2018- يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا 10 مۈنەۋەر تور يازغۇچىسى

تاللاش ئۆلچىمى:مىللەت ئۈچۈن يازغان بولىشى ، ئىلمي بولىشى ، سان ۋە سۈپەت جەھەتتە بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان بولۇشى ئويلىشلدى.

ئاپتورنىڭ ئىدولوگىيە ۋە دۇنيا قارشىنى باھالانمىدى . ئىسملار ئۇيغۇر ئىلپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلدى.

2018- يىلدىكى 10 مۈنەۋەر تور يازغۇچىسى

2018-يىل 21-دىكابىر

 

پىلانلىغۇچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان بېكىتكۇچىلەر:باھالاش تۈر گۇرۇپپپىسى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تاللاش ئۆلچىمى:مىللەت ئۈچۈن يازغان بولىشى ، ئىلمي بولىشى ، سان ۋە سۈپەت جەھەتتە بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان بولۇشى  ئويلىشلدى.

ئاپتورنىڭ ئىدولوگىيە ۋە دۇنيا قارشىنى باھالانمىدى . ئىسملار ئۇيغۇر ئىلپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلدى.

تۆۋەندە ئۇيغۇر ئاگىنتلىقىنىڭ يۇقارقى ئۆلچەملەرگە ئاساسەن  باھالاپ چىققان 10 تور يازغۇچسى كۆرستىلدى،

1-ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئابدۇۋەلى ئايۇپ فەيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ماقالە يېزىپ كىلۋاتقان بولۇپ، يېزىش ئۇسلۇبى ئاممىباب ، چۈشىنشلىك ، ئۇيغۇر جەمئىيتىدە بولىۋاتقان موھىم  ئىشلار ۋە قىززىق نوقتىلارنى دەل ۋاقتىدا قەلەمگە ئېلپ كىلۋاتىدۇ.يازمىللىرى . ھەمىمىز كۆرۈپ تۇرغاندەك ، پەقەت بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئىزچىل يېزىپ كىلۋاتقان شەخسلىرىمىزدىن بىرى. تور يازمىلىرىدىن سىرىت يەنە تەپەككۇردا توزاق بار، ئويۇنلار ۋادىسى تۈركىيە قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلنغان.

2-ئابدۇرېھىم پاراچ

ئابدۇرېھىم پاراچ سياسى تېمىلاردا شېئىر يېزىپ كىلىۋاتقان يازارمەنلەردىن بىرى بولۇپ،ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپلا قالماي پىكىرلىرى ئۆتكۈر  ۋە ۋەزىيەتكە خىتاپ قىلدىغان يازمىلارنى يېزىپ كىلۋاتقان تور يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى.

3-ئاسىيە ئۇيغۇر

ئاسىيە ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرى ئارقىلىق خىتتايدا ۋە ختتاي تىلىدا ئۇيغۇرلار،شەرقىي تۈركستان،خەلقئارا مۇناسۋەت  ۋەزىيتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇردىغان ئاكتىپ تور يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى. يازملىرىنىڭ سانى كۆپ ، سۈپەتلىك ، مۇلاھىزىلىرى چۇڭقۇر .

4-ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئارسىدا ئىزچىل مىللەت ئۈچۈن يېزىپ كىلۋاتقان شەخسلىرىمزدىن بىرى. يازمىلىرىنى ئاساسەن ئۆزىنىڭ مەرىپەت تورىدا ئېلان قىلىدۇ ۋە ئۇيغۇر ئاگىنتلىقدىمۇ ئىككى پارچە ماقالىسى ئىلان قىلندى..

يازغان يازملىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولىشى، ئىلمي ۋە سەۋىيەلىك بولىشى ۋە جەمىئيەتنىڭ تەقەززاسىغا خىتاپ قىلغان بولىشى ئەڭ موھىم ئالاھىدىلىكىلىرىدۇر. بۇ يىل ئىلان قىلغان « دۇنيا چوڭ كېمسدىكى ئۇيغۇرلار » دېگەن يازمىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەزىيدىغان بولۇپ ، خىتاي ـ ئامېرىكا كۈچ سېلشتۇرمىسى  ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى ھەققىدە ناھايتى  ئىلمي شەكلىدە تەييارلانغان يازما بولۇپ ھېسابلىندۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ كەڭ قورساق سەمىمي ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش قابىليتى ھەممە كىشىنىڭ ئۆگۈنشىگە ئەرزىيدۇ.

