خەلق ئاۋازى: ئۇ شۇنداق كىشى ئىدى

مەنبەسى: ھىرا فوندى

پات-پات ھىرانىڭ كومپىيۇتېر مەركىزىگە كېلىدىغان، تەخمىنەن 80 ياشلار چامىسىدىكى بىر تاغىمىز بار ئىدى. سىنىپقا جىممىدە كىرىپ ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلەرنى ئاڭلاپ، ھېچكىمگە ھېچنىمە دىمەستىن ئۇزۇن-ئۇزۇن ئولتۇرغاندىن كىيىن قايتىپ كىتەتتى. بەلكىم بىرەرسىنى ئىزدەپ كەلگەندۇ ياكى ئوقۇغۇچىلاردىن بىرەرىنىڭ چوڭ دادىسىدۇ-دەپ، بىزمۇ سالام قىلىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتەتتۇق.

بىر كۈنى بۇ تاغىمىز ھەجىمى چوڭراق كەلگەن خاتىرە كومپىيۇتېردىن بىرنى كۆتۈرۈپ يەنە كەپتۇ. كومپىيۇتېر سەل كونا سەپلىمىلىرى تۆۋەنراق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىتاپ-ماتېرىياللارنى كۆرۈپ كۆزىمىزگە ئىشەنمەيلا قالدۇق.

بۇ تاغىمىز كومپىيۇتېر توغرىسىدىكى بەزى كەسپى ئاتالغۇلارنى خىلى جايىدا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، سېستىمىدا كۆرۈلگەن مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە مەشغۇلات جەريانلىرىنى سۆزلەپ بەرگىنىدە بولسا،ھەيرانىلىقتىن ئاغىزىمىزنى ئېچىپ قالغانىدۇق.

بەزى خەۋەرلەردىن قايسى بىر دۆلەتتە 70 ياشتىكى مويسىپىت بىرىنىڭ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىنى، قايسىدۇر بىر دۆلەتتە مەلۇم بىر ياشانغان كىشىنىڭ 90 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىك خەۋەرلىرىنى ئوقۇغان چاغلىرىمىزدا ھەيران قالغان بولساق، تەكلىماكان تۇپراقلىرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر بوۋاينىڭمۇ ھازىرقى زامان تېخنىكىسىنى يېشىنىڭ چوڭلۇقىغا قارىماي، ئۆگەنگەنلىكىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر كىشى پەخىر تۇيغۇسى ھېس قىلماي قالمايتتى.

توغرا،ئەتىگەندىن كەچكىچە تېلىفۇندىن بېشىنى كۆتۈرمەي جاھاندىكى جىدەل-ماجرانىڭ ھەممىگە چالا قويماي ئارلىشىپ يۈرگەندىن، ئازراق بولسىمۇ بىلىم ئۆگىنىش نەچچە ھەسسە ئەۋزەل ھەم ئەھمىيەتلىكتۇر.

قوللىرى تىتىرەپ تۇرسىمۇ مائۇسنى ئۆلچەملىك ئىشلىتىدىغان، gmail ھېساپلىرى ۋە قاچىلانغان پىرۇگراممىلارنى جايىدا مەشغۇلات قىلالايدىغان، پاكىز ھەم زامانىۋى قېرىغان بۇ تاغىمىزغا قاراپ ھەر قىتىم زوقىمىز كېلەتتى.

ئەمما تولىمۇ ئەپسۇس، دائىم ئېلىم سورۇنى دەپ يىنىمىزغا كېلىدىغان، ھەر ۋاقىت يىڭى يىڭى بىلىملەر بىلەن قۇراللىنىشتا يېشىنىڭ چوڭ بولۇپ قالغىنىغا تەن بەرمەستىن ئۆگىنىدىغان بۇ تاغىمىزنىڭ ئىككى-ئۈچ كۈن ئالدىدا ۋاپات تاپقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز بەك يېرىم بولدى.

ئاللاھتىن مەرھۇمغا جەننەت، ئائىلىسىگە سەبىر تىلەش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىن تولىمۇ ئارقىدا قالغان ئۇيغۇر ئاتلىق بۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش دېمەستىن بىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىشىنى، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن 24 سائەت ئىچىدە بىر سائەت ۋاقتىنى بولسىمۇ ئىلىم ئۆگىنىشكە، ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇيغۇرلار ھەرگىز دۆت ئەمەس، ئۇيغۇرلار ھەرگىز ھورۇن ئەمەس. ئىنشائاللاھ غەيرەت قىلىپ تىرىشسىلا چوقۇم ئىلىم-مەرىپەت زىرۋىسىگە يىتىپ بارالايدۇ.

خەير-خوش ھۆرمەتلىك خىزىر چىراي تاغا، ئاللاھ سىزگە جەننەت ئاتا قىلغاي، ئىنشائاللاھ بىزلەرمۇ سىزنىڭ بۇ مەرىپەتپەرۋەر روھىڭىزدىن ئۆگىنىپ، بىھۇدە سورۇن، بېھۇدە قاتار چايلارنى تاشلىغان ھالدا، قولىمىزغا تېلىفۇندىن بەكرەك كىتاپنى ئالغان ھالدا ھاياتىمىزنى داۋام قىلغايمىز.

ئاللاھ بۇ مىللەتكە ئىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق چىقىش يولى ئاتا قىلغاي!

لوقمانجان ھىرائى

2024-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى رەسساملىق كۇرسى؛

دۈ يانۋار 8 , 2024
رەسسام مەرۋايىت ھاپىز تالانت: بايقاش، بايقىلىش، ئۈگۈنۈش ۋە قوللۇنۇش ئارقىلىقلا تەرەققى قىلىدۇ. يانا بىر گۈزەل دۇنيانى چۈشۈنۈشنى ھالىسىڭىز، تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە دىققەت قىلغايسىز. مەن يىللاردىن بەرى ۋەتەن ئىچى ۋە ۋەتەن سىرتىدا رەسىم كەسپىدىن دەرس ئۆتۈش ئىشلىرىمنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم، گەرمانىيەدىمۇ مەندىن دەرس ئالغان گەرمان ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى سەنەت ئاكادەمىلىرىدە ئوقۇپ […]
merwayit happy

You May Like