يېڭى: ختاينىڭ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ  يەرلىرىنى تارتىۋىلىپ، قۇل ئەمگىكى قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدىكى چوڭ دوكلات ئىلان قىلىندى

ئۇيغۇر تايمىز-ئۇيغۇرچە بۆلۈمى

2024-يىلى، 12-دېكابىر

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان تەييارلىدى.

يىللاردىن بىرى، ختاينڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ كەلگەن نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئادرىيان زىنز بۈگۈن يەنە بىر مۇھىم دوكلات ئىلان قىلغان. دوكتۇر ئادرىيان زىنزنىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ ھازىرغىچە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئ‍شلىگەن ئەڭ ئۇزۇن دوكلات بولۇپ، 135 بەت، 720 ئىزاھاتنى ئۆز ئ‍ىچىگە ئالىدىكەن.

دوكلاتتا ئاساسلىقى نىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟

*زور ساندا تۇتقۇن قىلىشتىن باشقا، بېجىڭ يەنە يېزا ئىگىلىكنى مسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە مەجبۇرى ئۇسۇلدا،سانائەتلەشتۈرمەكتە. 

*ختاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى ياشاش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا بەك زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، ئۇلارنى ناھايتى ئاسانلا تولۇق كونتىرۇل قىلىدۇ، نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ ۋە سۈمۈرۈپ تاشلايدۇ (ئاسسلماتسيە قىلىدۇ.)

* ختاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلارنى ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى چوڭ شركەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە، ئاندىن شۇ شركەتلەرگە مەدىكارچى بولۇپ ئ‍شلەشكە مەجبۇرلىغان.

*2001-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ، ئۇيغۇر رايونىدا يەر ئ‍ۆتكۈزۈپ بىرىش نسبتتى 50 ھەسسە  ئاشقان بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر يەرسز قالدۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت مەجبۇرلىشى ئاستىدا مەدىكارچى بولۇشقا زورلانغان.

*ئۇيغۇر رايونى-پۈتۈن دۇنيادىكى پەمىدۇر قىيامىنىڭ 15%نى ئ‍شلەپچىقىرىدۇ.

*ئۇيغۇر رايونى-پۈتۈن دۇنيادىكى قېزىلمۇچنىڭ 10%نى ئ‍شلەپچىقىرىدۇ.

*ئۇيغۇر رايونى-پۈتۈن دۇنيادىكى قېزىلمۇچ  ماينىڭ ئۈچتىن ئىككى قسمنى ئ‍شلەپچىقىرىدۇ.

*پەمىدۇر، قېزىلمۇچ, سەبدەگۈل ۋە ستىۋىيا قاتارلىقلارنى تېرىش، پششقلاپ ئ‍شلەش جەريانىدا يەرلىرى تارتىۋىلىغان  ئۇيغۇرلار مەجبۇرى ئ‍شلىتىلگەن.

*ئۇيغۇر رايونى يەنە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تەبئى تىتېقۇ(stevia)نى كۆپ ئ‍شلەپچىقىرىدۇ.

قايسى شركەتلەر چېتىلىدۇ؟

*دۇنيا بويلاپ 90 دىن ئارتۇق شركەت-ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئ‍شلەتكەن مەزكۇر مەھسۇلاتلارنى بازارلاشتۇرۇشقا چېتىلىدۇ.

بۇلار: Kraft Heinz, Nestlé, Del Monte, PepsiCo, McCormick, Unilever, and L’Oreal. 

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قسقا: دونالد تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسمىغا شى جىن پىڭنىمۇ تەكلىپ قىلغانلىقى غۇلغۇلا قوزغىدى.

پە دېكابىر 12 , 2024
سايلامدا ئۇتقۇچى نامزات دونالد تىرامپ 20-يانۋاردىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسمىغا ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭنىمۇ تەكلىپ قىلغان. بۇ خەۋەر تۇنۇگۇن ئىلان قىلغاندىن كىين، تىرامپنى قوللايدىغان ۋە قارشى تۇرىدىغان ھەر ئىككى تەرەپتىكى تاراتقۇلار بەس-بەستە مۇنازىرىگە چۈشكەن. تىرامپنىڭ ختاي ماللىرىغا قارشى زور مىقداردا تاموژنا جازاسى بىلەن جىددى سودا رىقابىتى قوزغايدىغانلىقى ئېىنق بولسمۇ، […]

You May Like