زېلېنسكىي ياۋروپانى ئۆزىنىڭ «قوراللىق كۈچلىرى»نى قۇرۇشقا چاقىردى

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي شەنبە كۈنى (15-فېۋرال) ياۋروپانىڭ «ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەن مەسىلىلەردە ياۋروپاغا ‹ياق› دېيىش ئېھتىماللىقىنى» نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپانى ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى قۇرۇشقا چاقىردى.

زېلېنسكىي ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدىكى نۇتقىدا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى. ئۇ رۇسىيەدىن كەلگەن داۋاملىق تەھدىت ۋە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدىكى مۇقىمسىزلىق ئالدىدا، ياۋروپانىڭ مۇداپىئەدە «ئۆزىگە تايىنىشى كېرەكلىكى»نى تەكىتلىدى.

«بىز ياۋروپا قوراللىق كۈچلىرىنى قۇرۇشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا ياۋروپانىڭ كەلگۈسى پەقەت ياۋروپالىقلارغىلا باغلىق بولىدۇ ۋە ياۋروپاغا ئائىت قارارلار پەقەت ياۋروپادىلا چىقىرىلىدۇ» دېدى زېلېنسكىي.

پولشا باش مىنىستىرى دونالد تۇسك شەنبە كۈنى زېلېنسكىينىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقاندەك، ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئۆزىنىڭ پىلانىنى تۈزۈشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇنىڭ كەلگۈسى باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى تۇسكنىڭ: «ياۋروپا ئۇكرائىنا ۋە بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز ھەققىدە ئۆزىنىڭ پىلانىغا جىددىي مۇھتاج، ئۇنداق بولمىغاندا باشقا دۇنياۋى چوڭ دۆلەتلەر بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى بەلگىلەيدۇ، بۇ بەلكىم بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى.

«بۇ پىلاننى ھازىرلا تەييارلاش كېرەك، ئىسراپ قىلغۇدەك ۋاقىت قالمىدى» دەپ يازدى تۇسك ئىجتىمائىي تاراتقۇ X پىلاتفورمىسىدا.

ئەنگلىيەنىڭ Sky News تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، زېلېنسكىي ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدىكى سۆزىدە ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ سۆھبىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ: «بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، پرېزىدېنت ترامپ ماڭا ئۇنىڭ پۇتىن بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىنى ئېيتتى» ھەمدە «ئەمما ئۇ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپانى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزۇشقا موھتاجلىقىنى ھەرگىز تىلغا ئالمىدى. بۇنىڭدا چوڭ مەسىلە بار» دېدى.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە بريۇسسېلنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش سۆھبىتىدىن چەتكە قېقىپ، سۆھبەت نەتىجىسىنى رۇسىيەگە پايدىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ھەرقانداق سۆھبەتكە قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

«ئۇكرائىنا ئۆزى قاتناشمىغان، ئۆزىنىڭ كەينىدىن تۈزۈلگەن ھەرقانداق كېلىشىمنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى زېلېنسكىي. «ئوخشاش پىرىنسىپ پۈتۈن ياۋروپاغىمۇ ماس كېلىدۇ. ئۇكرائىنا قاتناشمىغان ئەھۋالدا ئۇكرائىنا توغرىسىدا قارار چىقىرىشقا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ياۋروپا قاتناشمىغان

ئەھۋالدىمۇ ياۋروپا توغرىسىدا قارار چىقىرىشقا بولمايدۇ….]

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان مۇخبىر جازالانغان

سە فېۋرال 18 , 2025
ئۇيغۇر ئاگنىتلىقى،15-فېۋرال ختاي سابىق باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پېنسىيەگە چىققان مۇخبىرى گۇ ۋەنمىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا شاڭخەي سوتى تەرىپىدىن «جېدەل-ماجىرا چىقىرىش» جىنايىتى بىلەن بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئارقىدىنلا شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن پېنسىيە مۇئامىلىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى يېقىندا ئاشكارىلاندى. […]
لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان مۇخبىر جازالانغان

You May Like