يەرشارى ماگېنتسكى ھەرىكىتى قانۇنى

Global Magnitsky Act

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى <<ئىنسانى ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى>>ختتاي ئشلىرى بۆلۈم مەسئۇلىنىڭ ھاۋالىسى،رۇخستى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى.

Global Magnitsky Act

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى <<ئىنسانى ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى>>ختتاي ئشلىرى بۆلۈم مەسئۇلىنىڭ ھاۋالىسى،رۇخستى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

( ئۇ گ ھ-سياسەت-0015–2018 -ئۇيغۇرىيان)

ئىزاھات:ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يەرشارى بويىچە ئىنسانى ھوقۇقنى سۈرۈشتۈرۈش مەقستىدە تۈزۈپ ئىلان قىلغان مەزكۇر قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھوقۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش، قىيناش، جازالاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىنسانى ھوقۇقىغا دەخلى قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە شەخسلەرگە قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللىنىش ۋە ھوقۇقنى قوغداش ئۇچۈن قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.كونكىرىت ئورۇن ۋە شەخسلەر ھەققىدە ئىسپات يېغىش ۋە ئەرز قىلىش ئشلىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر زىممىسىدىكى جىددى ئىشتۇر.ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتوندا ئاساس قىلىنغان تەتقىقات ۋە مىدىيا ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ماقۇللىنىشى ئۈچۈن جىددى ھەرىكەت قوللىنىدۇ!

يەرشارى ماگېنتسكى قانۇنى

سرگى ماگېنتىسكى روسيەلىك بوغالتىر بولۇپ،2009-يىلى روسىيە ھۆكۈمەت دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ،تۈرمىدە قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئىلىنغان،قاماققا ئىلىنىش جەريانىدا داۋالىنىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان،ئۇ موسكىۋادىكى بىر تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن،روسىيە دائىرلىرى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ غايەت زور سوممىلىق باج ئوغرىلاش قىلمىشنى پاش قىلىشتىكى رولىدىن ئەندىشە قىلىپ ئۇنى نېشانغا ئالغان ئىدى.

2012-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇنىڭ نامىدا بىر قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ،ئىنسانى ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كىرەك دەپ قارالغان روسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ  تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ،ئۇلارنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلاتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشنى چەكلىدى.

خەلقئارالىق ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن،ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى << ماگنتسكى قانۇنى >>نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،2016-يىلى ماگىنستىكى قانۇنىنى كۈچكە ئىگە قىلدى،ئامېرىكا پرىزدىنتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدىكى ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ھوقۇق چىرىكلىكىگە مەسئۇل شەخسلەرگە ۋېزا چەكلىمىسى  ۋە ئېقتىسادى جازالاشنى يولغا قويىدۇ.

مەزكۇر قانۇن كەڭ كۆلەمدە بىتەرەپ تۇرغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى.

مارىلاند شتاتىنىڭ دېموكراتلار پارتىسىدىن بولغان پارلامېنىت ئەزاسى بىن كاردىن بۇ قانۇن لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويغان،بەش جۇمھۇرىيەتچى،بەش دىموكراتچى پارتىيە پارلامېنىت ئەزاسى بولۇپ،بۇ لايىھەمگە بىرلەشمە ئىمزا قويغان،پرىزدېنت باراك ئوباما بۇ قانۇن لايىھىسىگە 2016-يىلى 23-دېكابىر ئىمزا قويغان.                     

<<يەرشارى ماگنتسكى قانۇنى>> قانداق رول ئۆتەيدۇ؟

  

<<يەر شارى ماگېنستىكى ئنسانى ھوقۇق مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش ھەرىكەت قانۇنى>> ئامېرىكا پىرىزدىنتىگە مەلۇم <<چەتئەللىك شەخسلەر>> (شەخسى ۋە ئورگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )گە ۋېزا چەكلەش ياكى ۋېيزانى قايتۇرۋىلىش ياكى ئۇلارغا ئېقتسادى جازا يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى بىرىدۇ.

بۇ قانۇن بويىچە ، قانۇن سرتىدا ئادەم  ئۆلتۈرۈش،ئازاپلاش ياكى باشقا خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىنسانى ھوقۇقلارنى زور كۆلەمدە دەپسەندە قىلغان مەسئۇل  شەخسلەر ياكى ئۇلارغا ۋاسىتە بولۇپ ئىشلىگۈچىلەر ياكى  ئالاھىدە چىرىكلىك ھادىسلىرىگە شىرىكلەشكەن مەلۇم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ياكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىلىرى جازالىنىدۇ.

