ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى: شىنجاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىمەن، تالىبانلارنىڭ ۋەدىسىدىن تانغانلىقىنى تەنقىدلەيمەن

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى 13- سىنتەبىر شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) غا بېرىپ تەكشۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىغا ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) ۋەزىيىتىگە ئائىت بىر پارچە دوكلات …

تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 13- سىنتەبىر

 

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13- سىنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى 13- سىنتەبىر شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) غا بېرىپ تەكشۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىغا ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) ۋەزىيىتىگە ئائىت بىر پارچە دوكلات تەييارلاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ب د ت شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىقىرىغا قارىتىلغان ئېغىر دەرىجىدىكى زىيانكەشلىك قىلىش دوكلاتىغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.

 

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت (Michelle Bachelet) دۈشەنبە كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى كۈزلۈك يىغىنىنىڭ باشلىنىشىدا: «مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بېرىش تىرىشچانلىقىم توغرىسىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندىم. مېنىڭ باشقارمام شۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەيدىغان ئۇچۇرلارنى باھالاپ، ئاشكارىلىماقچى.

 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باچېلېت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ تالىباننىڭ سابىق ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمى سابىق ئەزالىرىنى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئۆلتۈرىۋاتقانلىقىنى، سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى مەجبۇرىي قولغا ئالغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ كېيىنچە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئائىت ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 

باچېلېت تالىباننىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى تەنقىدلىدى، ھەمدە ئافغانىستاننىڭ «يېڭى ۋە خەتەرلىك باسقۇچ» قا كىرگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ تالىباننىڭ سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئامېرىكا بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلاشقان كىشىلەرنى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ يۈرگەنلىكىنى مىسال قىلدى. بۇ ئىشلار كەم دېگەندە 6 شەھەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، ب د ت خادىملىرىمۇ ھۇجۇم ۋە تەھدىدنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلدى.

 

باچېلېت تالىباننىڭ بەزىبىركىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەنلىكىدەك «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئۇچۇرلار» نى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تالىباننىڭ ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ۋەدىسىگە خىلاپ ھالدا، ئۆتكەن 3 ھەپتە ئىچىدە ئاياللارنىڭ ئاممىۋى ساھەلەردىن ئاستا-ئاستا سىقىپ چىقىرىلغان. ئافغانىستاندىكى بەزى رايونلاردا 12 ياشتىن ئاشقان قىزلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشى چەكلەنگەن، بەزىبىر ئاياللار ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرى تاقالغان.

 

ب د ت تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلات دەپ بېكىتىلگەن تالىبان قوراللىق كۈچلىرى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ئانچە كۆپ قارشىلىققا ئۇچرىماستىنلا پايتەخت كابۇلغا چاقماق تېزلىكىدە كىرىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي قىسىملىرى يىمىرىلگەندىن كېيىن، قالايمىقان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، بايدىن ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، كابۇلدا يۈز بەرگەن، 13 ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ئۆلۈۋىلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ۋەقەسى ئوتقا ماي چاچقاندەك ئىش بولغان ئىدى. پرېزىدېنت بايدىن ئۆزىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىنى ئاقلاپ، ئامېرىكىنىڭ 2001- يىلى ئافغانىستانغا كىرىش مەقسىدىنى خېلى يىللار بۇرۇنلا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

 

خەۋەر مەنبەسى:

https://www.voachinese.com/a/UN-rights-chief-regrets-lack-of-access-to-Xinjiang-20210913/6224352.html

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

گو ۋېنگۈيگە 539 مىليون دوللار جەرىمانە قويۇلدى

سە سېنتەبىر 14 , 2021
گو ۋېنگۈيگە 539 مىليون دوللار جەرىمانە قويۇلدى

You May Like