېشقەدەم پېداگوكلارنى تەكلىپ قىلىپ ئۈچ ئاي ئىچىدە غايەت زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» ۋە باشقا جەمئىيەتلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتىى. شۇنداقلا، 2018- يىلى » د ئۇ ق» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان » ئىستىقلال مارشى» نى يادلاش پائالىيىتىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرغىچە قىز- ئوغۇللارنىڭ YÖS»سىنىپى» ( چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى) دىن بىر قارار، «تۈرك تىلى» كۇرسىدىن قىزلارنىڭ C1))، ئوغۇللارنىڭ (B1) بىر قارار » بالىلار ئىنگلىز تىلى سىنىپى» دىن بىر قارار، «تولۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا مۇزاكىرە سىنىپى» دىن بىر قارار تاماملىدى.

ئايبىلىگ خانىم -قىزلار مەركىزى

2016- يىلى 7- ئايدا قۇرۇلغان، 2016- يىلى 4- ئايدا يازلىق تەتىل كۇرسلىرى تەسىس قىلىنغان. 2018- يىلىغىچە 5- ئايغىچە مەركەزدە پەن ۋە دىنىي بىلىملەر بىرلەشكەن ھالدا  دەرسلىك تەييارلىنىپ، يۇلتۇزلار سىنىپى، مەرىپەت سىنىپى، قۇرئان كۇرسى ئىچىلغان. يىراقتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا  ئۆلچەملىك ياتاق، مىللىيچە تاماق تەييارلىغان. مەركەزنىڭ يەنە كونيا شەھرىدە تارماق مەكتىپى بار.

 

مەدىنە مەھمۇدىيە مەكتىۋى

مەدىنە مەھمۇدىيە مەكتىۋى ئانا تىلنى ئاساس قىلغان تەتىللىك كۇرس مەكتەپ بولۇپ، 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 25- كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھرىدە قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپ ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە مەدىنەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتىلىرىگە ئانا تىل ساۋادى چىقىرىش دەرسلىرى ئۆتۈلىدۇ، ئانا تىل كەسپىدە ئوقۇپ چىققان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار دەرس بىرىدۇ.

 

   

يۈز كەررە يۈز پىروجەكتى

ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئامرىكا ئۇيغۇر ياشلار مەركىزى مەسئۇلى قۇززات ئالتاي باشچىلىقىدىكى يۈز كەررە يۈز پىروجەكتى ئاساسلىقى كومپىيوتىر پىروگرامما بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان دەرسخانا. 2015- يىلىدىن ھازىرغىچە قۇززات ئالتاي ئاچقان كومپىيوتىر تەربىيەلەش مەركىزىدە 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان. مەكتەپ كۆلىمى ئىككىگە، ئوقۇتقۇچىلار سانى 30غا، مەكتەپكە قاراشلىق شىركەت 3كە يەتكەن.  7- ئايدا قايتىدىن ئوقۇش باشلىدى.

 

كانادا ئۇيغۇر مەكتىپى

تورونتودىكى كانادا ئۇيغۇر مەكتىپى 2016 – يىلى 6 – ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، نەچچە يىللىق تىرشىش ئارقىلىق ھازىر مەكتىپىمىزنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى، 8 ئوقۇتقۇچىسى ۋە 4 مەكتەپ ھەيئىتى بار. 5 سىنىپ ئاساس قىلىنغان ھالدا ئوقۇ ئوقۇتۇش داۋام قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مەسجىدى جامائىتىنىڭ قوللىشى ۋە ئەل سۆيەر ساخاۋەتچىلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا چۈشلۈك تاماق ھەقسىز تارقىتىلىۋاتىدۇ. مەكتىپىمىزنىڭ نىشانى: چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ماس كېلىدىغان، زامانىۋېلاشقان مائارىپ سېستىمىسىنى ئىزدىنىش تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلانى ئۇيغۇر تىل – يېزىقى، مەدەنىيىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپتە پىشىپ يېتىلگەن ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش.
https://sites.google.com/view/torontouyghurmektep/

 

مۇساباي تېخنىكا مەكتىۋى

ئامرىكا ۋىرجىنىيە شىتاتىدا قۇرۇلغان تىخنىكا مەكتىۋى بولۇپ، بەش يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيوتىر ساھەسىدە تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چېقىرىۋاتىدۇ.

ۋىرجىنىيە ئانا تىل مەكتىۋى

فايىرفاكىس شەھرىدە قۇرۇلغان بۇ مەكتەپ ئۈچ يىلدىن بىرى ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئوقۇتىشىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئەنقەرە يىغىلىشىدىن كىيىن ئويلىغانلىرىم

پە دېكابىر 27 , 2018
ھەممىزگە مەلۇم، 23-دىكابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ۋە ئالپەرەن ئوجاقلىرىنىڭ ساھىبخانلىق قىلىشى، تۈركىيەدىكى بىرقانچە سىياسى تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ھەرساھە، ھەر كەسىپتىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن« شەرقى تۈركىستاندىن يەمەنگە، زۇلۇمغا خاتىمە» تېمىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. يىغىلىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە تەرتىپلىك ئاياغلاشتى.

You May Like