ختاي ياشلىرىنىڭ ئشسزلىق نسبىتى20 پىرسەنتكە يېتىپ رىكورت ياراتتى.
ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 19-ماي
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ختاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئىلان قىلغان دوكلاتتا كۆرستىلىشچە، 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان 12 مىلىيون ختاي ياش ئئش ئىزدەۋاتقان بولۇپ، بۇلار شۇ ياشتىكى ئشسزلارنىڭ 20.4% پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.
ختاي ھۆكۈمىتى ئۈچ يىلغا يولغا قويغان نۆل كوۋىد سياسىتى ختايدا تۈرلۈك ئىجتىمائى ۋە ئىغىر ئېقتسادى مەسللەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، نۇرغۇن شركەتلەر نورمال سودا قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولغان.ئشسزلىق نسبىتى ئاشقان.
ختاي ھۆكۈمىتى ياشلارنىڭ ئشقا ئورۇنلىششى ئۈچۈن ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا ئىلھام بىرىش، ئشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىما ياردەم بىرش سياسىتىنى يولغا قويغان بولسمۇ، ئەمما تىز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى مەلۇم.ختاي ئېقتسادى كۈچلۈك بولسمۇ، ئەمما ھەر يىلى مىلىيونلىغان ئاقما نوپۇس، دىھقان ئشلەمچىلەر ئوتتۇرا سەۋىيەدىن تۆۋەن ئېقتسادى تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ختايدىكى ئشسزلىق ۋە ئېقتسادى چېكىنىش -ھەممىدىن بەك ئۇيغۇرلارغا تەسر كۆرستىدىغانلىقى-مۆلچەرلەنمەكتە.