ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەت ۋە جىددى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئانالىزى

تاھىر ئىمىن ئ‍ۇيغۇرىئان

ختاي ھۆكۈمىتى-بىر پارتىيىلىك دىكتاتۇرلۇق تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت يۈرگۈزۈش كۈچىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، ھەر قانداق تۇيۇقسىز ۋەقە، ئاپەتنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئوبرازى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارايدۇ ۋە بار كۈچى بىلەن يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى يوشۇرىدۇ ياكى ساختا تەشۋىقات ئىلىپ بارىدۇ.

ختاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر يۈرۈش ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ئورناتقان بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى ئاپەتنى تىز سۈرئەتتە تىزگىنلەش ۋە بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئوبراز تەشۋىقاتى ۋە كۈچىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلىدۇ.

كۆپ قېتىملىق ۋەقەلەرگە ئاساسلانغاندا، ختاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا ئىلان قىلغان جىددى ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزىمى -ختاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىپ كىلىۋاتقان ئەمەلىيەتلەر بىلەن بىردەك ئەمەس. مەسلەن: سېچۋەندىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسى، سارىس ۋە كوۋىد-19 ۋېرۇسى ۋەقەسى، 89-يىلىدىكى تېيەنئەنمىن ۋەقەسى..قاتارلىقلاردا ختاي ھۆكۈمىتى ئىلان قىلغان تەشۋىقات بىلەن قوللانغان مېخانىزىم ۋە تەدبىرلەر بىردەك ئەمەس.

جىددى ۋە تۇيۇقسز ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، ختاي ھۆكۈمىتى كۆپىنچە ھاللاردا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ:

1-يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش: ئاپەت رايونى ۋەقەنى ئالدى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىش

2-ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەش ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەت ئ‍ەترىتى ئەۋەتىش

3-ئىچكى يېغىن: ھۆكۈمەت مەزكۇر ئاپەت ھەققىدە دەرھال ئىچكى يېغىن ئىچىش

4-دەسلەپكى ئاخبارات: ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئاپەت ھەققىدە قىسقا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ھۆكۈمەت يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلىش

5-ئۇنىۋېرسال كونتىرۇل: ئاۋال ۋەقەنى ئۆز كۈچى دائىرىسىدە كونترول قىلىش

6-ئۇچۇر قامالى: ھەر قانداق ئۇچۇر سىرتقا چېقىپ كېتىشتىن بۇرۇن قامال قىلىش، ھۆكۈمەتكە پايدىسىز ھەر قانداق ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش

7-ھەقىقى ئەھۋالنى كونترول قىلىش: كومپارتىيىگە پايدىلىق ھەر قانداق ئەھۋال ھەقىقى ئەھۋال. شۇڭلاشقا، ھەقىقى ئەھۋال ختاي ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق بولسا، سرتقا ئاشكارىلاشقا بولىدۇ، زىيانلىق بولسا يوشۇرۇش كىرەك.

8-سەپەرۋەرلىك تەشۋىقاتى: ختاي ھۆكۈمىتى كۆپىنچە ھاللاردا دۆلەت مالىيىسىدىن كۆرە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارقىلىق ئاممىدىن ياردەم يېغىش، پىدائىي تەشكىللەش ئارقىلىق سەپەرۋەرلىك ئۇيۇشتۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئوبرازىنى قوغداش، مالىيە كۈچىنى تېجەش، يەرلىكتە پايدىلىنىش قاتارلىق مەقسەتلەردە يېتەلەيدۇ.

9- خەلق رايىنى كونترول قىلىش تەشۋىقاتى: ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى بار كۈچى بىلەن كونترول قىلىدىغانلىقى، خەلق ئاممسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلىش، يەرلىك دائىرىلەرنى قوزغاپ، نەق مەيدان تەشۋىقات ھەرىكىتى قوزغاش

10-مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپەتنى تىزگىنلەش ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى

ختاي ھەر قېتىملىق ئاپەتتىن كىين ئوخشاش بولغان تەشۋىقات سۆزلىرىنى تەكرارلايدۇ:

«پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، دانا يېتەكچىلىكىدە، ئاپەت مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلىندى ۋە ئاپەت زىيىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە تىزگىنلەندى»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بىر دەۋىرنىڭ موللىسى _ شاپتۇل داموللا

دۈ يانۋار 29 , 2024
تەييارلىغۇچى: ئابدۇرەھىم پاراچ «شاپتۇل داموللا» نامى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «مۇناپىق» دەپ تونۇلغان ئابدۇغوپۇر داموللا _ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسى، شاپتۇل يېزىسىدىن بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە مەشھۇر بىر ئۆلىما ۋە دىنچى سۈپتىدە تونۇلغان بىر كىشىدۇ. ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن. ئۇ شېڭشىسەي بىلەن بىرلىشىپ، خوجىنىياز ھاجىم ۋە […]
شاپتۇل داموللام

You May Like