خۇاۋېي: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ قاتتىق چەكلەش بۇيرۇقى كۈچكە ئىگە بولدى

15- سىنتەبىردىكى ئاخىرقى مۆھلەت يېتىپ كەلدى، ترامپ ھۆكۈمىتى خۇاۋېينىڭ سودا قاناللىرى ئارقىلىق توك ئۆزەككە ئېرىشىش ئىقتىدارىنى چەبدەسلىك بىلەن كېسىپ تاشلىدى.

BBC خەۋىرى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020- يىلى 15- سىنتەبىر
قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇرئاگېنتلىقى

2020- يىلى 18- سىنتەبىر

 

15- سىنتەبىردىكى ئاخىرقى مۆھلەت يېتىپ كەلدى، ترامپ ھۆكۈمىتى خۇاۋېينىڭ سودا قاناللىرى ئارقىلىق توك ئۆزەككە ئېرىشىش ئىقتىدارىنى چەبدەسلىك بىلەن كېسىپ تاشلىدى.

 

خىتاينىڭ بۇ پەن-تېخنىكا ماگناتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر كۈن شەك-شۈبھىسىزكى قاراڭغۇ بىر كۈن بولدى. يان تېلېفون، 5G ئاساسىي پونكىتىدىن تارتىپ، مۇلازىمېتىرغىچە، ھەتتا ھەر خىل ئىنتېرنېت ئۈسكۈنىلىرىگىچە بولغان خۇاۋېي تۇغى ئاستىدىكى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆزەككە تايىنىشتىن مۇستەسنا ئەمەس. قاتتىق دېتالنى ئاساس قىلغان بىر پەن-تېخنىكا كارخانىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆزەك بولمىسا، مەھسۇلات بولمايدۇ؛ مەھسۇلات بولمىسا كارخانىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

 

شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، خۇاۋېي قۇرۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ يىللىق ئىككىنچى پەسىلدە، ئەقلىي تېلېفون سېتىپ چىقىرىش مىقدارى سامسۇڭنىڭكىدىن ھالقىپ، يەرشارى بويىچە سېتىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى تەختكە تۇنجى قېتىم چىققان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئۈچىنچى پەسىلدە ئومۇمىي يۈزلۈك «ئۆزەك ئۈزۈلۈش» كە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئورنى تېخى ئىسسىماي تۇرۇپلا، تەخت بوشىتىشقا مەجبۇرىلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ.

 

خۇاۋېيغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 15- سىنتەبىر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يېپيېڭى بىر دەۋر باشلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۆزەك سانائىتى يوشۇرۇن ھالەتتىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە يۈزلەنمەكتە.

 

مەنبە:
https://www.bbc.com/zhongwen/simp/business-54151243

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلارغا كىچىك بىر تەۋسىيە

جۈ سېنتەبىر 18 , 2020
گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان قېرىنداشلار گۇۋاھلىق بەرگەندە، ئۆزىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، ۋەتەندىن ئايرىلغان ۋاقتى، تۇرۇۋاتقان دۆلىتى ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى، گۇۋاھلىقنىڭ مەزمۇنى، گۇۋاھلىق مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدىغان كىشلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ۋاقتى، بۇ گۇۋاھلىققا تۈرتكە بولغان ئىچكى - تاشقى ئامىل، بۇ گۇۋاھلىقتا مەسئۇل تۇتۇشقا تېگىشلىك شەخىس/ئورگان/ ھۆكۈمەت/ پارتىيە/( جاۋابكار) دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن كۈتۈدىغانلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويسا گۇۋاھلىقنىڭ ئىسپاتلىق قىممىتى تېخىمۇ ئېشىشى، مۇخبىرلارنى جەلپ قىلىشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.

You May Like