دىققەتتىن قاچقان يەنە بىر مەشئەل «كۆتەرمىچى» – مەمەتجان ئۆمەر

دىققەتتىن قاچقان يەنە بىر مەشئەل «كۆتەرمىچى» – مەمەتجان ئۆمەر

 كۆك بايراق 
 
 خەلقئارا جامائەت بېيجىڭ ئولىمپىكىدا مەشئەل كۆتۈرگەن دىلنىگار ئىلھامجانغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى،  ئەمما يەنە بىر مەشئەل كۆتەرمىچى  – » بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەھرىمان» -مەمەتجان ئۆمەرگە دىققەت قىلمىدى. دىلنىگار خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ دۇنياغا قارىتا سىگنالىنىڭ ۋاستىسى بولغان  بولسا، مەمەتجان دۆلەت ئىچى -تەشۋىقاتىنىڭ ۋاستىسى ئىدى. خوش، مەمەتجان ئۆمەر كىم، ئۇ خىتايدا نىمە ئۈچۈن بۇنچە ئەتىۋارلىق؟ 
خىتاي خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، مەمەتجان مەشئەلنى 2 ‏-فېۋرال كۈنى  كۆتۈرگەن، ئۇ ئالتە ئاي ئاۋۋال بېيجىڭغا بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن ، مۇقىملىققا  قوشقان تۆھپىسى سەۋەپلىك مېدال تاپشۇرىۋالغان ئىدى. 
   يەرشارى ۋاقتى گېزىتىدە ئۆتكەن يىلى خەۋەر قىلىنىشىچە، ، مەمەتجان ئۆمەر، 1997 ‏-يىلى مەشرەپ ئوينىغان بالىلارنى پاش قىلىپ ، مۇكاپات ئالغان، پاش قىلىنغانلار ئېغىر  جازالانغان.  ئۇ يەنە تامغا تەشۋىقات ۋارىقى چاپلىغان  بىر تۈركۈم ياشلارنى  پاش قىلىپ ساقچىغا تۇتۇپ بەرگەن. بۇ  بالىلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى تېنچىلىقچە  شەكىلدە ئىپادىلىگەن كىشىلەر بولۇشىغا قارىماي جازالانغان.   يەنە شۇ ئوخشاش خەۋەردە دىيىلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئاغىسىنى پارىخورلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ساقچىغا  تۇتۇپ بەرگەن ۋە ئاغىينىسى 3 يىل تۈرمىدە جازالانغان. 
 ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭ 30 يىللىق پارتىيە ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ پەقەتلا بىر نىەچچە مىسالى. ئۇ پارتىيە ئەزاسى، دېمەك ئۇ 30 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا قولۇم-قوشنا-مەھەللە كويلىرىنى خىتايغا تۇتۇپ بېرىشتىن باشقا ئىش قىلمىغان. ھەرقانداق بىر مۇستەملىكە ئەلدە بۇنداق كىشىلەر خائىن دەپ قارىلىدۇ. ئەمما خىتاي ئۇنى » ئۇچ خىل كۈچلەرگە قارشى مەيدانى كەسكىن قەھرىمان »  دەپ مۇكاپاتلىغان.  
  مەلۇمكى ، خىتاي ئۈچ خىل كۈچلەر دەپ ئاتالمىش بۆلگۈنچىلەر، تېرورچىلار، دىنىي ئەسەبىيلەرنى كۆرسىتىدۇ.  دىنىي ئەسەبىيكەر كىملەر؟    » ئەسەبىيلىكنىڭ 76 خىل ئالامىتى » ناملىق ھۆججەتتىن مەلۇم بولىشىچە، ئەسەبىيلەر  » ھاراق تاشلۋەتكەنلەر ، دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشكە جۈرئەت قىلالمىغانلار، ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نامىزىغا بارمىغانلار، كەنت سېكرىتارلىرىغا سالام بەرمىگەنلەر، ساقال قويغانلار، يۈزىنى يۈگىگەنلەر، ناماز ئوقۇغانلار. دېمەك خىتاينىڭ نەزىرىدە 95% ئۇيغۇر دىنىي  ئەسەبىي. ئۇنداقتا  ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش،  ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشتۇر.
    خوش بۇ ئۇرۇش قانداق قانداق ئۇرۇش؟  ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئىزاھاتى بويىچە ئېيتقاندا »  ئۈچ خىل كۈچلەر بىلەن جوڭگۇ ئارىسىدىكى  كۈرەش «ھايات-ماماتلىق كۈرەش». 