5-تۇنيۇقۇق

فېيسبۇكتا تۇنيۇقۇق تەخەللۇسى بىلەن يازما ئىلان قىلىپ كىلۋاتقان تور يازغۇچىلىلرىمىزدىن بىرىدۇر. ئاساسلىقى شەرقىي تۈركستان جەمىيتىگە مۇناسۋەتلىك تېمىلار ۋە خەلقئارا قىززىق نوقتىلار ھەققىدە   مۇلاھىزە ئېلىپ بارىدۇ.

6-خەندان

خەندان يىللاردىن بېرى خەلقمىز ئۈچۈن يۈرەك قېننى سەرپ قىلىپ يازما يېزىپ كىلۋاتقان ئىجىتىھاتلىق ئايال تور يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى. بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا توردا ئەڭ كۆپ يازما ئىلان قىلغان شەخسلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. يازملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى چۈشىنش ئاسان ، پىكىرلىرى ئوچۇق ، جەمىئىيەتتە بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا كۆپچىلككە تەقدىم ئېتىدۇ.

خەندان بۇ ئەمگىكىدىن سىرىت يەنە ئېنگلىزچە كۇرس ئېچىپ خەلقىمزنىڭ  بولۇپمۇ ئىقتسادى شارائىتى يار بەرمەيدىغان ۋە تىل مەكتەپلىرىگە بارالمايدىغان خانىم ـ قىزلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە.

7-كاسسىنى

كاسسىنى بىرقانچە تەخەللۇستا شەرقىي تۈركستاننىڭ ۋەزىيتى ۋە باشقا قىززىق نوقتىلار ھەققىدە يازما يېزىپ كىلۋاتقان بولۇپ ، يازمىللىرى كۆپ ئىزچىللىققا ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا بىۋاستە رىئاللىققا خىتاپ قىلدىغان تېمىلارنى قولىغا ئالىدۇ، ئىلمىيلىقى يۇقىرى.

8-مەمتىمىن ھەزرەت

پىشقەدەم ھەرىكەتچىلەردىن بىرى بولغان مەمتمىن ھەزرەت ئەپەندى ئاساسى جەھەتتىن شەرقىي تۈركستان مەسلىسى توغرۇلۇق ئانالىز خاراكتىرلىك ماقالىلەرنى يازىدۇ. يازمىلىرى تەھلىل ۋە ئىجاتچانلىققا ئىگە ( پىكىرىنىڭ توغرا ـ خاتالىقى بۇ يەردە باھالانمىدى)  مەمتىمىن ھەزرەت ئۇيغۇرچىدىن باشقا تۈركچىدىمۇ سىياسى ئانالىز ماقاللىرىنى ئىلان قىلىدىغان زىيالىيلاردىن بىرىدۇر..

9-ئويچان

ئويچانمۇ يىتشىپ چىقۋاتقان تور يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى بولۇپ ، يازمىلىرىنىڭ پىكىرلىرى ئۆتكۈر، ئەمەلىيەتچان ۋە جەڭگىۋار. شەرقىي تۈركستان ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيتىنى كۆپرەك قەلەمگە ئالىدۇ..

ئويچان بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدىكى جەڭگىۋار ۋە ئوت يۈرەكلىرىمىزدىن بىرى بولۇپ ،ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا لاگىر توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بىرش ھەركىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان ۋە

10-ئۇمۇن

ئۇمۇن ياشلارنىڭ ئىچىدە يىتشىپ چىققان لىبرال يازغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا ئىلان قىلىدۇ. يازغان ماقالىلىرىنىڭ مەركىزى ئىددىيسى ئېنىق ،پىكىرلىرى ئۆتكۈر ،  يۇقىرى سەۋىيەلىك ، لوگىكلىق باغلىنشى كۈچلۈك ۋە ئاكادىمىيلىقى يۇقىرى، ئانالىزلىرى كۈچلۈك ۋە چۇڭقۇر.كۆپۇنچە زىدىديەتكە،ئاممىۋى پىكىرگە قارشى قەلەم تەۋرتىپ ،مۇنازىرە قوزغايدۇ. .

قىززىق نوقتا تېملىرىنى قەلەمگە ئالىدۇ. مەيدانى ئوچۇق ، دادىل ۋە يۈرەكلىك ياشلاردىن بىرى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رەھبىرى: شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز يالغۇز ئەمەس

شە دېكابىر 22 , 2018
شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ئىنسانلىق تىراگىدىيەسىگە ئۇزۇندىن بۇيان سۈكۈت قىلىپ كىلىۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رەھبىرى بۈگۈن سۈكۈتنى بۇزدى.

You May Like