ئاق ساراينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى دۇنيانىڭ تۇنجى ئىنكاسى قانداق بولدى؟

ئاق ساراينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى دۇنيانىڭ تۇنجى ئىنكاسى قانداق بولدى؟

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 07-دېكابىر

6- دېكابىر ئاق ساراي باياناتچىسىJen Psaki مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېچقانداق ئەمەلدارلارنى بېيجىڭغا ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر بايانات  ئېلان قىلىنىشى بىلەن خىتاي تەرەپكە تېزدىن قارشىلىق ھۇجۇمىغا ئۆتتى. شۇ كۈنى، خىتاينىڭ  ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:« ئەمەلىيەتتە ھېچكىم ئۇلارنىڭ كېلىش ياكى كەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ، بۇلارنىڭ كەلمەسلىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى سۆز قىلىپ، ئەگەر ۋاشىنگتون تەرەپ داۋاملىق تۈردە مۇشۇ خىلدىكى بايقۇت قىلمىشلىرىنى ئېلىپ بارسا بېيجىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىدۇ دېگەن، ئەمما قارشى تەدبىرلىرىنىڭ كونكرېت ئۇسۇللىرى ھەققىدە توختالمىغان. ئەمما مۆلچەرلىنىشىچە خىتاي تەرەپ 2028-يىلى لوس-ئانجېلىستا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئاق ساراينىڭ باياناتىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۈگۈن بايانات بېرىپ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ھۆكۈمەت ۋەكىلى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى زېلاندىيە مۇئاۋىن مىنىستىرى 7- دېكابىر سۆز قىلىپ : ۋىرۇسنىڭ دۇنيادا قايتىدىن يامرىشى سەۋەبىدىن مەزكۇر دۆلەتنىڭ بېيجىڭغا ھۆكۈمەت ۋەكىلى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما ئۇ يەنە بۇ قارارنىڭ ئامېرىكا ئېلان قىلغان بايقۇت قىلىش قارارى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

مەركىزى شۋېتسارىيەدىكى «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى» نىڭ مەلۇم ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئىپادە بىلدۈرۈپ:« ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ياكى دىپلوماتلارنىڭ ئولىمپىكىغا قاتنىشىش قاتناشماسلىقىنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ» دەپ ئېيتقان. 

خەلقئارادىكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر باياناتىدىن كېيىن ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش شەكىلدىكى قارارلارنى ئېلان قىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى Stefano Sannino ئالدىنقى جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بايقۇت قىلىش قىلماسلىقنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇ قارارلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورتاق تاشقى سىياسىتى ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىگەن. ياپونىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنىڭ قانداق بولۇشىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي تەرەپ رەسمىي يوسۇندا ياپونىيەنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توكيو ئولىمپىكىنى قوللىغانلىقىنى شەك قىلىپ ياپونىيەگە بېسىم ئىشلەتكەن. بۈگۈن يەنى 7- دېكابىر ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىيو كىشىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: « بىز ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە ياپونىيەنىڭ تاشقى سىياسەت مەنپەئەتلىرىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلغان ئاساستا، دۆلەت مەنپەئەتىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ مۇستەقىل قارارىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز». ياپونىيە ئىچكى كابىنېت مەسئۇلى ماتسۇنو ھىروكازۇ مۇخبىرلارغا ئەڭ ئاخىرقى قارارنىڭ تېخى چىقىرىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش سېپىغا ھازىرچە قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

 

قوشۇمچە: بايقۇت كەلىمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا


بايقۇت سۆزلۈكى ئەسلىدە ئەنگلىيەلىك بىر كىشىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ تولۇق ئىسمى چارلېز كۇننىڭخام بويكوت (Charles Cunningham Boycott) ئىكەن ئۇ ئۆز زامانىسىدا تونۇلغان مۇتتەھەم كىشى بولۇپ كىشىلىك خاراكتېرىنىڭ ئىنتايىن ناچار بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىمۇ قىلمايدىكەن. ئۇ 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىرېلاندىيەدىكى بىر ئاقسۆڭەكنىڭ قولىدىن كەڭ كۆلەمدىكى تېرىلغۇ يەرلىرىنى كۆتۈرىگە ئېلىۋالغان بولۇپ، بۇ يىللاردا مەزكۇر رايونلاردا تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئاچارچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا قارىماي قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەرگە زۇلۇم قىلىپ ئۇلارنى قىينىغان، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان. شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېرلاندىيەلىكلەر تەشكىللىك ھالدا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىغان، ئۇنىڭغا ئىشلەيدىغان بارلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ كەتكەن، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن سودا توختامى تۈزمىگەن، ھەتتا يەرلىك پوچتىكەشلەرمۇ ئۇنىڭ خەت-چەكلىرىنى توشۇپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەنگلىيەدىكى داڭلىق تاراتقۇ «تايمىس» گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇنىڭ ئىسمى بولغان Boycott سۆزىنى بىرلىكتە قارشى تۇرۇش مەنىسىدىكى مەخسۇس پېئىل قىلىپ ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. يېڭى تۈزۈلگەن بۇ سۆزلۈك قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتۈن ئەنگلىيە تەۋەسىدە تارقىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پۈتۈن دۇنيا تىللىرىدا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان «بايقۇت» سۆزىگە ئايلانغان. 

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئاۋسترالىيەمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش سېپىگە قوشۇلدى

چا دېكابىر 8 , 2021
ئاۋسترالىيەمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش سېپىگە قوشۇلدى

You May Like