ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە ياردەم بېرىشتە مۇستەقىل دۆلەتلەردىن قېلىشمىدى

ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە ياردەم بېرىشتە مۇستەقىل دۆلەتلەردىن قېلىشمىدى

 ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە ياردەم بېرىشتە مۇستەقىل دۆلەتلەردىن قېلىشمىدى

ئامىنە ۋايىت سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 10-فېۋرال

6-فېۋرال سەھەر سائەت 4 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە ۋە چۈش سائەت 13 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە قەھرىمان ماراشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ۋىلايەتتە تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يۈز يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەردى. ئاپەتتە 18991 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 76 مىڭ كىشى يارىلاندى. ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنا سانى 6444 گە يېتىپ، زىيانغا ئۇچرىغان بىنا سانى 11 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. 15 مىليون خەلق بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىدى.( 10-فېۋرال سائەت 16:00 دىكى مەلۇماتقا ئاساسەن).

ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەر تۈركىيەگە ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم قىلدى ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەر قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى تۈركىيەگە ئەۋەتتى. ئەلۋەتتە بۇ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە ياردەم ئۆمىكىنىڭ ئەڭ بېشىدا،  ۋەتەن ئىشقىدا يۈرەكلىرى كۆيۈۋاتقان ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولدى.

ئاپەت يۈز بەرگەن كۈندىن بۈگۈنگىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا تۈركىيەگە بولغان ھېسداشلىقىنى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا قولىدىن كېلىشىچە ماددىي ياردەم قىلدى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە ئاپەت رايونىغا بېرىپ ئىزدەش، قۇتقۇزۇش، ئاپەت رايونىغا نەرسە-كېرەك تارقىتىش، يېمەكلىك تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلماقتا. 

ئامېرىكىدا ياشايدىغان كارخانىچى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى قۇززات ئالتاي ئۆزىنىڭ ئېنىستگرام ھېسابىدا شىركەت نامىدىن  ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن يىغىلغان جەمئىي 256 مىڭ ئامېرىكا دوللارنى ئاپەتكە ياردەم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ياردەم چاقىرىقى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بىر مىليون تۈرك لىراسى يىغىلغان بولۇپ، بۇ پۇلغا ئېلىنغان يېمەك -ئىچمەك،  داۋالاش بۇيۇملىرى،  قىشلىق  كىيىم -كېچەك، بوۋاق لازىمەتلىكلىرى قاتارلىق ياردەم بۇيۇملىرىنى(جەمئىي ئۈچ يۈك ماشىنىسىدا 60 توننا ئېغىرلىقتا) قەھرىمان ماراشنىڭ مەركىزىگە ئېلىپ بېرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە تارقىتىپ بەردى.  سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى بىلەن بىرلىكتە 4 دانە چوڭ چېدىر سېتىۋېلىپ( 50 كۋادرات مېتىر ) ئاپەت رايونىغا شەرقىي تۈركىستان چېدىرىنى قۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى كىشىلەرگە ياشاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەن.  سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ئاپەتكە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر  4 كۈندىن بېرى   1500دىن2000 كىشىگىچە ئۇيغۇر پولۇسى ئېتىپ، ئۆي ماكانسىز قالغان خەلققە ۋە ئاپەت رايونىدا قۇتقۇزۇش خىزمىتى قىلىۋاتقان خادىملارغا تارقاتقان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغىنى، قەيسىرىيەدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان 7 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا ئىچىدىكى مۇھەممەت ۋە ئوسمانجان ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر  قەھرىمان ماراشنىڭ ئەلبىستان رايونىدا بىنا ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان ئىككى كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىققان.  

«ئىلى مەشرەپ ۋەخپى»، «شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى» ھەمدە ھەبىبۇللا كۈسەن باشچىلىقىدىكى پىدائىيلار گۇرۇپپىسى ۋە ئۇيغۇر مەھەللە قۇرۇش گۇرۇپپىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن  ئاپەت رايونىغا قاراپ ياردەمگە ئاتلانغان بولۇپ، «ئىلى مەشرەپ ۋەخپى» 120 مىڭ تۈرك لىراسى ، پىدائىيلار گۇرۇپپىسى ۋە ئۇيغۇر مەھەللە قۇرۇش گۇرۇپپىسى 130 مىڭ تۈرك لىراسى قىممىتىدە ياردەم بۇيۇمى تارقاتقان. بۇنىڭدىن سىرت ئاپەت رايونىغا بارغان  يۇقىرىقى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە پىدائىيلار 4 كۈندىن بېرى  ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان خاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىسكەندېرون رايونىدا بىر گۇرۇپپا  ھەر كۈنى 2000 كىشىلىك پولۇ ئېتىپ تارقاتسا، بىر گۇرۇپپا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قىلغان. يەنە بىر گۇرۇپپا بولسا يارىدارلارغا ياردەم تارقىتىش ۋە مال چۈشۈرۈش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن.

