خىتاي ئېلان قىلغان ئىمبارگۇ تىزىملىكى قارشىلىققا ئۇچرىغان

خىتاي ئېلان قىلغان ئىمبارگۇ تىزىملىكى قارشىلىققا ئۇچرىغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 22-مارت خەۋىرى

 

ئارمان

 

22-مارت ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ تۆت نەپەر ئەمەلدارىغا قارشى ئىمبارگۇ يۈرگۈزگەندىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگى شۇكۈنى ئۆچ ئېلىش خارەكتىرىدىكى ئوخشاش باياناتنى ئېلان قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 10نەپەر خادىمى ۋە 4 ئورگىنىغا جازا يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە گوللاندىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق پارلامېنت ئەزاسى Sjoerd Wiemer Sjoerdsma مۇ بار بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن خىتاينىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنى كۆرۈشۈشكە چاقىرغان.

 

فرانسيە ئاخپارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى Sjoerdsma ئەپەندىم بۈگۈن خىتاينىڭ جازا تىزىملىكى ئىچىدە ئۆزىنىڭمۇ ئىسمىنىڭ بارلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن تۋىتتېردا:<< خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنى بىلدىم، ئەمدى ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلمايمەن>> دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە باشقا خىزمەتداشلىرىنىڭمۇ ئاۋاز قوشۇپ خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ھازىرغىچە گوللاندىيە تەرەپ كۆرۈشۈشنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى توغرىسىدا باشقا ئۇچۇرلارنى ئاشكارلىمىغان.

 

ئىگەللىنىشچە فرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رافائەل گلۇكىسمەنمۇ raphael glucksmann بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تور سۇپىسىدا سۈرەتلىك بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: <<بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ خىتايغا بېرىشىمىزنى چەكلىدى، ئۇلارنىڭ شېركەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىمنى چەكلىدى، بۇ مەن ئۈچۈن شەرەپ! خىتايغا بولغان كۈرىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن!ئۇيغۇرلار ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمەن!>>.

 

رافائەل گلۇكىسمەننىڭ ۋىدىئولۇق باياناتى:

 

https://fb.watch/4oJthi72jC/

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي «ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى

چا مارت 24 , 2021
خىتاي «ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى

You May Like