ختاي:ئاتالمىش شىنجاڭلىق ئۈچ يازغۇچى «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

ختاي دۆلەت تەشۋىقاتى بولغان جۇڭگو ئۇيغۇر رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاتالمىش شنجاڭدىن ئۈچ نەپەر يازغۇچى ياكى تەرجىمان ختاينىڭ داڭلىق «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

ختاينىڭ مەزكۇر مۇكاپاتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات ساھەسدىكى ئاساسلىق مۇكاپاتلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئىجادى جەھەتتە ئ‍ىلھام بىرىشنى ئەمەس، ختاينىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا ئىلھام بىرىش مەقسدىدە، تەرجىمان يۈسۈپ ئەيساغا مۇكاپات بەرگەن. بۇ ختاينىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە قەد كۆتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.

ختاي مۇنداق خەۋەر قىلغان:«13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»نى باھالاش كومىتېتى يېقىندا بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 25 ئەسەر ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەش تەرجىماننى بارلىققا كەلتۈردى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق شىنجاڭدىن ئۈچ يازغۇچى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. تاجىك يازغۇچى روزى گۈلباينىڭ «گۈل ئەبەدىي شۇنداق قىزىل» ناملىق رومانى رومان ئىجادىيىتى مۇكاپاتىغا، دۇڭشياڭ مىللىتىدىن ئەيبۇ ياقۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن يۈسۈپ ئەيسا تەرجىمان مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دولقۇن ئ‍سا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئ‍سلىكىدىن چېكىندى،بىرىنچى مۇئاۋىن رەئ‍س ئەركىن ئەكرەم مۇۋەققەت رەئ‍سلىككە تەيىنلەندى

دۈ ئاۋغۇست 5 , 2024
جىنسى پاراكەندىچىلىك ۋەقەسى-خەلقئارادا داۋاملىق ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ سياسى ئوبرازىغا ئىغىر داغ چۈشۈرمەكتە. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 5-ئاۋغۇست دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ئورگان تاراتقۇسى دۇق تېلىۋىزىيەسى مۇنداق دىگەن: يېڭى سايلانغان 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي 170 نەپەر ۋەكىللەرنىڭ تۇنجى تور يېغىنى ئىچىلغان، يېغىندا دولقۇن ئ‍سا ئۆزىنىڭ دۇق رەئ‍سلىكىدىن ۋاقىتلىق چېكىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي 27-ۋە 28-ئېيۇل كۈنلىرى […]
دولقۇن ئ‍سا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئ‍سلىكىدىن چېكىندى،بىرىنچى مۇئاۋىن رەئ‍س ئەركىن ئەكرەم مۇۋەققەت رەئ‍سلىككە تەيىنلەندى

You May Like