«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى 44 ياشلىق بىر ئايالنىڭ 16 بالىسى بولۇپ، ئۇ ئۆيىدە بارلىق بالىلىرىغا دەس ئۆتىدىكەن. ئۇمۇ ھەم ئۆيىنىڭ نورمال ئۆتىدىغان بىر كۈنى يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان.
فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ شىمالىي پالما دېڭىز ساھىلىدىن كەلگەن 44 ياشلىق مېھرىبان تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ربېك لاينېتنىڭ ئون قىزى، ئالتە ئوغلى بولۇپ، بالىلارنىڭ يېشى ئىككى ياشتىن 21 ياشقىچە كېلىدۇ. ئۇنىڭ يولدىشى ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىسى دەيۋىد رىبېك بۇ يىل 49 ياشقا كىردى. ئۇ 21 يېشىدا يەڭگىگەن تۇنجى قىزى دەيلى بۇ يىل 21 ياشقا كىردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە 11 بالا يەڭگىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ تۆت بالىسى بېقىۋېلىنغان. يەنە كېلىپ، لاينېت ھېچقانداق ئوپېراتسىيە قىلمىغان بولۇپ، 12 بالىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى يەڭگىگەن.
لاينېت ھەر ھەپىتىدە بالىلىرىنى ئېلىپ بىر كىچىك تىپتىكى مىنبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئوخشىمايدىغان 88 خىل تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ كۈنتەرتىپى ئىنتايىن زىچ بولسىمۇ، بىراق بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئانا يەنە ۋاقىت چىقىرىپ، پەرزەنت تەربىيەلەشكە ئائىت كىتاب يازغان. يەنە كېلىپ، ئۇ يەنىلا دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بىرلىكتە كەچلىك تاماق يەيدۇ.
لاينېت ياش ۋاقتىدا 16 بالىسى بولسا بىر «تەلۋىلىك» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خىزمەت» ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ: «دەسلەپتە، مېنىڭ تۆت بەش قىزىم بولغاندا، كىشىلەر، ئاھ، ساراڭ بوپسىز، قانداق قىلالالىدىڭىز، دېيىشتى. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ گەپلەر بىر بولسا گۇمانلىنىش يەنە بىر بولسا، مېنىڭ بىلىمسىزلىكىمنى مەسخىرە قىلىش، بىراق مەن كالۋا ئەمەس»، دېدى
لاينېت بىلەن يولدىشىنىڭ قارىشىچە، بۇ بالىلارنى بېقىش بىر قېتىملىق «پۇرسەت» بولۇپ، ئۇلار تا ھازىرغىچە بالىلىق بولۇش پىلانىنى توختاتمىغان. ئۇ: «دەيۋىد بىلەن مەن بالىغا ئېرىشەلىگىنىمىزدىن ئىنتايىن بەختلىكمىز، ئىشىنىمەنكى، بالا تەربىيەلەش كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان پۇرسەت. مەنمۇ ھەم بىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قوللىماسلىقىنى پۈتۈنلەي چۈشىنىمەن، بىراق ئۇ بىزگە ماسلىشىدۇ. بالىلارنى تەربىيەلەش دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خىزمەت».
لاينېت ھەر كۈنى سەھەر سائەت بەش يېرىمدىن باشلاپ، بىر كۈنلۈك قىلىدىغان ئىشلىرىنى پىلانلايدىغان بولۇپ، ئاندىن بالىلىرىغا ماتېماتىكا، ئىلىم-پەن، تىل، تارىخ ۋە سەنئەت قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتىدۇ.
بۇ ئائىلىدە جان سانى كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئۆزىگە چۇشلۇق يۈرگۈزۈلۈش قائىدىسى بار. دەرس ئوقۇشتىن باشقا، بالىلار يەنە تەنتەربىيە كۇلۇبى، ئاممىۋى مەھەللە پائالىيىتى، سەنئەت ماھارىتى ھەمدە خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە ئائىلە ئىشلىرىغىمۇ ياردەملىشىدۇ.
بۇ ئائىلىگە نىسبەتەن، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ئۈچۈنمۇ ئاز چىقىم كەتمەيدۇ. تاماق يېيىش مەسىلىسنى مىسالغا ئالساق، باشقىلار ئادەتتە «پارچە» سېتىۋالسا، ئۇلار «توپ» سېتىۋالىدۇ. ھەر ھەپتىدە، ئۇلار 650 دوللارلىق يېمەكلىك سېتىۋېلىپ، 12 ساندۇق سۈت، 100 دانە تۇخۇم سېتىۋالىدۇ.
لاينېت بىلەن دەيۋىد بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى كۈچلۈك «رىقابەتكە تولغان» دەپ تەسۋىرلىدى. بۇنداق غايەت زور ئائىلىنىڭ بىرەر كۈنىمۇ «نورمال» بولمايدىغان بولۇپ، لاينېتنىڭ ھەر كۈنى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئۇ ئۆزىمۇ چاقچاق قىلىپ، خۇددى «سائىتىگە 100 كىلومېتىر» يۈگۈرگەندەكلا ھېس قىلىمەن، بىراق شۇنداق بولسىمۇ، بىز يەنىلا ھەر ھەپتىدە ۋاقىت چىقىرىپ، بىر مەيدان كىنو كۆرىمىز، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لاينېت توردا بىلوگىنى يېڭىلاپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ھەربىي ئائىلىسىگە ياردەم بېرىپ تۇرىدۇ.