  <<يەرشارى ماگېنتىسكى قانۇنى>> نىمە ئۈچۈن پايدىلىق؟

    

بۇ قانۇن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مەمۇرى تارمىقى ئىنسانى ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان يۇقىرى باشلىقلاردىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھوقۇقدارلارغىچە ،ھەتتا غەيرى ھۆكۈمەت ئالاقىدار  شەخسلەرگىچە جازالاش ھوقۇقى بىرىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق قاتلىمىدا ئىنسانى ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر قانۇندۇر.

بۇ جازالاشلار شەخسلەرنىڭ ئامېرىكا بانكىلىرىدىكى مال-مۈلۈكنى توڭلىتىش ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىلىش ۋېزيسنى چەكلەش قاتارلىق شەكىلدە ئىجرا بولىدۇ.

خەلقئارا ماگنتىسكى ھەرىكەت قانۇنى- قانۇنسز زوراۋانلىق ۋاستىسى ئشلەتكەن ياكى چېرىكلەشكەن ھەر دەرىجىلىك چەتئەل ئەمەلدارلىرىغا قارشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى شەكلىدە چەكلەش رولىنى ئۆتەيدۇ.

بۇ قانۇن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت مىخانىزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن <<يەر شارى ماگېنستكى >>تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق،چەتئەل رەھبەرلىرى ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىنسانى ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا يول قويمايدۇ.

<<يەرشارى ماگېنتىسكى قانۇنى>>نىڭ جازالىرى قانچىلىك ئۈنۈملۈك؟

جازالاش تەدبىرلىرى جازالىنىدىغان شەخسلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كىرىشنى چەكلەيدۇ،ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى بايلىقىنى مۇسادىرە قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ.ئۇلارنى

نۇرغۇن بانكىلار ۋە شىركەتلەرگە ئالاقە قىلىشنى ئۈنۈملۈك چەكلەيدۇ.

جازالانغان شەخسلەر بىلەن ئالاقە قىلغان ئامېرىكا شىركەتلىرى ياكى ئامېرىكىدا تارمىقى بار خەلقئارالىق شىركەتلەر ئامېرىكىنىڭ جازالىشىغا دۇچ كېلىدۇ.

قانۇننىڭ تەسىرىدە،ماگنېستىكى قانۇنى تەرىپىدىن جازالانغان روسىيە ئەمەلدارلىرى روسىيىلىك ئادۋوكات ناتاليانى ياللاپ،ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماگېنتسكى قانۇنىغا قارشى يول ماڭدى ۋە <<كىرىمسىز تەشكىلات >>قۇرۇپ مەزكۇر قانۇنغا قارشى تەدبىر قوللاندى.

پرىزدىنتى تىرامپنىڭ <<يەرشارى ماگنتېسكى قانۇنى>>ھەققىدىكى مەيدانى قانداق ؟

   2017-يىلى 20-ئاپرېلدا،دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا يېزىلغان بىر خەتتە،پرىزدىنتى تىرامپ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ <<بۇ مۇھىم قانۇنىنى قوللايدىغانلىقى>>ۋە <<ساغلام ۋە ئۈزۈل-كېسل ئىجرا قىلىدىغانلىقى>>نى جەزىملەشتۈرگەن.پرېزدىنت تىرامپ يەنە ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قانۇن بويىچە جازالىنىدىغان كىشىلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ سالاھىيتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن   مۇناسۋەتلىك ئ‍سپاتلارنى توپلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.تىرامپ ۋەزىپە ئالغاندىن ھازىرغىچە،ئىنسانى ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە ياخشى بولمىغان بىر نامنى ئىلىپ كەلمەكتە.پرىزدىنتى تىرامپنىڭ <<يەرشارى ماگېنتسكى قانۇنى>>نى مۇۋاپىق ئ‍ئشلىتىش ئارقىلىق  دۇنياغا ئ‍نسانى ھوقۇقنى قوغداشنىڭ يئامېرىكا تاشقى سياسەتنىڭ يەنىلا بىر ئاساسى قسىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش پۇرسىتى بار.      

