ئاتالمىش «2021-يىللىق شىنجاڭ ئاقىللار مۇنبىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلغان

خىتاي تاراتقۇسى «دۇنيا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 22-دېكابىر بېيجىڭغا جايلاشقان «خىتاي تارىخ تەتقىقات ئاكادېمىيەسى» دە ئاتالمىش «2021-يىللىق شىنجاڭ ئاقىللار مۇنبىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىن خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارمىقىدىكى خىتاي تارىخى تەتقىقات ئىنستىتۇتى چېگرا رايون تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئاقىللار ئامبىرى» نىڭ تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 23-دېكابىر

خىتاي تاراتقۇسى «دۇنيا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 22-دېكابىر بېيجىڭغا جايلاشقان «خىتاي تارىخ تەتقىقات ئاكادېمىيەسى» دە ئاتالمىش «2021-يىللىق شىنجاڭ ئاقىللار مۇنبىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىن خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارمىقىدىكى خىتاي تارىخى تەتقىقات ئىنستىتۇتى چېگرا رايون تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئاقىللار ئامبىرى» نىڭ تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان. 

«دۇنيا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يىغىندا خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ شىياڭ مۇھىم سۆز قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. ئۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2020-يىلى 9-ئايدا قىلغان سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق دېگەن: « باش سېكرېتار شى جىنپىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن پارتىيە مەركىزى ھۆكۈمەت شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ قائىدە پرىنسىپلىرى جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەجرىبىلەرگە ئىگە بولدى،  شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش نىشانىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى. بۇ سىياسىي نىشانغا كوممۇنىستىك پارتىيە كىشىلىرىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى قان تەرلىرى ۋە ئەقىل ئىدراكلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مول ھەم تولۇق بولغان ئىلمىي ئاساسقا ئىگە نەزەرىيە سىستېمىسىدۇر. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى تامامەن توغرا يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتتۇر، شۇڭا بۇنى چوقۇم ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل ھالدا ئىجرا قىلىش كېرەك.» ئۇ يەنە دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆز قىلىپ دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان پۇقرالار ئارىسىدا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەش، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىگەن. 

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «خىزمەت» لىرىنى ماختاپ نۇرغۇن ساختا سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا يالغان باياناتلارنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنى دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىغا ئەڭ زور دەخلى قىلغان دۆلەت دەپ ئەيىبلىگەن. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىردەك ھالدا ئامېرىكا ۋە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ساختا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلىشقان.

يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش سادالىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە خىتاي بۇنىڭغا ئوخشاش ساختا يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ دۇنيانى ئالداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك بىر سىگنالنى بەرگەن.

 

ئەسلى مەنبە: https://china.huanqiu.com/article/466cDKrEnTn

يۈسۈپجان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك شاھانە كىتاب «شەرقى تۈركىستان مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار » نەشر قىلىندى

پە دېكابىر 23 , 2021
تۈركىيە «سەلەنگە» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئەھمەت سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ« شەرقى تۈركىستان مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تۈرك دۇنياسىغا سۇنۇلدى.

You May Like