ختاي ئاتالمىش «ئامېرىكىنىڭ 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى» ئېلان قىلدى

يىللاردىن بىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر يىلى باھار پەسلىدە، ختاينىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى ھەقىقى پاكىتلار بىلەن تەنقىد قىلىپ ، كىشلىك ھوقۇق خاتىرسنى ئاساس قىلىپ ھەرىكەت قوللىنىپ كەلگەنىدى.

يېقىندا ختاي ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئىزلەشكە باشلىدى. بارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ دۈشمىنى ھېسابلانغان ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا سىياسى، ئىجتىمائىي، ئىقتسادىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئ‍ۈچۈن تىرىشماقتا.ئامېرىكىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىق قارا تەنلىك، ئاسيالىق، مۇسۇلمانلار، ئسپانلارغا قارىتا مۇئامىلىسى سەۋەبلىك ئىرقچىلىق بىلەن ئەيىپلەش ئومۇمى ئىقىمغا ئايلانغان، بۇ ھەقتە ئىلان قىلىنىۋاتقان خەۋەر ۋە دوكلاتلار ختاينىڭ خەلقئارادا ئامېرىكىغا قارشى تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئشقا يارىماقتا.

  ختاينىڭ زۇۋانى بولمىش خەلق تورىينىڭ خەۋەر قىلىشچە، ختاي دۆلەت مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى «ئامېرىكىنىڭ 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى» ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئاتالمىش ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاتالمىش پاكىت ۋە سانلىق مەلۇماتلار بىلەن خەۋەر بايان قىلغان.

ختاي مۇنداق دېگەن : «بۇ دوكلات ئارقىلىق بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز

  2023-يىلى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى داۋاملىق ناچارلاشقان. ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق كۈنسېرى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلغان. سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىدارە ئورنىنى ئىگىلىگەن ئاز ساندىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كۆپ ساندىكى ئاددىي پۇقرالار بارغانسېرى چەتلەشتۈرۈلدى، ئاساسىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ساختىلاشتى.

   ئامېرىكىدا پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇق قۇرۇق گەپكە ئايلاندى. ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ زوراۋانلىقى ئېچىنىشلىق ھاياتلىق بەدىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، پارتىيەلەرنىڭ يامان سۈپەتلىك ئېلىشىشى قورال-ياراغ تىزگىنلەش ئورتاق تونۇشىنى ھاسىل قىلالمىدى. ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى بارغانسېرى كۈچەيدى، ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ساختا بولدى، كەڭ كۆلەمدە قاماق جازاسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولدى. سىياسىي قۇتۇپلىشىش داۋاملىق كەسكىنلەشتى، سايلامنى تىزگىنلەش خالىغانچە ئېلىپ بېرىلدى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى نوپۇزى داۋاملىق تۆۋەنلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش جاھىل كېسەللىكىنىڭ زىيىنى چوڭقۇر بولغان. ئامېرىكىدا ئافرىقا پۇشتىدىن بولغانلار قانۇن ئىجرا قىلىش ساھەسى، داۋالاش ساھەسى قاتارلىقلاردا ئېغىر ئىرقىي كەمسىتىش ۋە باراۋەرسىزلىككە دۇچ كەلدى. ئامېرىكىدا ئاسىيا پۇشتىدىن بولغانلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، يەرلىك ئاھالە بولغان ئىندىئان پۇقرالار ھوقۇقىغا ئۇزۇن مۇددەت چېقىلىپ، ئىرقىي كەمسىتىش ئىدىئولوگىيەسى ئامېرىكىدا يامان خاراكتېرلىك تارقىلىپ، دۆلەت ھالقىپ تېشىپ چىقماقتا.

  ئامېرىكىدا ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكىدا ماھىيەت جەھەتتىن ئاز ساندىكى كىشىلەر بەھرىمەن بولىدىغان ئىمتىيازغا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئېغىر تەھدىت سالدى ۋە توسقۇنلۇق قىلدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي ئامېرىكىنىڭ ختاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا جازالاش خاراكتېرلىك ئۇسۇل قوللانغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

دۈ ئىيۇن 10 , 2024
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ختاي توكلۇق ماشىنىلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشنى چەكلەش ئۈچۈن ئالدىنقى ئايدا يېڭى سياسەت ئىلان قىلىپ، 100 % لىك ئەڭ يۇقىرى تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانىدى. ختاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ ئامېرىكىنىڭ ختاينڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا جازالاش خاراكتېرلىك ئۇسۇل قوللانغانلىقى ھەققىدە 6-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇنداق دېدى: قورۇقچىلىق قالاقلىقنى قوغدايدۇ، كەلگۈسىنى يوقىتىدۇ. […]
ماۋنىڭ

You May Like