جازالايدىغان كىشلەرنى پرىزدىنتقا كىم تەۋسىيە قىلىدۇ؟

بۇ قانۇن ئارقىلىق دۆلەت ئشلىرى مەھكىمسنىڭ دىمۇكراتىيە،ئىنسانى ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئشىلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى كاتىۋى دۆلەت ئشلىرى مەھكىمسنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشپ،جازالىنىدىغان كىشلەرنى دۆلەت ئشلىرى مەھكىمىسى كاتىۋىغا تەۋسىيە قىلىدۇ.

كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومېتىتى، بانكا،تۇرالغۇ ۋە شەھەر ئشلىرى كومىتىتى،ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئشلار كومېتىتى ۋە مالىيە مۇلازىمەت كومېتىتى پرىزدىنتقا جازالىنىدىغان كىشلەرنىڭ ئىسىملىرىنى يوللىسا بولىدۇ.

ئامېرىكا پرىزدىنتى جازا قوللىنىشنى قارار قىلىشتا باشقا دۆلەتلەر ياكى ئىنسانى ھوقۇق زوراۋانلىقىنى نازارەت قىلىدىغان غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ئېرىشكەن ئشەنچىلىك ئۇچۇرلارنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقسا بولىدۇ.جازالاش  قارارىنى يولغا قويۇش قارارى ئەمەلىيەتتە دۆلەت ئشلىرى مەھكىمىسى بىلەن مالىيە مىنستىرلىكىنىڭ ھەمكارلىقىدا بىرلىكتە چىقىرىلىدۇ.

نۆۋەتتە ماگېنتسكى قانۇنى بويىچە نىمە ئشلار قىلىنىۋاتىدۇ؟

كىڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومېتىتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئەزاسى سېناتور (كېڭەش پالاتا ئەزاسى) كاردىن،كېڭەش پالاتاسى قوراللىق كۈچلەر مۇلازىمەت  كومېتىتىنىڭ باشلىقى سېناتور (كېڭەش پالاتا ئەزاسى)جون ماككايىن ئۆتكەن ئاۋغۇستتا پىرىزدىنىت تىرامپقا <<يەرشارى ماگېنستكى قانۇنى>>بويىچە جازالىنىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان 20 كىشنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرغان.8-سىنتەبېر تىرامپ جازا يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى مالىيە منسترلىكىگە ھاۋالە قىلغان.ۋىزا چەكلمىسنى ئىجرا قىلىشنى دۆلەت ئشلىرى مەھكىمىسى باش كاتىپىغا ھاۋالە قىلىپ،مەزكۇر قانۇن بويىچە جازا يۈرگۈزۈش يولىنى ئاچقان.

باشقا دۆلەتلەرنىڭ <<يەر شارى ماگېنىتسكى قانۇنى>>غا ئوخشاش قانۇنى بارمۇ ؟

بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى،كانادا ۋە ياۋروپا پارلامېنتى سرگى ماگېنتسكىنىڭ ئۆلۈمى توغىرسىدا روسىيە ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھەققىدە قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى.

يېقىندا،بەزى دۆلەتلەر ئىنسانى ھوقۇققا دەخلى قىلغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنى جازالاشنى كېڭەيتىپ ،ئۇلارنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە كىرىشنىمۇ چەكلىگەن.

21-فېۋرال ئەنگلىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى ئەنگلىيە نۇسخىسىدىكى <<يەر شارى ماگېنتسكى قانۇنى>>نى ماقۇللىدى.

ئىستونىيە ھۆكۈمىتىمۇ 2016-يىلى ئوخشاش بىر قانۇن لايىھىسى ماقۇللىغان ئىدى.

كانادا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارالىق ئىنسانى ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىرىنى نىشان قىلغان قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاشنى مۇھاكىمە قىلىشماقتا.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلان قىلىنغان نوپۇزلۇق خەۋەرلەر توپلىمى (2018)

سە ئىيۇن 12 , 2018
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچۇن قىلىنۋاتقان ئەڭ زور خىزمەت ئاخبارات خىزمىتىدە گەۋدىلىنىدۇ،ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلان قىلىنغان خەۋەرلەر ئىچىدە ،دۇنيا مىقياسدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەڭ جىددى مەسللەر ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىن 30 نى تاللاپ سۇندۇق.

You May Like