ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن 60 كىشىلىك ياردەم گۇرۇپپىسى ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى

ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن 60 كىشىلىك ياردەم گۇرۇپپىسى ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى

 ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن 60 كىشىلىك ياردەم گۇرۇپپىسى ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى 
ئېھسان شۈكران
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-.يىلى 9-فېۋرال
8-فېۋرال كۈنى كەچتە << خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى>> نىڭ باشچىلىقىدىكى 60 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئاپەتكە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى يەر تەۋرىگەن رايونغا قاراپ يولغا چىققان.
تۈركىيەدە 7.6 بال قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن << خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى>> باشچىلىقىدا ئاپەتكە ياردەم بېرىش پىدائىيلار گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ ئاپەت رايونىغا بارغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ماسلىشىشچانلىق بىلەن ئاپەت رايونىغا قارىتا ھەرخىل تۈردىكى ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارغان بولۇپ، خەلق تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن ھەمدە سوتسىيال مېدىيادىمۇ ياخشى تەسىر قوزغىغان. 
ھازىر ئىنتېرنېت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللىنىپ ئاپەت رايونىدا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 200 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن يىغىلغان ماددىي بۇيۇملارنى ئىئانە قىلىش، ئاپەت رايونىدىكى كىشىلەرنى تونۇر نېنى ۋە تاماق  بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلماقتا.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئادرىئان زەنز باشچىلىقىدا كوممۇنىزم خاتىرە فوندىدىن يېڭى نەتىجە

جۈ فېۋرال 10 , 2023
ئادرىئان زەنز باشچىلىقىدا كوممۇنىزم خاتىرە فوندىدىن يېڭى نەتىجە: 5 مىليون سانلىق مەلۇمات ۋە 730،00 شەخسى ئۇچۇر كىرگۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر سانلىق مەلۇمات ئىزدەش ئامبىرىنى ئېلان قىلدى

You May Like