خەلق ئاۋازى: كۆڭۈل

ئاپتورى: ئۆمەربېك ئالى

ھايات دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن ،كېچىكنە نەرسىدىن كۆڭۈل خوش بۇپ ،كېچىككىنە نەرسىدىن كۆڭۈل قالىدىغان.

بۇ دۇنيانىڭ مۇشۇنداق ئاچچېغى ۋە تاتلىغى بولغاچ ئاجايىپ گۈزەل .

مەن چەتئەل ھاياتى ياشىغىلى 18 يىل بۇلۇپ بۈگۈن شۇ تاتلىق ئەسلىمىلىرىمدىن ئازاراق سىلەرگە تەقدىم قېلىشنى ئويلاپ قالدىم.

مەن 2017.يىل خىزمەت XPO ASTANA ئۈچۈن يەنى تومار تېرانىس ساياھەت شېركىتىنىڭ موئاۋىن دىرىكتورى بۇلۇش سۆپىتىم بىلەن ئۈرۈمچىگە چوڭ ساياھەت شېركەتلىرى بىلەن 3 كۈنلۈك تۇختاملىشىش ۋە بىرلىكتە ئەڭ ياخشى ھەمكارلىشىشقا باردۇق.

ئىشلار شۇنداق ئۇڭۇشلۇق تۈگەپ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتۇم ،مىنى ۋە مەن ئۇلارنى قاتتېىق سېغىنغان ئاتا -ئانامنى كۆرۈشكە نەۋروزنىڭ 25.كۈنى كەچتە پېچان ناھىيە كارىزكۆلى مەھەلىسگە ئاز كام يەتتە تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتۈپ بىر يېرىم سائەتلىك يولنى 4:30 سائەتتە ئۆيگە كەلگەن ئىدىم.

شۇنچىلىك بەخېتلىك ھېسياتتا موڭدۇشۇپ ئاتا -ئانامنىڭ ئوتتۇرىسدا ئورون سەپ بەرگنتى باللىقنى ئەسلەپ موڭدۇشۇپ ياتتۇق.

ئاناڭنى پۇراپ ،ئاتاڭنى ھېدلاپ يېتىش ئىنسانغا ئاجايىپ راھەت بېغىشلايدىكەنتۇق.

شۇ قېتىمقى تۈن ئاجايىپ راھەت بىر تۈن بولغان ئىدى.

مەن ئەتىسى ئەتتىگەن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدىم.

ئالمۇتۇدا قالغان بالا -چاقامغا 45 كىلولۇق چۇنجە تەرەپ باھار مەھەلىسنىڭ يەرلىك قويلىردىن بۇلۇپ گۆشى ھەقىقەتەن ئاجايىپ يېيىشلىك ۋە خىلى داڭقىمۇ بار ئىدى .

مۇسۇلمان ئادەم سەپەرگە چېققاندا 3 ئايلىق ئۇزۇق تۈلۈكنى تەل قىپ چېقىش كېرەك دەپ ئۈگەتكەن رەھمەتلىك ئاتامنىڭ سۆزى شۇ قېتىم ھەقىقەتەن ماڭا بىر پايدىسىنى تەككۈزگەن .

ئەمما ئەپسوس شۇنچىلىك يېقىن ئارلاشقان ،ھەتتا ئۇ مەن تۇتۇلۇشتىن بىر ئاي بۇرۇن ئالموتۇدا رەسمىيەت مەسلىسى بۇيىچە شەھەرلىك ساقچى مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقاندا ئايالى ئىككى ئۈچ رەت تاماق ئاپارسىمۇ ئۇنۇڭ قۇلىغا تەگمەستىن گوندىپايلار تەرىپىدىن ئېلىۋىلنغانلىدىن خەۋەر تاپتىم ھەمدە ئالمۇتىدىكى يېقىن دوستۇمنىڭ سېڭلىسى دەل شۇ تۇتۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ كادىر ساقچىسىكەن.شۇنۇڭ بىلەن ئېرىنمەستىن ئۆيىگە باردىم ھەم سېڭلىمغا خەۋەرلىشىپ ئۆزەم بىللە كۈندە دىگۈدەك ئاپىرىپ ئەكەلدىم.

ھەتتا خىزمەتلىرىم ئالدىراش بولسىمۇ ئىش ئورنۇمدىن ئايرلىپ بارغان بولدۇم،سېڭلىمىزنىڭ ئائىلە سودا سېتىق قىلىشى ئۈچۈن بازارلارغا ئاپېرىپ كەلدىم.

شۇنۇڭ بىلەن دوستۇمنىڭ سېڭلىسنىڭ ياردىمىدە خاتېرجەم ئۆي تامىغى يەپ نەرسە كېرەكلىرى تۇلۇق بىر ئايدىن ئارتۇغاراق ياتقان بولدى.

