ۋاشنگىتون شەھىرى مۇسۇلمان جەمىيەتلىرى رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى!

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى

فايىرفاكىس شەھىرى

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونى ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان جەمىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى ،مەسجىد ئىماملىرى،ئسلام مىديالىرىدىن تەشكىل تاپقان 100 دىن ئارتۇق ۋەكىللەرگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كىلىۋاتقان ئەھۋالى تەپسلى تونۇشتۇرۇلدى؛

پائالىيەت -ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىگە جايلاشقان مەركىزىدە ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ،پائالىىيەتتە ئالدى بىلەن مەزكۇر مەركەزنىڭ قۇرغۇچىسى قۇززات ئالتاي ئەپەندى سۆز ئىلىپ ،مەزكۇر مەركەزنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە مەقسدىنى قسقىچە تونۇشتۇردى،ئارقىدىن ئۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى پاكىتلار بىلەن ئاڭلاتتى،نۆۋەتتە ۋەتەندە قالغان گۇناھسز ۋە مىھىرىبان  دادىسىنىڭ ختتاي كوممۇنستلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى ،ھازىرغىچە دادىسى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغانلىقىنى چۇشەندۇردى.مۇسۇلمان جەمىيەتلىرى،رەھبەرلىرىدىن كۇتىدىغان ئۇمىدىنى بىلدۇردى،ئۇ مونۇلارنى بىلدۇردى:ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ روھىنگاھ ۋە پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاشلا ئىغىر كۇنلەرگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ،ئەمما نىمە ئۇچۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بۇنىڭغا سۇكۇت قىلىدۇ؟ مۇسۇلمانلار جامائىتى ئەزەلدىن زۇلۇم قىلغۇچى بىرماغا ئوخشاش كىچىك ۋە ئاجىز دۆلەت بولسا،ھىچ بولمىسا ئىككى ئىغىز سۆز قىلىپ ئەيىپلەيدۇ،ئەمما زالىم ئەگەر ختتايدەك كۇچلۇك بولسا ھىچنىمە دىمەيدۇ،بۇ كىشنى ئەجەپلەندۇرىدۇ.قىرىنداشلار،سلەرنىڭ بىر گىرام چۇشۇرگەن بېسمىڭلار سەۋەبلىك بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ھاياتى قۇتۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن،بىز بۇ يەردە سلەر بىلەن تەڭ ھەممىگە مىھىرىبان ۋە قۇدرەتلىك ئاللاھتىن ئورتاق بىر نەرسە سورايمىز،ھەممىمىزگە ئادالەت ئۇچۇن،زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئۇچۇن ئنساپ ۋە جاسارەت بەرسۇن،ھەممىمىزنى ۋىجدانىمىز،ئىمانىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا نېسپ قىلسۇن!

ئارقىدىن ئۇ ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى،سياسەت  پەنلىرىدە ئوقۇۋاتقان تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئاننى سۆزگە تەكلىپ قىلدى،تاھىر «ختتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىللىرىنى ئايرىۋتىش سياستى ۋە ختتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇرلارنى يېتشتۇرۇش سياسىتى «دىگەن تېمىدا بەش مىنۇت چۇشەنچە بەردى.ئۇ ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دۆلەت دۇشمىنى دەپ جاكارلىغاندىن كىين،كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ،كەم بولغاندا بەش يۇز مىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئاتا-ئانىسدىن ئايرىلىپ ختتايلششقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى،بۇ ھەقتە ئىلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى تونۇشتۇردى،ئۆزىنىڭ كەچۇرمىشلىرى ۋە قېزى بىلەن بولغان ئالاقە ئۇزۇلۇشنى مېسال قىلىپ كەلتۈردى.

ئارقىدىن ئاساسلىق سۆزلىگۇچى ئەركىن سدىق ئەپەندى بىر سائەتكە سوزۇلغان «مەدەنىيى قىرغىنچىلىقتىن بىئولوگىيەلىك قىرغىنچىلىققا :ختتاينىڭ شەرقى تۈركستاندىكى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشى» تېمىسدىكى مەخسۇس دوكلاتىنى تەقدىم ئەتتى،ئۇ تېمىسدا ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مىللى،دىنى ،ئىرقى قىرغىنچىلىق سياسەتلىرىگە ئائىت بارلىق تەپسلاتلارنى سۇرەتلىك ھالدا ئورتاقلاشتى،تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تونۇشتۇردى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلان قىلىغان ئنسانى ھوقۇق دوكلاتلىرىنى تونۇشتۇردى،كۇچار شەھىرىنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى رەسمىلىك سىلىشتۇردى، ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقتىش ئۇچۇن خەلقئارادا تىرورچى قالپىقىنى كەيدۇرگەن بولسا،دۆلەت ئىچىدە پۇتۇن ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ ،يوقتىش دولقۇنى قوزغىغانلىقىنى بىر-بىرلەپ چۇشەندۇردۇ.ئۇ يەنە ختتاينىڭ نىمە ئۇچۇن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى تارىخى پاكىت ئاساسدا يورۇتۇپ بەردى.ختتاي مىللىتىنىڭ خاراكتىرى ۋە مەدەنىيتىدە ساقلانغان ئىرقچىلىق،رەھىمسزلىكنى تونۇشتۇردى ۋە باشقىلارنىڭ،جۇملىدىن بۇگۇنكى مىمھانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن نىمە قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى ئورتاقلاشتى.

