تۈركىيە دۆلەت خەۋىرىدە 2002-يىلىدىن باشلاپ 5836 ئۇيغۇر تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا ئېرىشكەن

تۈركىيە دۆلەت خەۋىرىدە 2002-يىلىدىن باشلاپ 5836 ئۇيغۇر تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا ئېرىشكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى27-دېكابىر

ھەبىبۇللا ئىزچى

 تۈركىيە دۆلەت تورى ت ر ت نىڭ قىرغىزچە  خەۋىرىدە 2002- يىلدىن باشلاپ ، 95 مىڭ 845 ئاخىسكالىق  ۋە 5836 ئۇيغۇر تۈرك پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن. «ت ر ت» خەۋىرىدە بۇنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر بۆلۈمى دوكلات قىلغانلىقىنى يازىدۇ.

تۈركىيە قانۇنىنىڭ ئالاھىدە پۇقرالىق تۈرى بويىچە ، 95 مىڭ 845 ئاخىسكا تۈركلىرى ۋە 5 مىڭ 836 ئۇيغۇر تۈركلىرى 2002-يىلدىن كېيىن تۈركىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشتى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 26 مىڭ 681 ئاخىسكالىق ۋە 19 مىڭ 328 ئۇيغۇر«قانۇنلۇق تۇرۇش ھوقۇقى» بىلەن تۈركىيەدە ياشايدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە 17 مىڭ 997 ئۇيغۇرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش ئىجازەتنامىسى يەنى «مۇددەتسىز تۇرۇش ھوقۇقى» بېرىلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا ، ئاخىسكا  ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە تۇركۈئاز كىنىشكىسى تارقىتىلىدۇ ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ۋاقىتلىق تۇرۇش  كىنىشكىسى ئېلىشتىن كەچۈرۈم قىلىدۇ.

2002-يىلغىچە ، 4840 ئاخىسكالىق ۋە 325 ئۇيغۇر ، 2002-يىلدىن كېيىن ، 95 مىڭ 845 ئاخىسكالىق ۋە 5836 ئۇيغۇر ئالاھىدە پۇقرالىق سالاھىيىتى بىلەن تۈركىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشكەن.

كۆچمەنلەر كومىتېتى قارمىقىدىكى ئاقرابا تۈرك توپلۇمۇ مىنىستىرلىقى تۈركىيەدىكى ئاخىسكالىق ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

ئورتاق تارىخ ، مەدەنىيەت ۋە ئەجدادلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئاخىسكا ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى «ئۆزىنى ئۆز ۋەتىنىدە ھېس قىلىدىغان ئالاھىدە توپلۇم » دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قانۇنىي ئورۇنغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر ۋە سودا «تۈرك كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە ئىشخانىسى» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تۈركىيەدە ئۇيغۇر ۋە ئاخىسكا تۈركلىرى قۇرغان نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار بار. بۇ تەشكىلاتلار تۈركىيە قانۇنى دائىرىسىدە داۋاملىق ھەرىكەت قىلىدۇ دېيىلگەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي ئېلون ماسك ئۈستىدىن «ب د ت» غا ئەرز سۇنغان

سە دېكابىر 28 , 2021
خىتاي ئېلون ماسك ئۈستىدىن «ب د ت» غا ئەرز سۇنغان

You May Like