ياۋروپا ئېتتپاقى «ئەزەربەيجان ئېتنىك تازىلاش جىنايتى سادىر قىلدى» دەپ ئەيىپلىدى. ئەزەربەيجان قارشى تۇردى

تۇرسۇنجان،  ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 7-ئۆكتەبىر

ياۋروپا ئېتتپاقى بىردەك قارار ماقۇللاپ، «ئەزەربەيجاننىڭ ناگورنا قارا باغدىكى ئېىتنىك ئەرمەنلەرگە قارشى ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ»،« ئەزەربەيجاننىڭ قىلمىشى-ئىتنىك تازىلاش » دەپ ئەيىپلىدى.

19-سىنتەبىر كۈنى ئەزەربەيجان ئارمىيسى قارا باغدىكى ئەرمەن بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قارشى ھەربى ھەرىكەت ئىلىپ بىرىپ،  بىر كۈن ئىچىدە رايوندىكى ئەرمەن ھەربى كۈچلىرىنى بويسۇندۇرغان.نەتىجىدە

100 مىڭدىن ئارتۇق ئىتنىك  ئەرمەن قارا باغدىن ئ‍ەرمىنىيەگە قاچقان.ئەزەربەيجان ئۆز ھەرىكىتنى «ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش»دىگەن.ئەرمىنىيە بولسا، بۇنى «ئىتىنىك تازىلاش» دەپ ئەيىپلىگەن.

ۋەقەدىن كېىين فىرانسيە ۋە گىرمانىيە ئازەربەيجاننى قاتتىق ئەيىپلىگەن. تۈركىيە ئەزەربەيجاننى قوللىغان بولۇپ، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان  ياۋروپا ئېتتپاقىنى ئەزەربەيجانغا ئادىل بولماسلىق بىلەن ئەيىپلىگەن.

فىرانسيە تاشقى ئ‍شلار منستىرى ئەرمىنىيەگە قىلغان زىيارىتىدە، فىرانسيەنىڭ ئەرمىنىيە دۆلەت مۇداپىئەسنى كۈچەيتشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

يېقىندىن بىرى، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئارسىدىكى مۇناسۋەت-تۈركىيەنىڭ ناتوغا ئەزا قوبۇل قىلىشتىكى مەيدانى، كۈردلەرگە قارشى ھەربى ھەرىكىتى، قۇرئان كۆيدۈرۈشكە قارشى مەيدانى، شۇنداقلا ئەزەربەيجاننى قوللىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى  تېخىمۇ جىددىيلەشمەكتە.

تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى يىللاردىن بىرى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى تۈرك دۈشمەنلىكى ھەققىدە تەپسلى خەۋەر ئ‍شلەپ كەلمەكتە.

  تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، گىرمانييە ئاۋازى، فىرانسيە 24 قاتارلىق چوڭ تاراتقۇلار   ئەزەربەيجان كىرزىسىگە ئائىت زىيارەتلىرىدە ئەزەربەيجان ۋەكىلىنى قاتناشتۇرمىغان، ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياكى ئالاقىدار زاكونلىرىغا يەر بەرمىگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بايانات:  ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خاماسنىڭ بىگۇناھ ئ‍سرائىلىيە پۇقرالىرىغا قىلغان تىرورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىپلەيدۇ

شە ئۆكتەبىر 7 , 2023
7-ئۆكتەبىر بۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى 7-ئۆكتەبىر شەنبە سەھەردە، تىرورلۇق تەشكىلات خاماس ئ‍سرائىلىيەگە قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇدىن ھۇجۇم قىلىپ،  يۈزلىگەن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشى، يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خاماس يەنە بالىلار ۋە ئاياللارنى ئەسرگە ئالغان بولۇپ، ئاياللارنى يالىڭاچلاپ، ماشنىدا سۆرەپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ماڭغان كۆرۈنۈش ياۋايىلىقتۇر ۋە ئ‍نسانىيلىققا خىلاپتۇر. يىللاردىن بىرى خاماس-ئىران، […]
ئ‍سرائىليە

You May Like