ختاي ئەندىشە ئىچىدە قەشقەردە «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى»نامىدا خەلقئارالىق يېغىن ئاچقان

ختاي ئەندىشە ئىچىدە قەشقەردە «جۇڭگو شنجاڭنىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى»نامىدا خەلقئارالىق يېغىن ئاچقان

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 13-ئ‍يۇن

 «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» تېمىلىق خەلقئارالىق مۇنبەر 12-ئىيۇن قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن.

ختاي دۆلەت تەشۋىقاتى خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر مۇنبەردە «ئارخېئولوگىيە، تارىخ ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ختاي بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆرنەك ئېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان.»

 ختاينىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ختاي مەزكۇر يېغىننى ئاتالمىش شنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئەنسرىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم.چۈنكى مەزكۇر يېغىن «شنجاڭ ئەزەلدىن ختاينىڭ بىر قسمى»دىگەن نەزەرىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئ‍ېچىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ خەلقئاراغا ئۇيغۇرستاننى ئ‍ۆزىنىڭ زېمىنى دەپ تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان تىرشچانلىقلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

تۆۋەندىكى قۇرلار بۇنىڭ ئ‍سپاتى: مەزكۇر يېغىنغا «قازاقىستان، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، مىسىر قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن جەمئىي 170 تىن ئارتۇق كىشى مۇنبەرگە قاتناشقان شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەسى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى، شىنجاڭ تارىخى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك راۋانلىقى، غەربىي يۇرت يىپەك يولى بىلەن شەرق، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق باش تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى.«

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تىرامپ 34 تۈرلۈك جىنايەت ئەيىپلىنىپ «جىنايەتچى»ھۆكۈم ئىلان قىلىنغاندىن كىين، قوللاش نسبىتى ئاشتى

جۈ ئىيۇن 14 , 2024
سوت، تەپتىش ۋە زاسداتىللارنىڭ مۇستەقىللىقى، بىتەرەپلىكى گۇمان قوزغىماقتا. دىموكراتچىلار «قانۇننى ئ‍ۆز سياسى رەقىبىگە قارشى قوللاندى »دەپ ئ‍ەيىپلەنمەكتە. ئۆتكەن ئايدا، نيۇيورك شەھىرىدە ئىچىلغان سوت مەھكىمىسى تىرامپنىڭ 2016-يىللىق سايلامدىن بۇرۇن، ستورمى دانيەل ئ‍سمىلىك بىر  پاھشە ئايالغا ئۆزى بىلەن بولغان جنسى مۇناسۋىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا 130 مىڭ دوللار ئاغزىنى تۇۋاقلاش پۇلى بەرگەنلىكى مۇناسۋەتلىك […]
تىرامپ 34 جىنايەت بىلەن ئەيىپلەندى

You May Like