ختاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشلىك ھوقۇق يېغىنىدا نىمە دىدى؟

6-ئاينىڭ 19-كۈنى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋەدە ختاينىڭ كىشلىك ھوقۇقى خاتىرسى مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى ختاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ ختاينى تەنقىد قىلدى. ئۇنداقتا ختاي بۇ ھەقتە نىمە دىدى؟ ختاينىڭ خەلق تورى مۇنداق خەۋەر قىلدى:

ختاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، باش ئەلچى چېن شۈ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 56-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمىنىڭ يىللىق دوكلاتىنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىش ھالقىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دىگەن:

« تىنچلىق، تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇق زىچ باغلانغان، خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات بولمىسا، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخ بولۇپ قالىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىش ئۇزاققا سوزۇلۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى قايتا باش كۆتۈرۈپ، تەرەققىيات يولىدىكى ھاڭ چوڭقۇرلىشىپ، دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش خىرىسقا دۇچ كەلدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، ھەرقايسى تەرەپلەر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى تېخىمۇ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەۋپسىزلىك ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداپ، تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تىنچلىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقتىن ئادىل بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

چېن شۈ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش داۋامىدا ھەر مىللەت خەلقى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن باراۋەر ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتتى. جۇڭگو دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى خىزمىتىنى قوللاپ، دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قاراپ چىقىشى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن سەمىمىي ۋە ئىجابىي سۆزلىشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگونى ھەرقانداق يالغان ئۇچۇر بىلەن ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر ئۆتۈش ئاساسىدا، ھەرقايسى دۆلەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس ئىش بېجىرىش ئورنى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قسقا خەۋەر: تاجىكستان ھىجابنى چەكلىگەنلىكىنى ئىلان قىلدى

سە ئىيۇن 25 , 2024
تاجىكستان-ئاياللارنىڭ ھېجاپلىنىشنى، ھىيتنى كوچىلاردا ئاشكارا تەبرىكلەشنى مەنئى قىلدى. كۆپ سانلىق ئاھالىسى مۇسۇلمان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تاجىكستاننىڭ ھىجابنى چەكلىگەنلىكى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىماقتا. مەنبەسى: يەرشارى كۆزى خەۋەرلىرى
تاجىكستان

You May Like