لېكسيەدە يەنە مۇسۇلمان ئۆلىمالاردىن بىرى ،قۇززات ئەپەندىنىڭ دوستى،مەزكۇر يېغىلىشنىڭ تەشەببۇسچىلىرىدىن بىرى ،دارۇلھىجرە ئسلام مەركىزى ئاممىۋى مۇناسۋەت ۋە ھۆكۈمەت ئشلىرى دىرىكتورى سائىف راھمان ئەپەندىم سۆز ئىلىپ ،نەق مەيداندىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا دەرھال تىلىفۇن ئىلىپ مۇناسۋەتلىك دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئسمى،تىلفۇن نۇمۇرىنى خاتىرلىۋىلىشنى تەلەپ قىلدى،ئارقىدىن ئالدىمىزدىكى ئىككى كۇن چوقۇم ئۇلارغا تىلفۇن قىلىپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئاڭلىغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ ئالاقىدار ۋەكىللەردىن دۆلەت مەجلىسدە بۇ مەسلىنى چوقۇم تىلغا ئىلىشى كىرەكلىكىنى تەلەپ قىلىش ھەققىدە ئولتۇرغۇچىلاردىن بىردەك يۇقىرى ئاۋازدا ۋەدە ئالدى.

لېكسيەگە ئادامىس مەركىزىدىن بوب ماررىئو،ۋىرگىنىيە مۇسۇلمانلار كېڭىشى رەئىسى رافىئۇددىن ئەھمەد،بىرما قۇتقۇزۇش پىدائىيلار ئەترىتىدىن ئانىكا راھمان، دارۇلھىجرە ئسلام مەركىزى ئاممىۋى مۇناسۋەت ۋە ھۆكۈمەت ئشلىرى دىرىكتورى سائىف راھمان ،ئامېرىكا مۇسۇلمانلار ئنۇستىتۇتىدىن شاھىد راھمان قاتارلىق لىدىرلار قاتناشتى،ئسلامى ئاقىللار ئامبارلىرى ۋە مىديا ۋەكىللىرى، ۋىرگىنىيەدىكى مۇھىم مەسجىدلەرنىڭ ئىماملىرى،بىر قسم ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى قاتناشتى !

لېكسيەدىن كىين ھەر قايسى جامائەت ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بولغان ھسداشلىقىنى ،قايغۇسنى ئىپادىلىدى, ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچلىقىنى توختىتىش ئۇچۇن نىمە قىلغىلى بولىدۇ دىگەن سۇئال ئاساسى تېمىغا ئايلاندى. ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە ،ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن تەڭ كۇچەپ خەلقئارا جامائەت ۋە ھەر قايسى بارلىق دىنى -ئېتىقاد مەركەزلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۇرۇش ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مۇسۇلمانلار جەمئىيتى نامىدىن مۇراجىئەت قىلىش نامىدا تەكلىپ-پىكىرلەر بىرىلدى؛بىر نەچچە ئورگان ۋەكىلى پات ئارىدا بىر نەچچە مۇھىم پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ لايىھىسى بەردى.

پائالىيەتكە ئۇيغۇر قىزى قېقىىنۇس جانلىق رىياسەتچىلىك قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

تۇمانلىق ساھىل  (ھېكايە)

چا ئۆكتەبىر 10 , 2018
ھىچكىم يوق  (ھېكايە) (تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان) قۇياش دەرىزىدىن ئۇنىڭ يۈزىگە چۈشكەندە ئۇ ئويغاندى،ئاز ئۇخلىغاچقا يەنىلا مادارسز ئىدى، بۇرۇن سەھەرچى ئىدى، ھازىر ئشلار ئۆزگەردى.ئۆزگەرگەن نەرسلەر ئىچىدە كىچە بىلەن كۇندۇز ئەڭ روشەن نەرسە ئىدى،كىچىسى ئۇخلىيالمايتتى،ئۇنىڭ پىغانلىرى ئۇنى غەلىتە ئنسانغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.ئۇ  ئورنىدىن تۇرۇش-تۇرماسلىق ھەققىدە خىلى ئۇزۇنغىچە بىر قارارغا كىلەلمىدى،چۇنكى يەنە ئورنىدىن تۇرسا […]

You May Like