ختاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تۇرپان ۋە قەشقەردە يەنە ئىككى كۆمۈر كاننى قېزىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن

ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 1-دېكابىر

ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ »ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىلان قىلىشغا ئاساسەن، ختاي دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېقىندا ئۇيغۇرستاندا  ئىككى كۆمۈر كان تۈرىنى تەستىقلىغان بولۇپ، ئۇلار كېبۇر شور كان رايونى 12-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى، يېڭىسار كان رايونى كاداش رايونى 1-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىدىن ئىبارەت

ختاي تاراتقۇسنىڭ ئىلان قىلىشچە، «كېبۇر شور كان رايونى 12-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ، تۈر ئورنى توقسۇن ناھىيەسى بوشېڭ كۆمۈر كانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە، قۇرۇلۇش ئورنى تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدە. بۇ كۆمۈر كان كۆمۈرنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۆلچىمى بويىچە، چوڭ تىپتىكى زامانىۋى كان قۇدۇقى ۋە يۈرۈشلەشكەن كۆمۈر تاللاش زاۋۇتى قۇرىدۇ، بۇنىڭغا جەمئىي 1 مىليارد 782 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.»

  «يېڭىسار كان رايونى كاداش رايونى 1-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا بولۇپ، تۈر ئورنى ختاي شركىتى شىنجاڭ «لۈنخۇي» كانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە، قۇرۇلۇش ئورنى بۈگۈر ناھىيەسىدە بولۇپ،1 مىليارد 833 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.»

  

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قەشقەردە ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى تەشكىللىگەن جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسىنىڭ 6-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن.

جۈ دېكابىر 1 , 2023
ختاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشغا ئاساسلانغاندا، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە قەشقەر خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن. جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسى ئۇيغۇر كارخانىچى دىلارە قۇربان تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن يەرلىك ۋە رايون خاراكتىرلىك سودا يەرمەنكىسى بولۇپ، 2014-يىلى «سودا نازارىتى»تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى رەسمى تەستىقلانغان. ختاي تاراتقۇلىرىنىڭ […]
ئالتۇن كۆۋرۈك

You May Like