ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بىناسى ئېچىلىدۇ ھەمدە سىلەرگە مۇراجەت قىلىدۇ !

✨ئەسسالامۇئەلەيكۇم دىئاسپورا ئۇيغۇرلىرى،

پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بەش يىلدىن بېرى سۆزلىشىش، تەكرار-تەكرار سۈيلەش، ھەرخىل ئاخبارات ۋە لوببىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئۈچۈن، ئاخىرى پارىژ شەھرىنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى 17 ۋە 18-رايون ئارىسىغا جايلاشقان ئاۋات ئەمما تىنچ مەھەللىدىكى بىر بىنانىڭ ئىككى قەۋىتىدىن ئورۇن ئالدۇق.

ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ بىر بىنا سېتىۋالغۇدەك ئىقتىسادىمىز بولمىغىنى، ھەتتا بازار باھاسىدا، شەھەرنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىن 200 مېتىردىن چوڭ بىر ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئىجارىگە ئېلىشنىڭ بىزگە مۇمكىن بولماسلىقى سەۋەپلىك، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تەۋە مۇۋاپىق مۇشۇنداق بىر بىنا تېپىپ، ئاندىن ھۆكۈمەتنى ئىجارىنى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشۈرۈپ بېرىشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن، بۇ چوڭ تۈر بەش يىل سوزۇلۇپ كەتتى.

بۇ بىنادا قانداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ ؟

🏠مانا ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ بىنارىمىز بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بارلىق ئىجدىمائىي، سىياسىي، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمىز ئۆز بىنارىمىزدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپىمىزمۇ ئەمدى مۇقىم ھالدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بېلەت تاشلىشى بويىچە بىر كۈن بەلگىلىنىپ، مۇشۇ بىنادا داۋاملىشىدۇ. باشقا دۆلەتلەردىن پارىژغا ساياھەت ۋە باشقا ئىشلار بىلەن كەلگىنىدە، بىر كىرىپ ئۆتەلەيدىغان، سالاملىشالايدىغان بىر ئۇيغۇر ئۆيى بولىدۇ. بۇ پەقەت ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىغىلا ئەمەس، بارلىق دىئاسپورا ئۇيغۇرلىرىغا كىچىك ۋەتەن ئاتا قىلىدىغان بىر ئورۇندۇر.

سەككىز يىلدىن بېرى، فىرانسىيە شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپى ۋە بۇ يازدىن بېرى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئۈچۈن ئېچىلغان پىسخىك مەسلىھەت ۋە داۋالاش مەركىزى رەسمىي ھالدا بۇ بىناغا كۆچكەندىن باشقا، بىنا ئىچىگە بىر ئۇيغۇر چايخانىسى، ھەرخىل تىللاردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت كۈتۈپخانا، كىتاب ئوقۇش كۇرژىكى، ئاياللار ۋە بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش مەشىق دەرسلىرى، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى دەرسى، شۇنداقلا قەرەللىك ئاياللار ۋە كۆچمەنلەر ھوقۇقلىرىدىن قانۇنى مەسلىھەت قاتارلىقلارنى بۇ بىنادا تەسىس قىلغاندىن باشقا، مۇزىكا ستۇدىيۇسى ۋە تور مېدىئاسى قۇرۇلۇشىمۇ تەييارلىق باسقۇچىدا كېتىۋاتىدۇ.

بۇ ئورۇننىڭ نورمال ماڭدۇرالىشى ئۈچۈن، قانداق ياردەمدە بولالايسىلەر ؟

🛠️بۇ بىنانىڭ ئايلىق ئىجارىسى گەرچە بازار باھاسىدىن ناھايىتى كۆپ ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما ئىنىستىتۇتنىڭ ھېچقانداق كىرىمى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىچى قۇپقۇرۇق بىنانىڭ ئۇيغۇرچە دېكوراتسىيەسى، نورمال ئېچىلىپ ماڭالىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ھەرخىل سۈپەتلىك، خىتايدا ئىشلەنمىگەن ئۈسكۈنىلەر ۋە بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشقا (ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىككىنچى قول سېتىۋالىمىز) نۇرغۇن چىقىم كېتىدۇ. بۇندىن باشقا، بىنانى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋىتىشتىن بۇرۇن، چايخانا ۋە كۈتۈپخانا، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە دېكوراتسىيە قۇرۇلۇشلىرىغا يەنە نۇرغۇن چىقىم كېتىدۇ. ھالبۇكى، ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى پىدائىيلار بولۇپ، ھېچقانداق سودا كىرىمى يوق.

شۇ سەۋەپلەردىن، پەقەت فىرانسىيەدىكىلا ئەمەس، بارلىق دىئاسپورا ئۇيغۇرلىرىنى بىنانىڭ ئۈسكۈنە ۋە بۇيۇملىرىنى سېتىۋىلىشقا ياردەمدە بولۇشقا، ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئىئانە قىلىشقا چاقىرىمىز. تۆۋەندىكى فىرانسىيەدە ئۇيۇشمىلار ئىشلىتىدىغان ئىئانە ۋە ئەزالىق تور بېتىدە، بىنانى جابدۇشقا كېتىدىغان ئۈسكۈنە، ئەسۋاپ ۋە بۇيۇملار تىزىملىكىنى قويدۇق.

🩵بۇ پەقەت پارىژ ئۇيغۇرلىرىنىڭلا، فىرانسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭلا ئەمەس، بارلىق دىئاسپورا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىناسى. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، بىنادىكى ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىش ۋە خىزمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن، پەقەت ئىنىستىتۇتقا ئەزا بولۇشلا يېتەرلىك. سىلەرنى كۈتۈۋېلىشنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز.

https://www.helloasso.com/…/institut…/formulaires/2
https://www.helloasso.com/…/yawrupa-uyghur-institutigha…

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like