كىيىن چېقتى،ئۆيگە يۇخلاپ باردۇق،دائىم باردى كەلدى قىلىپ شۇنداق ياخشى ئارلىشاتتۇق.

مېننەت قىلغاندەك بۇپ قالدىم ئەمما بۇ يەردە يېزۋاتىمەن بەلكىم سىزنىڭمۇ بېششىڭىزغا كەلگەن بۇلۇشى مۇمكىن.

مەن خىتاينىڭ قارڭغۇ كامپىلارغا سولانغاندا بىرىنچى ئاللاغا ئىككىنچى شۇ قېرىندىشىمغا شۇنچىلىك ئىشەندىم ۋە خاتېرجەم بولدۇم.

ھەتتا چۈشۈمدە باللىرىم ھەممىسى ئۆي قۇپ قۇرۇق تورۇستىكى لىملارلا قالغان كېچىك ئۇغلۇم ساڭگىلاپ قالغان،ئاپسى قۇلىنى سوزۇپ تارتېۋاتقان،بىر بۇرۇچتا قىزىم،بىر بۇرۇچتا ئوتترانچى ئۇغلۇم لىمدا ئولتارغان ،يۈرۈگۈم پۈچلۈنۈپ ئاللاغا قاتتىق دۇئا قىلغانتىم.

موساپىر ئۆز ئۆيىمىز بولسىمۇ ئالمۇتۇدا يەر ئۆيلەرگە بۇلاڭچىلىق قىلىپ كېرىپ بەزەن ئۆي ئېگىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس ئىدى.شۇڭلاشقا يۈرۈگۈم سۇ .

كامپىنى سۆزلەپ گۈزەل كۆڭۈل كۈيۈمنى راھەتسىز قىلغۇم يوق.

سۆزنىڭ قېسقىسى 2017.يىل 12.ئاينىڭ تۆتى يەنى 11.ئاينىڭ 24.كۈنى خىتاينىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى دوزىخىدىن چېقىپ ئاتا-ئانامنىڭ قىشىدا ماڭغۇدەك بۇلۇپ بەدەنلىرىمگە ئازاراق جان كېرگەندىن كەلگەن كۈنۈم قازاقىستانغا .

كەچ ئالتىلەر بىلەن كەلدىم.

بىرىنچى بۇپ سورۇغۇنۇم قانداق كۈن كەچتىڭلار كىملەر كەلدى دەپ سوراپتىمەن.

شۇ چۈشۈمگە كېرگىنى مۇھەممەد ئاغرىپ كەتكەن ئېكەن.

ئۆيدە 18 دانە سورتلۇق توخولۇرۇم بار ئىدى يەرلىك ئۇلارغا يەم يوق،سودا سېتىق قىلاي دىسە ھەم باللار ئۇششاق قيىنالغانلىقىنى ،ئەمما بىزنىڭ بىر ياخشى قېرىندىشىمىز بار ئىدى غۇلجۇلۇق ،بىر ئاتۇشلۇق قېرىندىشىم،مەھەلە ساقچىسى ،ھەمدە كونا تۇنۇش تۈرۈك دوستۇم بولىدىغان شۇلار بىرسى قوي سويۇپ ئەكەپ تۇرۇپتۇ،بىرسى ئېقتساد ياردەم قىپ تۇرۇپتۇ،ساقچى ئىنىمىز ئىككى قېتىم يىمەك ئېچمەك ئەكەپ بېرىپتۇ،تۈرك دوستۇم ئىككى قوي سويۇپ ئەكەپ بېرىپتۇ.

كۆزلۈرۈمدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلدى.

ھازىر مۇشۇلارنى يېزۋاتقاندا ھەم ياشلىرىم ئېقىپ خەتلەرنى يازالماي قالدىم .ئاجايىپ ئېسىل دوستلۇرۇم باركەن دەپ قەلبىم بەك سۆيۈندى.

تا ھازىرغىچە مىنەتتارلىغىمنى بېلدۈرۈپ تۇرمەن ھەم دۇئادا ياد ئېتىمەن.

ئەپسوس ھېلىقى ئىشەنگەن دوستۇم ئەكسىنچە بىر قېتىم يۇقلاپ كەپتۇ دە شۇنداق ئامدان تۇخۇم تۇغۇدىغان مىكيىنىمنى ئەكىتىپكەن بىر كىلو ئالتۇنۇمنى ئەپ كەتكەندەك بۇپ كەتتىم.