  بۇ كۈرەش، بۇ ئۇرۇش قانداق ئېلىپ بېرلىدۇ؟  ۋاڭ لېچۈەننىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، ئۈچ خىل كۈچلەر بىخ ھالتىدە ئۇجۇقتۇرلىدۇ، كوچىدىكى ساچقاننى ئۇر -ئۇر قىلغاندەك، ئۇرۇپ تۆشۈكىگە كىرگۈزىۋېتىلىدۇ؛  جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇسۇلى بويىچە، ئۈچ خىل كۈچلەر ، قارشىلىق قىلغان ھامان، سوتسىز ھالدا نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلىدۇ، چېن چۈەنگىنىڭ ئۇسۇلىدا زىرائەتكە دورا چېچىپ ياۋايى ئوت چۆپ يوقۇتۇلغاندەك يوقۇتىلىدۇ. دېمەك ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشتۇر.  بۇ ئۇرۇشتا بىر تەرەپ قوراللىق يەنە بىر تەرەپ قورالسىز بولغاچقا، بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. 
 دېمەك، مەمەتجان ئۆمەر مانا مۇشۇ ئۇرۇشتا-ئىرقىيي قىرغىنچىلىقتا ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتايپەرەست بىر جەڭچى. 
   ئۇ  ئەمىلى كىچىك بولغىنى ۋە  چەت بىر يېزىدا ۋەزىپە ئۆتىگىنى ئۈچۈن،  ئەل-جامائەتكە ئېنىق  قانچىلىك زىيان زەخمىتى  بولغىنى بىلمەيمىز، ئەمما ئۇ كاللىسىدا كۆتۈرۈپ يۈرىۋاتقان ئاڭ، يۈرىكىدە سۆرەپ يۈرىۋاتقان مۇھەببەت، ئۇ بېرىۋاتقان قەسەم، شەرقى تۈركىستاندا 5 يىلدىن بۇيان ئاشكارا  داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا، ئىجراكەشلىك قىلىۋاتقان بىر غالچا روھ ۋە ئىدىيە.  شۇڭا خىتاي مەمەتجانغا مەشئەل كۆتۈرگۈزۈش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى تەشۋىقاتىدا، شەرقى تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 
 1946 ‏-يىلىدىكى  لوندون ئوليمپىكىدا،  مەشئەلنى تۇنجى قولىغا ئالغان گېنىرال كونىستانتونىس دمىترېلىسKonstantinos Dimitrelis   ھەربىي فورمىسىنى سېلىۋېتىش ئارقىلىق  دۇنياغا سىمۋوللۇق ھالدا تېنچىلىقتىن سىگنال بەرگەن ئىدى.   بۇ ھەقىقىي بىر ئولىمپىك روھى ئىدى، ئەمما خىتاي بۇ ئولىمپىكتا ئۇنىڭ تەتۈرىنى قىلدى.  ئۇ دۆلەت سىرتىغا قارىتا،  تەنھەركەتچى  دىلنىگارغا مەشئەل تۇتقۇزۇش ئارقىلىق   ئۆزىنىڭ  ئۇيغۇرلار بىلەن ئەپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى  بىلدۈرگەن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چاپان ياپقانقان بولسا،  دۆلەت ئىچىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەھرىمان مەمەتجان ئۆمەرگە مەشئەل تۇتۇقۇزۇش ئارقىلىق  ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ-ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملشىدىغانلىقىنى ،  دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا تېخىمۇ شىددەتلنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئىككيۈزلىمىچى تەشۋىقات بېيجىڭ ئولىمپىك سەھنىسىدە يۈز بەردى. 
  ئولىمپىك پرېزندېنتى، توماس باچ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورالغان سوئالغا، ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جاۋاپ بەرمىگەن ئىدى.  ئەگەر شۇ گېپى راست بولسا، ئۇ خىتاينىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەھرىمامغا مەشئەل كۆتۈرگۈزگىنىگە 4 ئېغىز گېپى بولۇشى كېرەك. 
  ئېنىقكى ئىككى يۈزلىمىچىلىك خىتاينىڭ تەبىئىتى، ھاكىمىيەت يىقىلمىغىچە، بۇ ئىكىيۈزلىمىچىلىك تۈگىمەيدۇ. چۈنكى بۇ ھاكىمىيەت مەۋجۇتلۇقىنى ئەنە شۇ ئىككىيۈزلىمىچى تەشۋىقاتىغا تايىنىپ قوغداپ كېلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەت. مەسىلە، خەلقئاارا جامائەت بۇ ئىككى يۈزلىچىلىككە قاچانغىچە ئالدىنىدۇ ، كۆز يۇمىدۇ ۋە قاچان ئۇنىڭ  شېرىكچىلىكىنى توختىتىدۇ؟

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

كېرستئانو رونالدونىڭ ئەگەشكۈچىسى 400 مىليوندىن ئاشتى،ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆزلەپ باقمىدى.

دۈ فېۋرال 21 , 2022
كېرستئانو رونالدونىڭ ئەگەشكۈچىسى 400 مىليوندىن ئاشتى،ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆزلەپ باقمىدى.

You May Like