ئۇيغۇرلارنى« سۈپۈرۈپ تاشلايمىز، چىگرا تېشغا چىقىرىمىز» دىگەن ساقچى ئ‍ستانبۇلدا مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىغا ئۆستۈرۈلدى.

مەرغۇبە، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،27-ئاۋغۇست

2022-يىلى 30-نويابىر كۈنى قاتىل ختاي ھاكېمىيتىنىڭ تۈركىيە ئ‍ستانبۇل شەھىرىدىكى كونسۇلى ئالدىدا، ئۇيغۇرستان (شەرقى تۈركستان) پايتەختى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنى ئوت ئاپىتىدە سولاپ قويۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسدە قازا قىلغان 44 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىش ئىلىپ بىرىلغانىدى.

بۇ نامايشتا ئ‍ستانبۇل شەھىرى سارىيار رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى باشلىقى Murat Çaykara ئاخبارات ئىلان قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىرىنداشلارنى نامايىشتىن توسقان ۋە ئۇلارنى مەجبۇرى ئىتتىرگەن.نامايىشچى ئۇيغۇرلارغا قىلغان زورلۇقى ۋە ھاقارىتى پۈتۈن مېدىيالار ئارقىلىق بېسم پەيدا قىلغان،شۇنىڭ بىلەن ئىچكى ئ‍شلار منستىرى سۇلايمان سويلۇ بۇ ھەقتە كەچۈرۈم سوراپ بايانات ئىلان قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئ‍ستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى-ئ‍ستانبۇل ۋالىيلىقى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولۇپ،ئ‍ستانبۇلنىڭ يېڭى ۋالىيسى داۋۇت گۈل ئەردوغاننىڭ تەيىنلىشى بىلەن ۋالىيلىققا چىققان. بۇ ۋالىيلىق ئورنىغا سۇلايمان سويلۇ ئىلتىماس قىلغان بولسمۇ،رەت قىلىنغان.

ئەينى چاغدا ،مەزكۇر ساقچى يولداشنىڭ بىۋاستە ئېتىرىشىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ھەمشرە پائالىيەتچى ئىپارخان ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا مۇنداق دىدى:مەن بۈگۈن بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن بىرى، غەزەپتىن قاتتىق كۈلۈۋاتىمەن، خەلقىمىزنىڭ بىشىغا مۇشۇنداق ئىغىر كۈنلەر كىلىۋاتقاندا، بىزنى شۇ قەدەر پەس كۆرگەن بىر شەخسنىڭ پۈتۈن مېدىيا تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان تۇرۇقلۇقمۇ داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلىشى-بۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە «سەن نىمە دىسەڭ دە،پەرۋايىم پەلەك»دىگەنلىك بولماي نىمە؟ ئەگەر ئۇنىڭ مۇشۇنداق ساقچى باشلىقى بولۇپ ئۆسدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، « ئۇنىڭ سەنلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلايمىز، چىگرا تېشىغا چىقرىۋىتىمىز» دىگەن سۆزىگە، مەنمۇ قارشلىق بىلدۈرۈپ، كاچىتىغا بىرنى سىلىپ تارىخى ئ‍ىز قالدۇرغان، ئۆچۈمنى ئالغان بولاتتىم.»

مەزكۇر شەخسنىڭ ساقچى باشلىقى بولۇپ تەيىنلىشى -تۈركچە سوسيال مېدىيادا داۋاملىق قارشىلىق سادالىرىنى قوزغىماقتا.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئ‍ۇيغۇر ئىگىلىك تېكلىگۈچى چولپان ئابدۇلخەبىر مەمەت تۈرمىگە تاشلانغان.

پە ئاۋغۇست 17 , 2023
ئاينۇرە، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 17-ئاۋغۇست، ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچى چولپان ئابدۇلخەبىر مەمەت قولغا ئىلىنغان. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇنىڭ نىمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى، قانچە يىل كېسلگەنلىكى ھەققىدە كونكېرت ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدى. ئابدۇلخەبىر مەمەت كەلپىن ناھىيسدە مەرىپەتپەرۋەر بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان.ئامېرىكىدا ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كىيىن، ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن. ئۇ يەنە چەتئەلدە ئىلىم تەھسىل […]
ئ‍ۇيغۇر ئىگىلىك تېكلىگۈچى چولپان ئابدۇلخەبىر مەمەت تۈرمىگە تاشلانغان

You May Like