ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 1-دېكابىر
ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ »ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىلان قىلىشغا ئاساسەن، ختاي دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېقىندا ئۇيغۇرستاندا ئىككى كۆمۈر كان تۈرىنى تەستىقلىغان بولۇپ، ئۇلار كېبۇر شور كان رايونى 12-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى، يېڭىسار كان رايونى كاداش رايونى 1-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىدىن ئىبارەت
ختاي تاراتقۇسنىڭ ئىلان قىلىشچە، «كېبۇر شور كان رايونى 12-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ، تۈر ئورنى توقسۇن ناھىيەسى بوشېڭ كۆمۈر كانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە، قۇرۇلۇش ئورنى تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدە. بۇ كۆمۈر كان كۆمۈرنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۆلچىمى بويىچە، چوڭ تىپتىكى زامانىۋى كان قۇدۇقى ۋە يۈرۈشلەشكەن كۆمۈر تاللاش زاۋۇتى قۇرىدۇ، بۇنىڭغا جەمئىي 1 مىليارد 782 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.»
«يېڭىسار كان رايونى كاداش رايونى 1-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا بولۇپ، تۈر ئورنى ختاي شركىتى شىنجاڭ «لۈنخۇي» كانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە، قۇرۇلۇش ئورنى بۈگۈر ناھىيەسىدە بولۇپ،1 مىليارد 833 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.»