خاماس رەھبىرى: ختاي بىلەن ھەمكارلىقىمىز بار، ختاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتا بىزدىن ئۆرنەك ئالىدۇ.ئ‍سلام ئۈممىتى ختاي بىلەن ھەمكارلاشسۇن!

تەييارلىغۇچى: مۇھسىن

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-ئۆكتەبىر

خاماسنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى خالىد مەشئەل مىسىرنىڭ سادال بەلەد (ۋەتەن ساددسى) تېلىۋىزىيەسىگە سۆزلەپ، ختاي بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى ئاشكارا ھالدا ئىپادىلىدى.

ئۇ ھەتتا ئۇممەتنى ئەرەبلەرنى ختاي بىلەن ھەمكارلىششقا چاقىردى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەرەب مىللەتچىسى ئىكەنلىكىنى قەتئى يوشۇرماستىن «ئەرەبلەر-دۇنياغا دەرس بىرىۋاتىدۇ.».

خاماسنىڭ چەتئەلدىكى رەھبىرى خالىد مەشئەل مەرى تېلىۋىزيەسگە ماختىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى: «بىزنىڭ دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي ئۇچرىشىشلىرىمىز بار. رۇس، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. بەزى ياۋروپا ئەللىرى ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى.

بىز ئۈممىتىمىزدىن، دوستلىرىمىزدىن، ئاللاھ پارتىيسىدىن، ۋە غەربتىكى ئەرەب توپلۇملىرىدىن ھەرىكەت قىلىشىنى، شۇنداقلا رۇس ۋەخىتايغا ئوخشاش دۇنياۋى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى سورايمىز.

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇلاردىن ۋە ئۇكرائىنادىن بۇرۇۋەتكىنىمىزدىن پايدا ئالدى.خىتاي بولسا بىزنىڭ قىلغىنىمىزدىن ھەيران قالارلىق ئۆرنەك ئالدى. رۇسلار بىزنىڭ 7-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمىمىزنىڭ ئەسكىرىي تەلىم-تەربىيەدە ئۆگىتىلىدقلىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتايلار قاسسام برىگادىسىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىكىگە ئوخشاش ئوپېراتسىيونىىنى تەيۋەنگە قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتىدۇ. ئەرەبلەر دۇنياغا دەرس بېرىۋاتىدۇ.»

ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ تېۋىتتر ئۇلانمىسى:

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئ‍سلام دۇنياسنىڭ ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋەتكەنلىكىگە ئائىت رەسم 2 مىلىيون قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن.

دۈ ئۆكتەبىر 30 , 2023
(مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئ‍سلام ئ‍ۆچمەنلىكى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق) مۇھسن، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-ئۆكتەبىر يېقىندا تېۋىتتر (Twitter) ( ھازىرقى ئ‍سمى ئەكىس ( X)) دا تارقالغان بىر پارچە رەسم كۈچلۈك تەسر قوزغىدى. مەزكۇر رەسىمدە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ-زارىغا پەرۋا قىلماي، پەلەستن تەرەپتىلا تۇرغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى سياسى رىئاللىقنى نامايەن قىلغان. پەقەت […]
ئۇيغۇرلار ۋە پەلەستىن

You May Like