ئۇيغۇرلار ئۇكرائىنالىقلارغا ھەۋەس ۋە ھەسەت قىلىدۇ!

ئۇيغۇرلار ئۇكرائىنالىقلارغا ھەۋەس ۋە ھەسەت قىلىدۇ!

 ئۇيغۇرلار ئۇكرائىنالىقلارغا  ھەۋەس ۋە ھەسەت قىلىدۇ!

 2022-يىلى – مارت « دۇنياۋى ئاۋاز» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە 

كۆكبايراق

بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا، ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بىر دۈشمەننىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغانلىقىدەك ئەھۋالىغا ئېچىنىۋاتىدۇ، ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ، ئوخشاش بىر قىسمەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ  بېشىغا كېلىپ قالماسلىقىنى ئاللادىن تىلەۋاتىدۇ. ئەمما دۇنيادا يەنە بىر مىللەت بار، ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتىگە ھەۋەس بىلەن قاراۋاتىدۇ، «نېمە دېگەن بەختلىك!» دەپ ، ئاز تولا ھەسەتمۇ قىلىۋاتىدۇ ۋە كۆڭلىدە :« ئەي ئاللاھ، ئۇكرائىنالىقلارغا بەرگەن پۇرسەتنى بىزگىمۇ نېسىپ قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلىۋاتىدۇ. 

بۇلار كىم؟ 

بۇلار ، خىتاي تەرىپىدىن ، نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا  ئۇچراۋاتقان -ئۇيغۇرلار. 

شۇنداق، بۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ رەھبەرلىرى ئېكرانغا چىقىپ: « مەن ھاياتىمنى مىللىتىمنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئاتىدىم، بۇ بەلكىم مېنىڭ ئاخىرقى كۆرۈنۈشۈم» دېيەلىگەن بولسا، ئۇيغۇرنىڭ رەھبەرلىرى، ئېكرانلارغا ئېلىپ چىقىلىپ :«توۋا قىلدىم،  خاتا قىلىپتىمەن» دەپ پۇشايمان باياناتى بېرىۋاتىدۇ.  مەسىلە ئىككى گۇرۇپپا رەھبەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى  ۋە كىشىلىك خاراكتېرىدىكى پەرق ئەمەس. ئىككىسىنىڭ سىياسىي تەقدىرىدىكى، بىرى ئىشغال قىلىنىپ بولغان، يەنە بىرى ئىشغال قىلىنىش ئالدىدىكى ۋە جەرياندىكى ئىمكانلاردىكى پەرقلەردۇر. ئالدىنقىسى تانكىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا گەپ قىلىۋاتقانلار بولسا، كېيىنكىسى قېيىن-قىستاقنىڭ ئازابىدا گەپ قىلىۋاتقانلار. 

بۈگۈن، ئۇكرائىنالىقلار 7 ياشتىن 70 ياشقىچە «مەن ئىشغالىيەتكە قارشى» دەپ ئۆز مەيدانىنى بايان قىلىپ، دۈشمىنىگە ئوق ئېتىپ، نەپرىتىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ، ئاچچىقىنى چىقىرىۋاتىدۇ، روھىنى داۋالاۋاتىدۇ. ئەمما شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى بېسىۋالغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەق-ھوقۇقلىرىنى  دەپسەندە قىلغان ، بايلىقلىرىنى بۇلاپ تالىغان، خىتاي ھاكىمىيىتىنى، تەنقىدلەش ئەمەس، ماختاشقا، ئۆزىنىڭ قاتىللىرىنى باش پاناھىم دەپ مەدھىيەلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئىپادىنى بىلدۈرمىگەنلەر، بۆلگۈنچى، تېررورچى، ۋە ئەسەبىي دەپ سانىلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتىدۇ. 

 شۇنداق، ئۇكرائىنادا بىر مىليوندىن ئارتۇق  كىشى چېگرا ئاتلاپ، جېنىنى قۇتقۇزۇش ۋە قوشنىلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ  بىر مەھەللىدىن بىر مەھەللىگە ئۆتۈشىمۇ چەكلىنىۋاتىدۇ. قوشنىسىنى يوقلاش ئۈچۈنمۇ ساقچىدىن رۇخسەت ئېلىۋاتىدۇ. بۇ چەكلىمىنى بۆسۈپ، پاسپورتسىز ۋە ياكى ساختا پاسپورت بىلەن چەتكە  قېچىپ چىققانلار، كامبودژا، ۋىيېتنام، مىسىر، تاجىكىستان، قازاقىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن  خىتايغا قايتۇرىلىۋاتىدۇ.
 
رۇسىيە ئۇكرائىنالىقلاردىن « زېمىنىڭنى بىزگە بەر، بىز سېنى باشقۇرىمىز» دەۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي ئۇيغۇرلارغا، «مىللىي كىملىكىڭدىن ۋاز كەچ، خىتاي بولۇشنى قوبۇل قىل» دەۋاتىدۇ.  يەنى« جېنىڭنى بىزگە  بەر، بولمىسا، بىز بۇ زېمىندا خاتىرجەم بولالمايمىز» دەۋاتىدۇ. 

