ختتاي كومپارتىيەسى ۋە توققۇز يالغان

ختتاي كومپارتىيەسى يۈكسەك سياسى ئەھمىيەتكە ،چەكسز بايلىققا ،خەلقئارا تەسرگە ئىگە بولغان شەرقى تۈركستان زىېمىنىنى مەڭگۈ بېسۋىلىش ئۈچۈن توققۇز يالغاننى ئويدۇرۇپ ،ختتاي مىللىتى،ئۇيغۇر خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداش ئۈچۈن تىرىشتى،دۆلەت ئىچىدە يالغانغا تولغان تەشۋىقات ،يالغانغا تولغان تەتقىقات ،يالغانغا تولغان مائارىپ ، ئالداپ سېتىۋىلىش ۋە قورال بىلەن قورقۇتۇش كومپارتىيەنىڭ بۇ توققۇز يالغاننى تارقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك بەش ئۇسۇلى بولۇپ كەلدى.

ختتاي كومپارتىيەسى ۋە توققۇز يالغان 

<<ئۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى>> يۈرۈشلۇكلىرى (31-يازما )

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان 

ختتاي كومپارتىيەسى يۈكسەك سياسى ئەھمىيەتكە ،چەكسز بايلىققا ،خەلقئارا تەسرگە ئىگە بولغان شەرقى تۈركستان زىېمىنىنى مەڭگۈ بېسۋىلىش ئۈچۈن توققۇز يالغاننى ئويدۇرۇپ ،ختتاي مىللىتى،ئۇيغۇر خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداش ئۈچۈن تىرىشتى،دۆلەت ئىچىدە يالغانغا تولغان تەشۋىقات ،يالغانغا تولغان تەتقىقات ،يالغانغا تولغان مائارىپ ، ئالداپ سېتىۋىلىش ۋە قورال بىلەن قورقۇتۇش كومپارتىيەنىڭ بۇ توققۇز يالغاننى تارقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك بەش ئۇسۇلى بولۇپ كەلدى.

1-يالغان :شەرقى تۈركستان ياكى ئۇيغۇرستان (شنجاڭ ياكى غەربى يۇرت)ئەزەلدىن ختتاينىڭ ئايرىلماس بىر قسمى،<<شنجاڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى >>.

بۇنىڭغا جاۋاپ :شەرقى تۈركستان ختتاينىڭ ئەمەس،ئۇيغۇر ۋە باشقا قىرىنداش مىللەتلەر بەرپا قىلغان ،تەرەققى قىلدۇرغان،بوستانلاشتۇرغان،قسمەن ئۈزۈلگەن تارىختىن باشقا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلۇپ كەلگەن زېمىندۇر.

شەرقى تۈركستان تاكى ختتاي كومپارتىيسى مۇستەملىكە قىلغانغا قەدەر دۇنيا <<ختتاي تىرىتورىيەسى>> دەپ ئ‍ېتىراپ قىلغان  ئەمەس .ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان دۆلەتلەر،بىتەرەپ تەتقىقاتلار،ختتاي-روسيە شەرتنامىلىرى،خەلقئارا ھۈججەتلەر بۇنىڭ ئاددى پاكىتى.

2-يالغان:<<ختتاي كومپارتىيەسى شنجاڭنى ئازات قىلدى ،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى -جۇڭگو ئىنقىلاۋىنىڭ ئايرىلماس بىر قسمى>>

ھەقىقەت :ئۇيغۇرلار ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان ،ختتاي كومپارتىيەسى سۆۋىت بىلەن ھەمكارلىشپ دۆلىتىمىزنى ھەربى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن بېسۋالغان. ختتاي ھۆكۈمىتى دۆلىتىمىزنى ئازات قىلغىنى يوق،

ئەكسچە بېسۋالغان.

3-يالغان:<<ختتاي كومپارتىيەسى -ئۇيغۇرلارغا تەرەققىيات،مائارىپ،بەخت-سائادەت بەردى،ختتاي كومپارتىيەسى بولمىغان بولسا،ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۇنى بولمايتتى>>.