بېر ئېغىز رۈشەنگۈل ئۆمەر يوق نىمە ئىش بار قۇلۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولاي،قانداق ئىش بولسا تىل قېلىڭ دىمەستىن تۇخۇرۇمنى ئەكىتپتىكەن ئەمما ئاجايىپ كۆڭلۈمدە قالدى.

ھە مىنىڭ سودىدىن قالغان قەرزىم بار ئىدى ئۇنۇڭ بىلەن كىيىن دۇنياغا خىتاي جىنايتى پاش قىلىپ تۈركىيدە سەرسان يۈرگەندە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار يەردەم قۇلىنى سۇنۇپ قۇۋۋەتلەۋاتقاندا ئۇ پۇلىنى سوراپ تەڭقىسلىقتا قويغانتى.

ئۇ قەرزىمنى بۇلتۇرقى ئۆيۈمنى ئېجارىگە بەرگەن پۇل بىلەن ئەمدى تۈگەتتىم.

ئاللاغا شۈكۈر.

ئەمدى گوللاندىيەگە كىلىپ ئائىلەمنى جەم قىلىپ ياۋروپا ھاياتىنى باشلاپ تۇرغاندا قۇل ئۇچچىنى سوزۇپ ياردەمدە بولغانلارنى يازسام بەك كۆپ .بىلگىيەدىن،گوللاندىيەدىن،دەسلەپتە ئاۋىستىرالىيەدىن ،(بارغاندا بېلدىم كىملەرنىڭ ئادەمگەرچىلىكنى يەتكۈزگەنلىگىنى)،

ياپونىيەدىن،ھەمدە مەن تۈركىيەدە ۋاقىتتا ياردەم قولىنى سونغان پىراپىپىسور،ھەم ئۇقۇغۇچىلىرى،

ھېلىقى بالىمىزنىڭ 1000يىنى،ئامىرىكىدىن،شىۋىتسىيەدىكى ،شىۋىتسارىيەدىن بىر ئائىلە ئالايىتەن كۆڭلىنى نامايەن قىلىشى ،كانادادىكى ئوت يۈرەك جامائەتلىرىمىزنىڭ ،ئەنگلىيىاىن بىر دوستۇمنىڭ ،ئالمۇتۇدىن ۋەتەندىن چېققان ئىككى قېرىندىشمنىڭ،

يۇرتداش ئىككى قېرىندىشمنىڭ،

گىرمانىيەدىن بىر ئايال،بىر ئەر قېرىندىشمنىڭ ،ھەمدە ئەڭ ئۇزاق يېڭى زىلاندىيەدىن شۇنچىلىك يۈزى ئېللىق شۇ ئەر ئاياللار،بارلىق مېھرى ئېللىق مىللەتپەرۋەر،ۋەتەن سۆيەر ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆپتىن تولىسىنى بىلدىم ۋە كۆرۈشتۈم ،قەلبىمدە ئۇلارغا بولغان مېننەتارلىقىمنى تا بۈگۈنگىچە ئۇنتۇپ كەتمىدىم ھەمدە دۇئالىرىمدا ياد ئېتىپ كەلدىم.ھەمدە جاي نامازلىرىدا ئولتۇرۇپ تۇختىماي دۇئادا بولغان سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىمنى ھەم ئۇنۇتمۇدۇم.بۈگۈنكى كۈندە ئەمدى تېلىم چىقىپ پاسپورت ئالغۇچە،بىر مۇقۇم خىزمەتنى باشلۇغۇچە قشنىڭ سۇغاقلىرىدىن تەن ساقلىققا پايدىلىق قىيزلاردىن ۋەتەنداشلىرىم ئېغىز تەگسىكەن ،داستېخانلىرىدا ئەزىز مېھمانلىرىغا كۈننىڭ سۇغۇقىدا ئوخشىغان نارىن چۆپلەردىن سالسىكەن دەپ ئۇزاق يوللارنى بېسىپ قانونلۇق يوللار بىلەن سويۇلغان ئاتلارنىڭ سۈگۈشى ۋە قىيزىلىرىنى ھەپتە ھەپتىلەپ جاپالىق ئېشلەپ تەييارلىغان مەسھولاتلارنى قىممەت دىمەي مىنى قوللاپ ئالغان شۇ ئەزىز قېرانداشلىرىم مىنى ھازىرمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ھەتتا 25 كىلوگىرام ئالغان يۇرتداشلىرىم مىنى تېخمۇ سۆيۈندۈردى.

ھەر ئېشنى كەسىپ ئەھلى ۋە شۇ ئىشنى قىلىپ باققان ئادەم ياخشى بىلىدۇ.

