خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسلامنى يوقاتماقچى بولىۋاتىدۇ

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسلامنى يوقاتماقچى بولىۋاتىدۇ

 

ئەردەم،ئۇيغۇر ئاگېىنىتلىقى،گوللاندىيە

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىنتىرنەتتە تارقالغان مەسچىتلەرنىڭ قاۋاقخانىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلاردىن شۇ مەسچىتلەرگە قوشنا ئولتۇراقلاشقان بۇ ئىككى مەسچىت توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. قەشقەر شەھەر ئارىيا يولى ئوردا ئالدى دوپپا بازىرى مەسچىتى ۋە چاسا يولى كەسكەن يار مەسچىتى چايخانا، قاۋاقخانىلارغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، » قەشقەرنى چۈشەش» چايخانىسى ( The dream of kashgar 梦回喀什) دەپ نام قويۇلغان. ئىشىك ئالدىدىكى تاختىلاردا بولسا پىۋە، ئەبجەش ھاراق، سۇ تاماكىسى قاتارلىق ئىچىملىكلەرنىڭ ئىلانى يىزىلغان. ئارىيا يولى كەسكەن يار مەسچىتى قانۇنلۇق مەزىنى ئىمامجان ئائىلىسى ، مەسجىد ئىمامى ئۆمەرجان قارىملار 2016- يىلى 11- ئايدا «تەربىيەلەش مەركىزى»گە ئىلىپ كىتىلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ھىچقانداق خەۋىرى بولمىغان.

9- ئۆكتەبىر، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئالقاندىكى قەشقەر» ئۈندىدار سۇپىسىدا ئىيتىلىشىچە:» جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دىھقانلار ئىدىيەدە قەدەممۇ- قەدەم ئازات بولۇش ئۈچۈن، » يىزىلارغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىشەك، قوي ھەتتا چوشقا بىقىش قاتارلىق چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان بولۇپ، تىرىقچىلىق ئىگىلىكى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتكەن.

شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئامما ئاساسلىقى مۇسۇلمان خەلق بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار نوپوسى ئەڭ كۆپ ۋىلايەت ھىسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايلاردا رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، » ئىدىيەنى ئازات قىلىش» نامىدا مەسجىدلەرنى قاۋاقخانىغا ئايلاندۇرۇش، ھالال ماركىسىنى چەكلەش، مۇسۇلمان ئاممىنى چوشقا بىقىشقا زورلاش ھەتتا خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق سىياسەتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك سىياسەتلىرى ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى ھۆرمەتلەش، قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسىدىن ماھىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ.

14- ئاۋغۇسىت، جەنۋەدە ئىچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتىتى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا مىلىيون كىشىلىك يىغىۋىلىش لاگىرلىرى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، مەۋجۇت سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى «تىخنىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ تونۇشتۇرغان. بىراق، 9- ئۆكتەبىر، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى 13- نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان ئاپتونۇم رايونلۇق رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش تۈزۈمى 4- باب 17- ماددىسىدا كۆرسىتىلىشىچە:» ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ » تەتىللىك تىخنىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى» قاتارلىق تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەركەزلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق، رادىكال ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، رادىكاللىققا قارشى تۇرسا بولىدىغانلىقى» قانۇنلاشتۇرۇلغان. 8- ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىسىمى ئۈندىدار سۇپىسىدا ئىلان قىلىنىشچە، كومپارتىيە رەھبەرلىرى ھۆكۈمەت خادىملىرىنى » ئىدىيىۋىي كۆرەش»نى كۈچەيتىپ، » ھالاللاشتۇرۇش» ياكى » ئاشقۇن ھالاللىق خاھىشى»غا قارشى تۇرۇش، ھۆكۈمەت خادىملىرى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا خىتايچە سۆزلەشكە چاقىرىق قىلىنغان.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

https://www.theguardian.com/world/2018/oct/10/chinese-authorities-launch-anti-halal-crackdown-in-xinjiang
https://edition.cnn.com/2018/10/10/asia/xinjiang-china-reeducation-camps-intl/index.html?no-st=1539186272

https://www.guancha.cn/politics/2018_10_10_474949.shtml
掌上喀什微信公众平台

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

تىرامپنىڭ خىتايغا قاراتقان يېڭى سوغۇق مۇناسۋەت ئۇرشى قانداق شەكىلدە بولىدۇ؟

جۈ ئۆكتەبىر 12 , 2018
خىتاي IPP ئەقىل ئامبىرى جىڭ يۇڭنەن (郑永年) ئېلان قىلنغان ۋاقتى : 2018-يىلى 8-ئۆكتەبىر خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : كۆلتېگىن   [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس […]

You May Like