ھەقىقەت:ختتاي كومپارتىيەسدىن بۇرۇن خۇددى خىتتاي خەلقى ئۆز زېمىن تەۋەسدە نورمال ياشاپ كەلگەندەك،ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۆز زېمىن تەۋەسدە نورمال ۋە باياشات ياشاپ كەلگەن.ختتاي كومپارتىيەسى بولمىسا ،ئنسانىيەت ئۆز يولىدا مېڭىۋرىدۇ،دۇنيا تېخىمۇ تىچ، گۈزەل ،باراۋەر ۋە ئەركىن بولىدۇ.

شۇڭا توغىرسى :<<ختتاي كومپارتىيەسى بولمىغان بولسا،ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۇنكىدەك ئازاپلىق قسمىتى بولمايتتى.>>

4-يالغان:<<ئۇيغۇرلارنىڭ دېنى ئېتىقادى،مەدەنىيتى،تىل-يېزىقى ياخشى قوغدىلىۋاتىدۇ>>

جاۋاپ:ختتاي كومپارتىيەسى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى ۋە ۋاستىلەرنى ئشقا سىلىۋاتىدۇ،ئەرلەرنى قاماپ،ئاياللارنى ختتايغا تويلاشتۇرۇپ،بالىلارنى ختتايچە تەربىيلەپ،ئاشكارا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ.

5-يالغان :<<ئۇيغۇر مىللىتى-جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسنىڭ بىر ئەزاسى ،ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار بىر تۇققان،ئۇيغۇرلار -خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ.>>

ھەقىقەت :ئۇيغۇرلار -بۇيۇك ئنسانىيەت چوڭ ئائىلىسنىڭ بىر ئەزاسى.ئۇيغۇرلار بىلەن ختتايلار ئەزەلدىن بىر تۇققان ئەمەس،ئۇلارنىڭ تىل ،مەدەنىيەت،ئېتنىك باغلىنىشى يوق،

ختتايلار مەجبۇرى تويلاشتۇرۇش سياسىتى ئارقىلىق بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.ئەمما ختتايلار مەڭگۇ ختتايلاردۇر،ئۇيغۇرلار مەڭگۇ ئۇيغۇرلاردۇر،ئارلاشمىلار مەڭگۇ ئارىلاشمىلاردۇر.

6-<<ئۇيغۇرلار تىرورچى،بۆلگۈنچى ،رادىكال ۋە زوراۋان ئۇنسۇرلاردۇر.>>

ھەقىقەت: ئۇيغۇرلار تىچلىقپەرۋەر ،مەدەنىيەتلىك خەلق،باشقىلار بىلەن تىچلىقتا بىللە ياشالايدىغان ،ھەمكارلىشالايدىغان بىر مىللەت .ئۇيغۇر مىللىتى-دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر بىلەن پەن-تېخنىكا،مائارىپ،ئېقتساد،مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ھەمكارلىشالايدىغان يوشۇرۇن كۇچكە ئىگە.ئۇيغۇرلار تىلى، تارىخى، مەدەنىيتى، سەنئىتى، يېمەك-ئىچمىكى، كىيم-كىچىكى، ئۆي-ئىمارەتلىرى،يازما ئەدەبىياتى ، مۇئامىلە سەنئىتى قاتارلىق ئۆزگىچە مەدەنىيتى بىلەن ھەر قانداق مىللەتتىن قىلىشمايدىغان ئەۋزەللىككە ئىگە.

ختتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى دۇنيادا يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئاتايىتەن تەربىيلەپ خەلقئارا تىرورچىلار سېپىغا ئەۋەتكەن كۇچلەر ،ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەنئپەئىتى قارشىسغا شۇئار توۋلاۋاتقان يالغان جىھادچىلار ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،چۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى مەنپەئىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىتى زىمىنى ئۈچۈن كۆرەش قىلمايدىغان كۈچلەر ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

7-يالغان :<<ئۇيغۇر مىللىتى قالاق،ياۋايى،كاۋاپچى،،بۇزۇق ئوغرى مىللەت >>

جاۋاپ:ئۇيغۇر مىللىتى ھۆكۈمەتسز ۋە تەشۋىقاتسز بولغانلىقىدەك پاسسپ ئامىللار سەۋەبىدىن ختتاي دۆلەت ئىچىدە تەشۋىقات ئۇرۇش ئوبىكتىغا ئايلاندۇرۇلدى،

