ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئ‍شلەنگەن «شاۋقۇن ۋە سۈرەن»ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم رەسمى قويۇلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 19-ئۆكتەبر

فىلىم 19-ئۆكتەبر قويۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئابدۇۋەلى ئايۇپ نەق مەيداندا فىلىم ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئايۇپتىن ئىگەللىشىچە، «شاۋقۇن ۋە سۈرەن» ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئىلھام توختىنىڭ تۇتۇلۇشى، ئۇنىڭ ھاياتى، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا قىلغان لېكسىيەلىرى ۋە شۇ لېكسىيەلەرنى تەشكىللىگەن، ئوقۇغۇچسىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئالى مەكتەپتىكى پائالىيەتلىرى بىلەن باشلىنىدۇ. فىلىمدە ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىنكى دادىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن مۇھاجىرەتتە كۆرۈشىشى، سۆھبىتى سۈرەتلىنىدۇ. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 2018-يىلدىن باشلاپ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلاردىن پاكىتلارنى توپلاش، تۈرگە ئايرىپ ھۆججەتلەشتۈرۈش، كىشىلەرنى گۇۋاھچىلىققا تەشكىللەش، مۇخبىرلارغا گۇۋاھچىلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرى، ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى، ئۇيغۇر پاجىئەسىنىڭ خەلقئارالىشىشى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر گۇۋاھچىلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى دەلىللەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانلىقى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى يورۇتۇلىدۇ. جەۋھەرنىڭ ئامېرىكادا يۇقۇرى قاتلام سىياسىيونلار بىلەن قىلغان ئۇچرىشىشلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قىلغان ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئارخىپىنىڭ تۇتقۇنلارنى ۋە لاگىرلارنى ئارخىپلاشتۇرۇشتا قىلغان خىزمەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. فىلىمنىڭ ئاخىرى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ھېلىمۇ ئانا تىل تەتقىقاتى، يېزىقچىلىق ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا نورۋېگىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن دەلىللەرنى توپلاشقا داۋام قىلىۋاتقانلىقى، جەۋھەرنىڭ داۋاملىق قىزغىنلىق بىلەن خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئەرباپلار بىلەن مۇلاقاتلارغا داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلەن ئاياقلىشىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوللىغانلار -ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ئ‍ەمەس!

سە ئۆكتەبىر 24 , 2023
ئەكرەم ئۇيغۇر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئ‍نسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھىشى جىنايەت-ئىرقى قىرغىنچىلىق 7 يىلدىن بىرى داۋاملىشۋاتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمىگە شىرىك بولۇشىنى تاللىغان ھەر قانداق جىنايەتچىلەرنىڭ شەرەپسز نامى ئ‍نسانيەت تارىخىدىن ھەرگىز ئۆچمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دات-پەريادى، يېغا-زارى،قان-زەردابلىرىنى يالغانغا چىقارغانلار، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە بىلەت تاشلىغانلار -نە ئەخلاق، نە دىن، نە ئىمان، نە ئ‍نسانلىقتىن نەسۋىسى بولمىغان كوللىكتىپ جىنايەت شىرىكلىرىدۇر. […]
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى

You May Like