ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-يانۋار
ئافغانستانغا ھۆكۆمرانلىق قىلىۋاتقان تالبان ھۆكۈمىتىنىڭ ختايغا ئەۋەتكەن باش ئەلچىسى بىلال كەرىمى ( Bilal Karimi) ختاي ھۆكۈمرانى شى جىن پىڭغا دىپلوماتىك خەت تاپشۇرۇپ، رەسمى دىپلوماتىك ئېتىراپنامىغا ئېرىشكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى.ختاي ھۆكۈمىتى ھەتتا روسيە،ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان تالىباننى تۇنجى بولۇپ ئاشكارا ئېتىراپ قىلدى.ئۆزگىچە يېرى شۇكى، تالىبان باش ئەلچىسى-بېجىڭ ختاي خەلق سارىيدا بېجىڭغا دىپلوماتىك كېنىشكا تاپشۇرغان 38 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسى قاتارىدا باش ئەلچى خېتى تاپشۇردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللا مۇجاھىد ( Zabihullah Mujahid ) مۇنداق دىگەن: ختاي پۈتۈن دۇنيا تونۇپ چۈشەنمىگەننى چۈشىنىدۇ.ھازىر بىر قۇتۇپلۇق (ئامېرىكىنىڭ دۇنياسى)ئەمەس، بىز ئىران ۋە روسيەنىمۇ بىزنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز.»
ختاي دۇنيا بويلاپ، ئامېرىكىغا قارشى بارلىق كۈچلەرنى قوللاپ كەلگەن بولۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ختاينىڭ نىيتى بولغان ئامېرىكىنى پۈتۈنلەي ئاجىزلاشتۇرۇش، دۇنياغا لىدىر بولۇش، ئامېرىكىغا قارشى كۈچلەرنى قۇترىتىش ئارقىلىق دۇنيانى ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىق پاتقىغا پاتۇرۇپ ئۆزى ئارىدىن پايدا ئالماقچى بولغانلىقىغا دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ختاي روسيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، شمالى كورىيەنىڭ ئامېرىكىغا قارشى يادرو تەرەققىياتى ۋە سناق قىلىشى، خاماسنىڭ ئسرائىلىيەگە قارشى ئۇرۇشى، ئىراننىڭ خوسىلار قوشۇنى قاتارلىقلارنى قورال، ئستىخبارات ۋە دىپلوماتىك ياردەملەر بىلەن قوللاپ كەلگەنلىكى كەڭرى خەۋەر قىلىنىپ كەلمەكتە.
تالبان ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىققاندىن كىين، خەلقئارا تاراتقۇلار ئافغانستاندىكى شەرقى تۈركستان تەشكىلاتى ياكى قوراللىق گۇرۇپپلىرىنىڭ ختايغا قارشى ھىچقانداق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە خەۋەر قىلىپ باقمىدى.
ئۆتكەن ئىككى يىلدا، تالىبان ھۆكۈمىتى بىر نەچچە قېتىم « ئافغانستان تەۋەسدە ختاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرىمىز، ئافغانستاندا ختايغا قارشى قوراللىق كۈچلەر يوق» دەپ ۋەدە بەرگەن.بۇنىڭغا جاۋابەن ختاي ھۆكۈمىتى تالىبان ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا سەھنىلەردە قوللايدىغانلىقىنى، ئېقتسادى ۋە تېخنىكا جەھەتتە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2023-يىلى ختاينىڭ جاسوسلۇق تېخنىكا ۋە ئالاقە شركەتلىرى ئافغانستاننىڭ تىلفون ئالاقە تېخنىكا قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ تالىباننىڭ ختايغا ئالدىراپ ئشەنگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ مۇھىم ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى ختايغا تولۇق ئاڭلاش،ئىگەللەش ئىمكانىيتى بەرگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ.