ختاي ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە منستىرى تور بېكىتىگە خاككىرلىق ھۇجۇمى ئىلىپ بارغان

ئەنگىلىيە سكاي (ئاسمان) خەۋەرلىرىنىڭ بۈگۈن ئىلان قىلىشچە، ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە منستىرلىكى تور بېكىتى ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئىكىكىنچى بىر دۆلەت ھۆكۈمەت خاككىرلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، خادىملارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئوغۇرلانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. تەپسلاتى سەيشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە پارلامىنىت ئەزالىرىغا بىلدۈرۈلىدىكەن.بۇ دۆلەتنىڭ ختاي ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان.

ختاي ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقادىكى نۇرغۇن دۆلەتلىرىنىڭ بېخەتەرلىك سستىمىنى بىۋاستە تەمىنلەيدۇ، ئۇلارغا ھىچقانداق خاككىرلىق ھۇجۇمى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇچۇر ختايغا بىۋاستە بارىدۇ.

ئەمما ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى نەچچە يىلدىن بىرى ختاي بىزگە خاككىرلىق قىلىۋاتىدۇ، تور ھۇجۇمى قىلىدۇ..دەپ قاخشاۋاتقىلى نەچچە يىللار بولدى. ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بۇنىڭغا ختايغا قارشى ھىچقانداق ھەرىكەت قوللانمىدى.

ختاي تەمىنلەيدىغان زەھەر فەنتەنلى بىلەن ئامېرىكىدا يىلدا 100 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئانتونى بىلىنكىننى بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئ‍ۈچۈن بېجىڭغا يالۋۇرۇشقا ئەۋەتتى.ئامېرىكا فىدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارسنىڭ دۆلەت مەجلىسگە بەرگەن دوكلاتىدا، ختاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 600 مىلياردقا يېقىن ئەقلى مۈلۈك ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ ئامېرىكىغا زىيان سالىدۇ، بۇ داۋاملاشقىلى 10 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئوبامادىن باشلاپ تەدبىر قوللانغان بولسمۇ، توساپ قالالمىغان

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر سياسى پائالىيەتچىلىرى جىنسى پاراكەندىچىلىك بىلەن ئەيىپلەنگەن خەۋەر ئىلان قىلىندى

شە ماي 11 , 2024
11-ماي ئامېرىكىدا چېقىدىغان خەۋەر تور بېكتى نوتوس 10-ماي كۈنى «كىشلىك ھوقۇق دۇنياسنىڭ جىنسى پاراكەندىچىلىك مەسلىسى بار»ناملىق تەكشۈرۈش ماقالىسى ئىلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئ‍سا ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەل ھەققىدە ئىككى ئايال ئوتتۇرىغا قويغان جىنسى پاراكەندىچىلىك ئەيىپلەشلىرىنى خەۋەر قىلغان. مەزكۇر خەۋەردە دىيلىشچە، ختايغا قارشى […]
ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئەيىپلەندى

You May Like