ئۇيغۇرىئان:قىز دوستۇم بىلەن رەسمى نشانلاندۇق

ئۇيغۇرىئان

ئۇ -مەن سۆيۈنىدىغان مەنىۋى قىممەت ۋە ئىنسانى خسلەتلەرنى مۇجەسسەملىگەن، ياخشى تەربىيەلىك قىز..ئەسلى مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يتەرلىك ئىدى..

ئەمما ئۇ يەنە-مىنىڭ كىملىكىم، ئۆتمۈشۈم، مەدەنىيتىم، غايىلىرىمنى ئاللىقاچان ئۆز ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى،مەن ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىق قىلدى. مىنى ئۆزۈم بولغانلىقىم ئۈچۈن ياخشى كۆردى. مىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تەرەققىيات ساھەسدىكى خىزمەتلىرىمنى ئاللىقاچان قوللاشقا باشلىدى.

مەن سابىق ئايالىمنى چەكسز ھۈرمەت قىلىمەن.

مەن ئۇنىڭ ماڭا، قېزىمغا كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلقىغا رەھمەت ئىيتىمەن، مەن سەۋەبلىك تارتقان جاپالىرى ئۈچۈن مەڭگۈ كەچۈرۈم سورايمەن.

ھۈرىيەت، مەن سزگە قەرزدار!

مەن سابىق ئايالىم بىلەن قايتا جەم بولۇش، ئۇنىڭدەك مۇكەممەل، مېھرلىك ۋە سۆيۈملۈك بىر ئۇيغۇر قېزىغا ئىرىشش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم. مۇمكىن بولمىدى… غايەمدىكى ئۇيغۇر قىزى-مەن ئەڭ كۆپ ئىزدىگەن، ئەمما ئۇچرىشالمىغان بىر تەسەۋۇر پىتى قالدى.

قىرغىنچىلىق ۋە سەرگەردانچىلىق ئارىسدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇش ۋە ئەڭ كۆپ قارشلاشقۇچى بولۇش سۈپىتىدە، مەن ئۆتكەن 7 يىلدا، كۆپ چارچىدىم، دۇچ كەلمىگەن تۈرلۈك جاپالار قالمىدى… ئاغرىپ ياتتىم، بەزىدە ئاغرىغاندا، ھەتتا 2 ھەپتە يالغۇز ياتتىم. ئۆلۈپ كەتسەم ھىچكىم بىرەر ئايغىچە بىلمەسلىكىمۇ مۇمكىن ئىدى، ئۇيقۇسز يۈزلىگەن كىچىلەرنى ئۆتكۈزدۈم، كەلگۈسدىن ئۈمىتسزلەنگەن چاغلىرىممۇ بولدى.

ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇق. بۇمۇ يەنە ۋەتەنسزلىك ۋە سياسى كۈچلەرنىڭ مەجبۇرى ۋە سۈنئى ئايرىۋىتىشى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن ئامالسزلىقنىڭ گۈزەل نەتىجىسى ئىدى..ئىككى قېتئە، ئىككى ئوخشمىغان مەدەنىيەت، ئىككى روھ…ئۆزگىچە ۋاقىت ۋە مۇھىتتا ئۇچراشتى..

دەيدىغان يۈزلىگەن ھېكايىلەر بار، قىلىدىغان مىڭلىغان ئىشلار بار، ئەمما ئۆلمىسەك ياشايدىغان بىرلا ھايات بار، ئۇ ھايات-پەقەت مۇھەببەت ۋە كۆرەش بىلەنلا قىممىتىنى تاپىدۇ.

ئۇ ماڭا: «مەن ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنپ، ساڭا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بىرىمەن، لەغمەن ئېتىشنى ئۆگىنىمەن، پەرزەنتىمىزنى ئۇيغۇر قىلىمىز، مەن ھېچبولمىسا ساڭا مەنىۋى تۈۋرۈك بولىمەن..» دىدى.

مەن ئۇنىڭغا: «مەن ھەر قانداق چاغدىمۇ سنى سۆيىمەن، قوغدايمەن، ئاسرايمەن.» دىدىم.

شەخسى ھاياتىمىز-ئۆزىمىزگىلا تەۋە ئىدى..ئەمما ئۇ دەخلىگە ئۇچرىدى…پايخان قىلىندى.

مۇھىم ئ‍شلارنى ئورتاقلىشپ كەلگىنىمدەك، خەلقىمگە چاي بىرىشتىن بۇرۇن، بۇ خوشاللىقىمنى، مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى دوسلارغا بىلدۈرۈش زۆرۈرىيتى بىلەن بىلدۈرۈپ تۇرۇپتىمەن.

تاللىشىم- ھەممە كشنى رازى قىلالىشى ناتايىن. ئەمما مىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ چۈشنىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن. يۈرىكىمدىكى مۇھەببەت -كەلگۈسى ئايالىمغا قانچىلىك يەتكەن بولسا، مىللىتىمگە شۇنچىلىك يتىدۇ.

ھۈرمەت ۋە دوستانە تەبرىكلەرگە رەھمەت.

2024-يىلى، 5-نويابىر

https://www.facebook.com/permalink.php?story_fbid=pfbid02BDbHUpbyywm7SW6jRCTXQk19pZv8gXAPtwP9eu5Gtu3rCm6yS898R8VqRsazPZ2Zl&id=100063664924168

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تەرجىمە خەۋەر: قاتار خاماس سياسى رەھبەرلىرىنى دەرھال ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى.

شە نويابىر 9 , 2024
9-نويابىر قاتار خاماسنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرىدىن غەززەدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە ھاماس تۇتقۇن قىلغان گۆرۆلەرنى قويۇۋېتىش ئۈچۈن ئىسرائىل بىلەن توختام تۈزۈشكە ۋاسىتىچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق مەزگىل تۇرۇشىغا يول قويغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىردى. قاتار بۇ قارارنى ئامېرىكا بىلەن ماسلشپ چىقارغان بولۇپ، 10 كۈن بۇرۇن خاماس رەھبەرلىرىگە […]

You May Like