4 ‏-مارتقىچە، ئۇكرائىنالىقلاردىن 331 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 675 كىشى يارىلاندى.  ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، لاگېرلاردىن ھەر كۈنى 500 جەسەتنىڭ ئائىلىسىگە تاپشۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.  NASAدىكى ئۇيغۇر ئالىم ئەركىن سىدىق رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ « 8.3 مىليون ئۇيغۇر 2- 3 يىلنىڭ ئىچىدە نەگە كەتتى؟» دەپ زارلىنىۋاتىدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇكرائىنالىقلاردىن ئۆلگەنلەر ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ئازابنىڭ تەمىنى بىر ياكى بىرقانچە مىنۇتلا تېتىدى. ئۇيغۇرلاردىن 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا بۇ ئۆلۈمنىڭ تەمىنى بەش يىلدىن بۇيان تارتىۋاتىدۇ، بىر قىسمى ئۇ دۇنياغا ئۇزاپ بولدى. ئېنىق سانىنى بىر خىتاي، بىر خۇدادىن باشقا ھېچكىمگە مەلۇم ئەمەس. شۇڭا  ئۇيغۇرلار ئۇكرائىنالىقنىڭ قان ئىچىدىكى بۇ ئۆلۈمىنى تاتلىق ۋە بەختلىك بىر ئۆلۈم دەپ قارايدۇ. 

 ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىدىن بەك ھەۋەس قىلىدىغىنى، ئۇكرائىناغا بۇرۇلىۋاتقان خەلقئارا جامائەت پىكىرى. بۈگۈن بىر ئۇكرائىنالىقنىڭ جېنى تېنىدىن جۇدا بولسا، ئاخباراتنىڭ پۈتۈن كامېرالىرى ئۇنىڭغا  بۇرۇلىدۇ. ئەمما ،380 لاگېردىن كۇچادىكى  بىرىدە ئالدىنقى يىلى  158 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلسا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن  باشقا ھېچكىم خەۋىرىنى بەرمىدى ياكى خەۋىرىنى ئالالمىدى.  
 
28‏-فېۋرال كۈنى ئۇكرائىنا تەۋە بولغان ياۋروپالىقلاردىن 27 دۆلەت ئۇكرائىنانى قوللاپ بايانات بەردى ۋە رۇسىيەگە ئېمبارگو قويدى. ئەمما ئۇيغۇرلار تەۋە بولغان مۇسۇلمان دۇنياسى، ب د ت دا، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە، خىتاينى قوللاپ ئۇيغۇرغا قارشى بىلەت تاشلىدى. 

ب د ت باش كاتىپى ئانتونى  ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئىككىنچى كۈنى رۇسىيەنى ئەيىبلەپ بايانات بەردى ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى. ئەمما ئۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى باشلىنىپ 5 يىلدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم خىتايدىن  ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. تېخى ئەيىبكە بۇيرۇمىدى. 8 دۆلەت ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ تونۇپ بولغان بىر مۇستەقىل سوت «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھۆكۈمىنى چىقىرىپ بولغان تەقدىردىمۇ. 

بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان كۈنلەردە بەلكىم ئۇكرائىنا پۈتۈنلەي رۇسلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۇكرائىناغا ھەۋەس قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇكرائىنالىقلار يەنىلا ئايال- بالىلىرىغا ئىگە چىقالايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئەرلىرى لاگېردا » ئۆيلىرىدە » قوشماق تۇغقانلار» ياشاۋاتىدۇ. 500مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يېتىمخانىلاردا سولۇنۇپ يېتىۋاتىدۇ. 

 قارىغاندا، ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنى ئۇكرائىنانىڭ ئەتىسى بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. خۇددى ئۇكرائىنانىڭ بۈگۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنۈگۈنى بولغىنىدەك…
 
پۇتىن بۈگۈن ئۇكرائىنا ۋەكىللىرى بىلەن بېلارۇسىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، ئىككى مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەش ئۈچۈن. ماۋ زېدوڭ  بۇنىڭدىن 73 يىل ئاۋۋال، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنى ئىككى مىللەت تەقدىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا دەۋەت قىلغان. ئۇيغۇر ۋەكىللەر ستالىننىڭ «قوللىشى» بىلەن  يولغا چىقىپ، سەپەر ئۈستىدە «ئايروپىلان قازاسى»دا جان ئۈزگەن…
  
مانا بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇكرائىناغا ھەۋەس ۋە ھەسەت قىلىشىنىڭ سەۋەبىلا ئەمەس، بۇ يەنە  خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا  مەمنۇنىيەت بىلەن قارىشىنىڭمۇ ئاساسى سەۋەبلىرىدىن بىرى. چۈنكى بۇ ئۇرۇش خەلقئارا جامائەت پىكىرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توسالغۇسىز داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر يەر يۈزىدىن يوقىتىۋېتىش غايىسى ئۈچۈن ئالتۇندەك بىر پۇرسەت بېرىدۇ.

شۇڭا ئەگەر بۈگۈن بىر مۆجىزىلىك پۇرسەت بولۇپ، بىرلىرى شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن:«ئۇكرائىنالىقلارغا دەيدىغان سۆزىڭىز بارمۇ ؟ »  دەپ سوراپ قالسا، ئېرىشىدىغان جاۋاب مۇنداق بولۇشى مۇمكىن: «ئەي تەلەيلىك ئۇكرائىنالىقلار، يېرىمىڭلار قىرىلىپ كەتسەڭلارمۇ، ئۇرۇشنى توختاتماڭلار. بولمىسا بىزگە ئوخشاش ھەممىڭلار  قىرىلىشقا يۈزلىنىسىلەر!» 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىستانبۇلدىن باشلانغان 8- مارتتىكى مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر

پە مارت 10 , 2022
ئىستانبۇلدىن باشلانغان 8- مارتتىكى مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر

You May Like