ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى فرانسىيە يېشىللار پارتىيەسى يازلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ستراسبۇرگ، فرانسىيە – ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بۇ يىلمۇ فرانسىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ يازلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى مەسىلىلىرى ئۈستىدە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

21-23-ئاۋغۇست كۈنلىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەركىزى بولغان ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىللىق پائالىيەتكە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىدىن مىركامىل تۇرغۇن ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى.

پائالىيەتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇيۇشتۇرۇلغان يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتىدە، تۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى ۋە خىتاينىڭ فرانسىيەدىكى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات سۇندى.

سۆھبەتكە يېشىللار پارتىيەسى فرانسىيە يۇقىرى پارلامېنت (سېنات) ئەزاسى ئانتۇۋانېت گۈل ۋە پارىژ شەھەرلىك كېڭەش ۋەكىلى ژېنۋىيېۋ گاررىگوس قاتارلىق سىياسىي ئەربابلارمۇ قاتنىشىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇماتقا قارىغاندا، فرانسىيەدىكى سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ۋە يېشىللار پارتىيەسى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك يازلىق ئۇنىۋېرسىتېت پائالىيەتلىرىگە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكە مۇنتىزىم تەكلىپ قىلىپ كەلمەكتە.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

خۇشخەۋەر: UyghurSTEM ئۆگىنىش سىستېمىسى تۈزۈلدى

يە ئاۋغۇست 24 , 2025
كۆپ يىللىق ئ‍ارزۇيىمىز بولغان بۇ سىستېما ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق ئ‍ۆگىنىش جەريانلىرىنى ئىنچىكە ۋە سىستېمىلىق ئ‍ەگىشىش، خۇلاسىلەش، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش، قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار، بالىلار بۇ سىستېما ئارقىلىق سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. سىستېمىمىزنىڭ Beta نۇسخىسى تەپسىلاتلىرى ۋە تولۇق چۈشەندۈرۈش بىلەن يېقىندا ئېلان قىلىنىپ كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇلىدۇ. […]
UyghurSTEM

You May Like