خىتاي ھۈكۈمىتى شىنجاڭغا (ش ت ) دائىر بىر قانچە مەسىللەر ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئىلان قىلدى

ختتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقى تۇركستانغا بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، تارىخى پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ، يالغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن دۇنيانى ئالداش كۈرشىنى جىددى قانات يايدۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-22

 

ختتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقى تۇركستانغا بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، تارىخى پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ، يالغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن دۇنيانى ئالداش كۈرشىنى جىددى قانات يايدۇرماقتا.

 

7-ئاينىڭ 21-كۈنى خىتاينىڭ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاتالمىش « شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە مەسىللەر » ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئىلان قىلدى. بۇ كىتاب مۇقەددىمە ۋە خاتىمىدىن باشقا تۈۋەندىكى يەتتە ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

1ـ شىنجاڭ (ش ت) خىتاي زىمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.

2– شىنجاڭ (ش ت) ئەزەلدىن شەرقى تۈركىستان ئەمەس.

3– شىنجاڭدىكى (ش ت) ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىۋى قىسمى.

4– ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىللىك كۆچۈش ۋە يۇغۇرلۇشتىن مەيدانغا كەلگەن ،تۈرك مىللىتى ئەمەس .

5– شىنجاڭدىكى (ش ت) ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيتى جۇڭخۇا مەدەنىيتىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى.

6– شىنجاڭ (ش ت) تارىختىن بۇيان كۆپ مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنى ئەمەس.

7– ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئىتقاد قىلىپ كەلگەن شۇنداقلا ئىتقاد قىلغان بىردىنبىر دىن ئەمەس. ئەرەپلەر ئۇرۇش قىلىپ مەجبۇرى ئىتقاد قىلدۇرغان.

 

يەنە مۇنداق دىيىلگەن خىتاي بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، شىنجاڭدىكى (ش ت) ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتنىڭ قان قېرىنداش ئەزاسى.

تاشقى بۆلگۈنچى كۈچلەر تارىخنى بۇرمىلاپ ھەق ناھەقنى ئاستىن ئۈستىن قىلىۋەتتى. شىنجاڭنى (ش ت) شەرقى تۈركىستان دەۋېلىپ مۇستەقىللىق ھەققىدە جار سېلىشتى. تارىخنى بورمۇلاشقا بولمايدۇ.

 

 

مەنبە:

https://mp.weixin.qq.com/s/H2nsPrqTjr4OB62Nv6PziA

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

شىر ئويغانغاندا: خىتتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يەرشارىغا بولغان تەھدىتى

چا ئىيۇل 24 , 2019
شى جىنپىڭ ھىچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايۋاتىدۇ. ئۇ تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن چوقۇم بىرلىشىشى كېرەك ۋە بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇدېدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى قىلغاندىكى تەلەپپۇزى تەخىرسىز بولۇپ، بىرلىشىش مەسىلىسىنى يەنە بىر ئەۋلاتقا قالدۇرغۇدەك ھالدا كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دېدى.

You May Like