ئىنساننىڭ ئېسسىلىرى يەنىلام كۆپ .رەببىم پۈتۈن شۇ قېرانداشلىرىمنى ئۆز پانايىدا ساقلىغاي!ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئاۋات ۋە ئامان قىلغاي!باللرىنىڭ بەختىنى بەرگەي!ئۆيلەنمىگەنلەرنى ئاللاھىم ئەڭ ياخشى ھەمرالاردىن نەسىپ ئەيلىگەي!بالا قازادىن يېراق قىلغاي!ئۆيلىرىدە ھەرقاچان خوشاللىق ۋە خاتېرجەملىك بولغاي!ئۇرۇق تۇققانلاردەك قۇيۇق ئارلىشىشقا نەسىپ ئەيلىگەي!يامانلىقلارنى ئۇنتۇپ پەقەت ياخشىلىقلارنى ئەستىن چېقارمىغاي!2024 .يىل ھەممىسىگە ئەڭ خوشاللىق،بەرىكەتلىك،باياشات،ھەم ئۆز ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن جەم بولغىلى !دىدار كۆرگىلى!بولمىغاندا ھەمسۆھپەت!دىدارلىششقا نەسىپ ئەيلىسۇن!مۇشۇ يەردە ھەممىسىگە يەنە بىر قېتىم شەخسەن ۋە ئائىلەم نامىدىن ئوتلۇق سالام ۋە ئالىي ئېھتىرام!

ئاخرىدا شۇ كامپىلارغا ھالا سولىنىۋاتقان ،ھەمدە يېتىۋاتقان بىگۇنا شۇ ئىنسانلارنى ئۇنتۇپ قالمايلى!بۇ يىل مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۆزى بىلمەيلا خىتايغا يانتاياق بۇپ ئانا يۇرتۇمىزغا بېرىشى ئايدىن ئېنىق!دەۋزاخقا قەدىمىنى بېسىۋەرسۇن !بىز قانداق بۇ يولغا قەدەم باسقان شۇ سابىت قەدەملەر تۇختىماغلىق!ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىماسلىققا !ھەتتا ئالاقىمۇ قىلماسلىققا بەل باغلاقلىق!يالغۇز قالساقمۇ مەيلى بۇ زۇلنى پۈتۈنلەي تۇختۇتۇپ !كۆك بايراق تېكلەنمەي !بۇ ماڭسا قايتماس يولدىن ئەسلا تايمايمىز!تارىخ ئەڭ ئالى سوتچى!كۆرۈمىز كىم ئاق !كىم قارا!سىلەرنىڭ تۇرپان پېچاندىن كەلگەن دوستىڭلاردىن ھەممىڭلارغا سېغىنىپ سالام!رەببىم ساق سالامەت كۆرەشكىلى نەسىپ قىلسۇن!

بۇ يېڭى يىلدا ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ قوي ۋە توخۇنى كۆپ يەپ چېچىلىپ كېتىشىدىن،كالا گۆشىنى كۆپ ناتۇغرا يولغا يېتلىنىپ كېتىشتىن سېغىنىپ زاتتىن سورايمەن،شۇنداقلا ئىمكان بار ئات گۆشى ۋە قىيزىدىن يەپ مەيلى نەدە بۇلۇڭ ئايغېر ئاتتەك ئۆز گورپىسىنى قاتتىق ھىمايە قىلىدىغان نىشانغا تۇختىماي چاپىدىغان ،دۈشمەنگە قارشى تىك تۇرۇپ ئەسلا يەدە ياتمايدىغان ئات يۆرەك قىز ئۇغلانلاردىن بۇلۇشۇڭلارغا تېلەكداش قېرىندىشڭلار ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىن ئەرزۇ تېلەكلەر يوللاپ :

ئۆمەر چابىش ئۇغلىدىن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ختاي «شنجاڭنى تەلتۆكۈس يېڭى ماركىدا تەشۋىق قىلماقتا»

دۈ يانۋار 8 , 2024
ئەركىن ئۇيغۇر، 8-يانۋار، 2024-يىلى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىن سى ب ئەس خەۋەرلىرى ئۆتكەن ھەپتە ختاي كومپارتىيسنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاندا يېڭىدىن باشلىغان «شنجاڭنى يېڭى ماركىدا تونۇشتۇرۇش» ھەرىكىتى ھەققىدە قسقا ھۈججەتلىك فىلىم ئ‍شلىگەن. مەزكۇر ھۈججەتلىك فىلىمدە، ختاينىڭ پۈتۈن دۇنيادا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىلىپ بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سياسىتى ھەققىدىكى تەنقىدلىرىگە قارىماي، «شنجاڭ» ئۈچۈن يېپ-يېڭى بىر ئوبراز ياراتماقچى […]
يېڭى شنجاڭ

You May Like