جاۋ لىجىيەن نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات بەردى

جاۋ لىجىيەن نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات بەردى

جاۋ لىجىيەن نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات بەردى

تەرجىمىدە: سۇلتان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى28-نويابىر

خىتاي كامنۇمۇس پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئەنگلىيە BBC مۇخبىرىنىڭ شاڭخەيدە نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.

BBC نىڭ خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باياناتىنى نەقىل قىلىپ : « دائىرىلەر مۇخبىرنى  ۋىرۇس يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن» دېگەندەك بىمەنە سەپسەتىسىنى دۇنياغا تاراتقان. ئەمما بۇنىڭغا قارىتا، داپيۈز جاۋ لىجىيەن گېپىنى ئۆزگەرتىپ: «مۇخبىر ئۆز سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىغان» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇنىڭ بىلجىرلىشىچە، شاڭخەيدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ (بۇ داپشاقنىڭ مۈجمەل جاۋابلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان مەۋھۇم تارماقلار) تەمىنلىگىنىدەك، BBC مۇخبىرى ئەينى ۋاقىتتا مۇخبىرلىق سالاھىيىتىنى بىلدۈرمىگەن، چەتئەللىك مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى كۆرسەتمىگەن، شۇنداقلا قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار تارقىلىش نەسىھىتى قىلغاندا ماسلاشمىغانلىقى سەۋەبى بىلەن نەقمەيداندىن ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن.

جاۋ لىجىيەن يەنە مەقسەتلىك ھالدا: «ئۇنسۇرلار 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش سىياسىتىنى باغلاپ پىتنە تارقاتقان» دەپ كاپشىپ، نومۇسسىز خىتاي كامنۇمۇس پارتىيەسىنىڭ ئوت ئاپىتىدە ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوقلۇقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ بىلجىرلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت (پارتكوم ئەمەس) مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنى چاقىرىپ، «ھەقىقىي ئەھۋال» نى چۈشەندۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك «پىتنە-پاسات» ۋە «قارىلاش» لارغا رەددىيە بەرگەنمىش.

ئۇ ھاياتىدىكى نۇمۇسسىزلىقىنىڭ رېكورتىنى توختىماي يېڭىلاۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ۋەھشىيانە قانلىق سىياسىتى ئاستىدىكى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى: «مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر خىتايدا بىخەتەر ياشاۋاتىدۇ» دېگىنىدە قىلچە نومۇس قىلمىغان، شۇنداقلا ئون نەچچە چوڭ شەھەر ۋە 50 تىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «شى جىنپىڭ، تەختتىن چۈش!»، «كومپارتىيە، تەختتىن چۈش!»، «بىزگە ئەركىنلىك كېرەك!» دېگەندەك ياڭرىغان شوئارلىرى ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمىغان.

ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى باياناتلىرىدىكى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر گەۋدىلىك نۇقتا شۇكى، چىرايىدىكى «قەتئىيلىك»، تۈلكە كۈلكىسى ۋە ھاكاۋۇرلۇقتىن ھېچقانداق ئەسەر قالمىغان، ھەربىر سۆزنى چىرايلىرى تاتارغان ھالدا، دۇدۇقلىغىنىچە سۆزلەپ تۈگەتكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى: خىتاي ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدىكى «ئالتۇن دەۋر» ئاياغلاشتى

سە نويابىر 29 , 2022
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى: خىتاي ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدىكى «ئالتۇن دەۋر» ئاياغلاشتى

You May Like