ختتاي تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئون يىلدىن ئارتۇق قالاق ۋە ياۋايى ناملىرى بىلەن سستىپ ،ئۇيغۇر مىللىتىنى پەقەت ختتاي كومپارتىيسى ئۈچۈنلا ئەمەس،بىر يىرىم مىلىياردقا يېقىن نوپۇسى بار ختتاي مىللىتنىڭ،ھەتتا دۇنيانىڭمۇ ئورتاق  دۈشمىنى قىلىش ئۈچۈن تىرىشتى ،ئۇيغۇرلارنى ھەممىلا يەردە ئۇر-ئۇرغا قويماقچى بولدى،ئۇيغۇرلارغا ختتاينىڭ دۆلەت،مىللەت،ھۆكۈمەت تەڭ تاقابىل تۇرىدىغان ،ئۇيغۇرلارنىمۇ ختتاينىڭ دۆلەت،مىللەت،ھۆكۈمىتىگە تەڭ ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ھالغا كەلتۈردى.بۇ ئارقىلىق سانى ئاز بولغان ئۇيغۇر مىللىتى مۇتلەق ئاجىز ئورۇنغا چۇشۇرۇلدى.

8-يالغان :<<ئۇيغۇر خەلقى ختتاي كومپارتىيەسنى ھىمايە قىلىدۇ،بۆلگۇنچىلىككە قارشى تۇرىدۇ>>

.جاۋاپ:ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن كومپارتىيەنى ھېمايە قىلمايدۇ،زىيادە كۆپ سانلىق كۈچكە،ھەربىيگە ئىگە بولغان ختتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ۋاستىلەرنى ئشقا سلىپ،ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت سۈپىتىدە قارشىلىق كۆرستىش ئىمكانىدىن مەھرۇم قىلغاچقا ،كۆز بوياش ،مەجبۇرلاش ئارقىلىق قسمەن كىشلەرنى ئوتتۇرىغا چېقىرىپ ،ئۇيغۇر خەلقى كومپارتىيەنى ھېمايە قىلىدۇ دەپ تەشۋىق قىلدى.

9-يالغان :<<جۇڭگو كومپارتىيسى ئادىل،كۈچلۈك،توغرا ،خەلقچىل،مەڭگۇ ھاكىمىيەت سۈرىدىغان پارتىيە >>،

جاۋاپ:ختتاي كومپارتىيەسى-ختتاي دۆلىتى ۋە بېسۋىلىنغان زىمىنلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۇچۇن ،ھۆكۈمەت بېشىدىكى ھوقۇق ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ زەنجىرسمان مەنپەئىتى ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان قورقۇنچلۇق پارتىيە.بۇ پارتىيە ختتاي مىللىتىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۇچۇن ئۇلارغا چوڭ مىللەتچىلىك زەھىرىنى چاچتى،ئىدىيە جەھەتتىلا ئەمەس،نەچچە يۇز مىلىيونغا يېتىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەممىسى چىرىكلەشكەن سستىما ئاستىدا ئشلەۋاتىدۇ.پۇتۇن خىتتاي كومپارتىيەسى قانخورلۇق،يالغانچىلىق،چىرىكلىك،سۇيقەتس، پاكىت ئويدۇرۇش،جاسۇسلۇق تورى ،قورقۇتۇش،ئالداپ سېتىۋىلىش،پارىخورلۇق ،قانۇننى بۇرمىلاش  ،جنايەت ئويدۇرۇش يوللىرى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ !

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ۋول سچرىت :ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى:ئۇيغۇرلار غايىپ بولماقتا!

چا ئاۋغۇست 15 , 2018
ۋول سچرىت :ختتاينىڭ ئۇيغۇرلار قىلىۋاتقان زۇلۇمى:ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتمەكتە! ئىلان قىلىنغان ۋاقتى:12-ئاۋغۇست،18:48. ماقالە تۈرى:ۋال سچرىت باش ماقالىسى تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن ئەردەم تەرجىمە تەھرىرى:تارىم قېزى بېكىتكۈچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان خەلقنىڭ كۈچى چەكسزدۇر !

You May Like