خىتاينىڭ شېرىكلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆزىنى يۇمىۋالماسلىقى كىرەك.
China’s partners should not turn a blind eye to fate of Uighurs
ئەگەر ھۆكۈمەتلەر ھەرىكەت قىلمىسا، خۇسۇسى كارخاناچىلارنىڭ كۆپرەك ياردەم قىلىشى تامامەن مۇمكىن.
رەسىم لاھىيەلىگۈچى: قۇزئات ئالتاي
ئەسلى خەۋەر مەنبەسى: پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گىزىتى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 28- ئاۋغۇسىت
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم
تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن
تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
ئۆتكەن ئەسىردە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر گەرچە ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركۈندۈرىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلسىمۇ، باشقا جايدىكىلەر پىسەنت قىلماسلىق، قورقۇنچ ۋە نەپسانىيەتچىلىك سەۋەبىدىن دائىم ئاڭلاپلا قوياتتى. خىتاينىڭ ئىتنىك ئۇيغۇر پۇقرالىرىغا ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى ئەنە شۇنداق مىنۇتلاردىن بىرى بولۇپ قالماسلىقى كىرەك. ئۆتكەن ئايدا، ئامرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ب د ت كومىتىتى ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش كومىتىتى خىتايغا قارىتا » نۇرغۇنلىغان ئىشەنچلىك دوكلاتلاردىن غەربتىكى شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) رايونىدا تەخمىنەن بىر مىلىيون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ قانۇنسىز تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى» نەقىل قىلدى. ب د ت يەنە ئىككى مىلىيون- ئۇيغۇر ئومومىي نوپوسىنىڭ %20 قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرىدا سىياسىي ۋە كۈلتۈرەل ئىدىيە سىڭدۈرۈش لاگىرلىرىغا مەجبۇرىي سولانغانلىقى ئىھتىمالغا يىقىنلىقى، ئۇلار لاگىر ئىچىدە ئىسلام دىنىدىن يىنىپ، كومپارتىيەنى ماختاپ، شى جىنپىڭنى مەدھىيەلەشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى ئىيىتتى. نۇرغۇنلىغان دوكىلاتلار لاگىرلاردىكى قىيىن- قىستاققا ئىلىش، ناچار سەھىيە شارائىتى، خورلاش شۇنداقلا بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىشى قاتارلىقلارنى ئىسپاتلىدى. قانۇن پىروڧڧىسورى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسىسى جىروم كوھىىنىڭ دېيىشىچە خىتايدا ئالدىنقى قىتىم ئىنتايىن كۆپ كىشىلەر قانۇنى تەرتىپسىز ھالدا يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا سولانغان ۋاقتى 1950- يىللىرىنىڭ ئايىغىدىكى ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە يۈز بەرگەن ئىدى. ئۇ خىتاينىڭ تۇنجى قىتىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنى يولغا قويۇشى ئىدى. ئەمما كۆپ قىسىم دۆلەتلەر بىيجىڭنى ئەيىبلەشتىن ھەتتا شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتىنمۇ باش تارتىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرمۇ سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن ئىتنىك، كۈلتۈرەل ۋە تىل جەھەتتىن چوڭقۇر ئورتاق مەنبەگە ئىگە تۈركىيەمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇخبىرلار، كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپلىرى ۋە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پولاتتەك كۈچلۈك دەلىل ئىسپاتلىرىغا قارىماستىن، مەسىلىنى پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولماقتا. خىتاي غايەت زور تورلاشقان يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنى » تەتىللىك كۇرس ۋە تىخنىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ پەردازلاپ، » شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) دىكى ھەر مىللەت خەلقى بەخىتلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىدىن تولىمۇ مەمنۇن» دىمەكتە. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ تەدبىرلەر » مەزكۇر رايوننى خىتايدىكى سۈرىيە ۋە خەتەرلىك رايون » بولۇپ قىلىشتىن ساقلاش تەدبىرلىرى» دەپ ماختالدى. خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئىيتىلىشىچە، يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش ئۇيغۇر ئىسلامىي رادىكالچىلار خىتايدا ئۇششاق تىرورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغان. خىتاي رەھبەرلىرى دانالىق بىلەن ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان باسقۇنچىلىقنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور تىرورىزىم تەھدىتى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ھەقىقەتەن، مەزكۇر رايوندىكى باستۇرۇش ئېغىرلاشقانسىرى، ھىچقانداق كىشى ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى دوكىلات قىلىپ باقمىغان. خىتاينىڭ ئىنكارچى پوزىتسىيەسى پەيدا قىلغان ئاتموسڧىرادا، مەزكۇر رايوندىكى يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنىڭ كۆلىمى مۇبالىغەلەشتۈرۈۋىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر راست شۇنداق بولسا، خىتاي رەھبەرلىرى چەتئەل دىپلوماتلىرى ۋە خەلقئارا مىدىيالارنىڭ ئاشكارا ۋە چەكلىمىسىز ھالدا مەزكۇر رايونغا كىرىشىگە يول قويۇشى كىرەك ئىدى. ب د ت كومىتىتى قويغان سۇئاللارغا جاۋابەن، بىيجىڭ ئەسلى ب د ت دوكىلاتچىلىرىنى مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىشى كىرەك ئىدى. ئۇنداق قىلمىسا، باشقا دۆلەتلەر خەلقئارالىق نىزاملارغا ئاساسەن مەزكۇر مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىلىشى كىرەك. خىتاي بىلەن غايەت زور سودا كۆلىمى ئالدىدا باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى دائىم خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش مەسىلىسىدە بىپەرۋا بولىۋالىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەتلەر ھەرىكەت قىلمىسا، خۇسۇسى كارخاناچىلارنىڭ كۆپرەك ياردەم قىلىشى تامامەن مۇمكىن. ئەگەر خىتاي تەرەپ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرمايدىكەن، غەرب كارخانىلىرى ھىچ بولمىغاندا خىتاينى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەسلىكى، شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) غا مەبلەغ سالماسلىقى كىرەك. مەزكۇر رايون يەنە ياۋرو- ئاسىيا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان » بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستىرادىگىيەسىنىڭ يادروسى بولۇپ، خىتاينىڭ خەلقئارا سودىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نەزىرىيە جەھەتتىن، بۇ خەلقئارالىق ھەمكارلىق تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. باشقا دۆلەتلەر ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) دىكى پىلانلىق ۋە ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش قىلمىشىنى توختىتىشقا ئىشەنچىلىك ۋەدە بەرمىگۈچە، سودا توختاملارغا ئىمزا قويماسلىقى كىرەك. پايدىلانغان مەنبە: https://www.ft.com/content/ddd9db26-a610-11e8-926a-7342fe5e173f