«شەرقىي تۈركىستان ياشلار دەرنىكى» مۇ بۇ قېتىمقى ئاپەتتە ئەڭ كۆپ ياردەم قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن بىرىنچى كۈنى بىر گۇرۇپپا ئادەم ئاپەت رايونىغا قاراپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلانغان. تەشكىلات باشلىقى ئىلھام تۇرانلىنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن ھەر تەرەپتىن يىغىلغان بىر يۈك ماشىنىسىدا ماددىي ياردەم ( قىشلىق كىيىم-كېچەك، يېمەك -ئىچمەك، تازىلىق بۇيۇملىرى، يوتقان -كۆرپە ، بوۋاقلار لازىمەتلىكلىرى) ئىككىنچى گۇرۇپپا پىدائىيلار بىلەن ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىلگەن.

«شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» مۇ ئۆزىگە باغلىق تارماق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئىزچىل  ھالدا ئاپەت رايونىغا ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملەردە بولدى ۋە ئاپەت رايونىدىكى بىر قانچە ئائىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ئىستانبۇلغا قايتۇرۇپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇللا ئالىمنىڭ مېيىتنى ئىستانبۇلغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىپ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. 

تەشكىلاتقا باغلىق بولغان «نۇزۇگۇم كۈلتۈر» ۋە «ئائىلە دەرنىكى» مۇ ھەر تەرەپتىن ئىئانە توپلاش ئارقىلىق  خېلى كۆپ مىقداردا نەق پۇل ياردەم قىلغاندىن سىرت «ھېرا مەكتىپى» بىلەن ھەمكارلىشىپ، نەچچە يۈز كىشىلىك  
  قىشلىق كىيىم-كېچەك ۋە ئاپەت رايونىدا كەمچىل بولۇۋاتقان ئاخىرەتلىك بۇيۇملارنى  تىكىپ ئەۋەتكەن. ئۇلار نۆۋەتتە يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئۆي-ماكانسىز قالغان خەلقلەرگە ئەۋەتىش ئۈچۈن  كۆپ مىقداردا   يوتقان -كۆرپىلەرنى ھازىرلىماقتا. 
  
«شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» گە باغلىق «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى» ۋە «يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» دىن 60 كىشىلىك پىدائىيلار گۇرۇپپىسى ئاپەت ئەڭ ئېغىر يۈز بەرگەن قەھرىمان ماراش ۋىلايىتىدە ھەر كۈنى 4000_5000 كىشىلىك پولۇ ئېتىپ ھەرقايسى چېدىرلارغا تارقاتماقتا.  

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس» باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، « ئىلى مەشرەپ ۋەخپى» باشلىقى جۈرئەت غۇلجا ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى» ۋەكىلى ھەبىبۇللا كۈسەن ئەپەندى ۋە « ياشلار دەرنىكى» باشلىقى ئىلھام تۇرايلى ئەپەندى قاتارلىقلار بىردەك ھالدا :« بۇ قېتىمقى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، تۈركىيە تۇپراقلىرىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەرگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ھەر ۋاقىت تۈركىيە دۆلىتىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قۇلىدىن كەلگىنىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەرد ، ياردەم سۆيەر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بېشىدا ئوت كۆيۈپ، ئېغىر دەرتنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ،  قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ، قېرىنداشلىق ۋە ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتىنى ئاخىرغىچە ئادا قىلىدىغانلىقىنى» ئېيتىشتى. «ۋەتەندە خەلقىمىز ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كەتتى،  يېمەك ئاپىرىپ بېرەلمىدۇق، ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتتى،  بېرىپ قۇتقۇزالمىدۇق، كۆز ئالدىمىزدا قېرىنداشلىرىمىز بولغان تۈرك خەلقى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى ئەلۋەتتە بېرىپ ياردەم قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز» دېدى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى. 

شۇنداق ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا مېھرىبان، كۆيۈمچان ۋە ۋىجدانلىق خەلق. ئۆزى ئاچ قالسىمۇ مېھمىنى كۈتىدىغان،  ئۆزى قىيىنچىلىق تارتسىمۇ قېرىندىشىنىڭ قىيىنچىلىقى ئۈچۈن ياردەمگە بارىدىغان،  قېرىنداشلىرىنىڭ كۈلكىسىگە كۈلۈپ ، يىغىسىغا يىغلىيالايدىغان ئاقكۆڭۈل، ۋاپادار خەلق.

مۇشۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كۆرۈلۈپ تۇرۇپتىكى  گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى،  دۆلەت بانكىسى، مەخسۇس تەربىيەلەنگەن قۇتقۇزۇش خادىملىرى بولمىسىمۇ،  قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى ياردىمى، ياردەمگە بارغان پىدائىيلار سانى ھەرقانداق بىر مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭكىدىن كەم بولمىدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دۇنيا بانكىسى تۈركىيەگە 1مىليارد 750 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

شە فېۋرال 11 , 2023
دۇنيا بانكىسى تۈركىيەگە 1مىليارد 750 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

You May Like