ختاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-ئۇيغۇر جازا لاگىرلىرى ئۈستىدە ھاۋا ئارمىيسى مانىۋىرى ئىلىپ بارىدۇ

ياۋرو-ئاسيا ۋاقتى: ختاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-ئۇيغۇر جازا لاگىرلىرى ئۈستىدە ھاۋا ئارمىيسى مانىۋىرى ئىلىپ بارىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 11-ئېيۇل

ياۋروپا ئاسيا ۋاقىت گېزىتى بۈگۈن ئىلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ختاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيسى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى بىرلىشپ، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستان ئاسمانلىرىدا تىرورلۇققا قارشى ھاۋا ئارمىيسى مانىۋىرى ئىلىپ بارىدىكەن.

ئاتالمىش بۈركۈت قالقىنى 2024 ( Falcon Shield-2024 ) دەپ ئاتالغان مەزكۇر ھاۋا ئارمىيسى بىرلەشمە مانىۋىرى، 2023- يىلى تۇنجى قېتىم ئ‍ۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ختاينىڭ مەقسىدى، ئۆزىگە ئۇيغۇرلارغا قارشى تېخىمۇ كۆپ ئېتتپاقداش تېپىش ۋە ئۇلارنى ئ‍ۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەتلىرىدە بىرلىكسەپ بەرپا قىلىش ئىكەن.

ختاي دۆلەت مۇداپىئە منستىرلىكى:« مەزكۇر مانىۋىرنىڭ مەقسدى ئىككى دۆلەتنىڭ ستىراتىگىيەلىك ئ‍شەنچ ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق نشانغا تەڭ يېتىشتۇر.» دىگەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھاۋا ئارميسى ختايدىن Wing Loong 1 and Wing Loong 2 كۆرەشچى ئايروپىلاننى ستىۋالغان.شۇنداقلا ختاينىڭ تانكىسنى ئ‍شلەتمەكتە ئىكەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-ختاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم ئېتتپاقدىشى بولۇپ، ئەزەلدىن ب د ت دا ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوللاپ كەلمەكتە، تاراتقۇلار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكىدە ختاي ساقچىخانىلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ سوراق قىلىنغاندىن كىين ياكى قويۇپ بىرىلگەن ياكى ختايغا ئىلىپ كېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

جەۋھەر ئىلھام ئانتونى بىلىنكىن كۆرۈشتى

پە ئىيۇل 11 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 11-ئ‍ېيۇل ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە تەتقىقاتچى، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر پىروففىسور ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئ‍شلىرى مەھكىمسى كاتىۋى ئانتونى بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشۈپ دادىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. جەۋھەر مۇنداق ئېجتىمائى تاراتقۇ ئەكستە دىگەن: «يېقىندا مەن دۆلەت ئ‍شلىرى مەھكىمىسى كاتىۋى ئانتونى بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشۈپ، دادام ئىلھام توختى ھەققىدە سۆھبەتتە […]
جەۋھەر ئىلھام ۋە ئانتونى بىلىنكىن

You May Like