ختاي-قەشقەر بىلەن پاكستان ئ‍سلامئ‍اباد ئاۋىئاتسيە لىنيەسى 15 يىلدىن كىين قايتا  ئاچقان

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-يانۋار

ختاي -ئاتالمىش شنجاڭنى يەر شارىلاشقان شەكىلدە دۇنياغا تەشۋىق قىلىش، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئۇسۇللارنى ئ‍شقا سالماقتا، ساياھەت ۋە سودا بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىىم تاكىتىكلاردىن بىرى ھسابلىنىدۇ.

ختاي دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرىشچە،  قەشقەردىن پاكىستان ئىسلامئابادقا ئۇچىدىغان خەلقئارا يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇراسىمى قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T 1 ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن. 

بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى-قەشقەر – ئىسلامئاباد ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 2009-يىلى بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش توختىتىلغاندىن كېيىن، ئارىدىن 15 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئىكەن.

بۇ قېتىم ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن CZ 8019/20 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇشىنى ختاي جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىجرا قىلىدىكەن، ھەر شەنبە كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدىكەن.

قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى جاڭ يۇڭتەي مۇنداق دىگەن: ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ  جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مۇنداق قارايدۇ: ختاي ھاۋا لىنىيەسنى 15 يىلدىن كىين قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى-ئۇنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش، بېسقتۇرۇش قەدىمىنىڭ ئۆزىنى بېخەتەر ھس قىلدۇرغۇدەك دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ يەنە ختاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتىنىڭ مۇھىم باسقۇچىلىرىدىن بىرى ھسابلىنىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ۋېرجىنيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كونا ئىككى ئادوۋكات دوستلىرى: بىرايىن ۋە دانىيال بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بىرىلدى

پە فېۋرال 1 , 2024
ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-فېۋرال ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فايىر فاكىسقا جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە، ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى پاناھلىق ئىلتىماس ئ‍شلىرىدا ئادوۋكاتلىق خىزمىتى قىلىپ كەلگەن ئىككى داڭلىق ئادوۋكات بىرايىن ۋە دانيال بىلەن كۆچمەنلىك ئ‍شلىرى، سياسى پاناھلىق ئىلتىماسى جەريانى ۋە تەرتىپلىرى، ئىلتىماس قوبۇل قىلىنىشنىڭ كۈچلۈك ئاساسلىرى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئىلىپ بىرىلغان. […]
ۋېرجىنيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كونا ئىككى ئادوۋكات دوستلىرى: بىرايىن ۋە دانىيال بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بىرىلدى

You May Like